بۈگۈن بايراممۇ؟
بىزدە بىر بايرام بار ھېيىت بايرىمى، بىزدە بىر بايرام بار نەۋرۇز بايرىىمى. بىزدە بىر بايرام بار خەتمە بايرىمى، بىزدە بىر بايرام بار ئۇ توي بايرىمى.
جەريان
لىق مېھىر ئۆركەشلەپ ئاققان قىنىدە، ئانىجان-گۈزەل قىز سۆيگۈ سىپىدە. يەنە ھەم ھاردۇقلۇق خىزمەت دەستىدىن، بەلكىم ئۇ ياش تۆكەر بۈگۈن كېچىدە.
قىنى خوش كىلەيلى ئەسلى گەپكە بىز، قۇلاق سال زەن قويۇپ ئاڭلا گۈزەل قىز. ئاتايمىز بىر كۈنى بىز سىنى ئانا، ئويلاپ باس قەدەمنى قالدۇر توغىرا ئىز.
بۈگۈننى سەن بايرام دىمەيلا قويغىن، شاتخۇرام قىزلارغا قويۇڭنى سويغىن. ئۇ مىللەت غورۇرى، مىللەت يىلتىزى، تەڭ كۈلگىن بۈگۈندە كۈلكىگە تويغىن.
مۇبارەك ھۆسىنىگۈل خانىم-قىزلىرىم، سىنىڭدە ئۈزۈلمەس ئەۋلاد ئىزلىرىم. يۈكلىنەر بىر ئۆينىڭ كۈلپىتى ساڭا، قوبۇل ئەت گۈل سۇناي پۈكۈپ تىزلىرىم.
گۈل باغنىڭ لەيلاسى گۈلشەن رەناسى، كۆزلىرىڭ مەس قىلسا يوقتۇر داۋاسى. گۈل قىسىش پۈتۈلسە ئەگەر چىكىگە، سەن گۈلدىن قىسدۇ ئەلنىڭ داناسى.
مەن بايرام قىپ بېرەي كەلگىن تارتىنماي، ئەتلەستە ئورانغىن بولۇپ ھىلال ئاي. يۇلتۇزلار چاچ ئۆرۈپ بولسۇن پايپىتەك، چىقمىسۇن خىجالەت چىكىپ تۇلۇن ئاي.
دېمىگىن بۈگۈنلا مېنىڭ بايرىمىم، سەن كۈلسەڭ مەن ئۈچۈن كۈندە ئايىمىم. بايان ئەت ياد ئەيلە ئەسلى-نەسلىڭنى، دېمىدى <<بۇ>> بايرام مېنىڭ تارىخىم.
قانداقتۇر ئەگىشىش مودىدۇر بۈگۈن، سىرىتماقلاپ بويۇننى باغلىدى يۈگۈن. ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇرچە ياشاپ باقايلى، قىزلىرىم يىشىلسۇن كاللىدىن تۈگۈن.
يات ئىللەت، ئادەتكە سىلىشمىغاچ تام، يېغلايدۇ بىزدىكى ئۇيغۇر دېگەن نام. ئۈگەنگىن يۈسۈپ ۋە مەخمۇت بوۋىدىن، بىزلەردە ئىلىم كام، ھېكمەتلىرىڭ خام.
شۇ سەۋەپ ھاياسىز يۈرىيدۇ ئايىم، قورقۇشتا گەپ قىلماس بىلى بوش سايىم. سۆز باشقا، دىن باشقا، ئادىتىڭ ھەم شۇ، بىلىۋال، يادىلا تۇتمىسۇن ئاھىم.
بىرىدىن سورىدۇم بايرىمىڭ نېمە، دېمىدى ئۇ ھىچ بىر بايرىمىم روزا. لېكىن كۆپ ئۇيغۇرۇم ئاشىق-مەشىق بوپ، بايرام دەپ كېچىلەر سۇندۇردى كوزا.
بىرى ئەكىلىپ سوۋغاتقا بىر ئالما، ھەم دېدى ئۇ تىخى سەن غىرىپ قالما. ئولتۇرسام ئۆكسۈشتە يۈرەك ئىچىشىپ، ياشايمىز قوپ دېدى يەنە بىر لالما.
مانا بۇ باشلىنىش سىلكىنىش كېرەك، شالغۇتلۇق باسماقتا ئىچىشار يۈرەك. بىلگەنلەر توسايلى ئىزىشقانلارنى، قول بەرگىن بولايلى مىللەتكە تېرەك.
بىزدىكى بايرامنى كۆرمىدىم ھىچ ئاز، ھەم تېخى بىزنىڭكى بىلمىدىڭمۇ ساز. ئوينايلى ئۆزىمىز شالغۇتسىزلىقتا، بولمايلى ئۆزگىلەر ئالدىدا مات، ماز.
خانىمىم، قىزلىرىم سەن ئوبراز تۇرساڭ، شۇنداقكى يوللاردا ياتلارچە ماڭساڭ. بىز قانداق ئېيتىمىز ئۇيغۇر قىزى دەپ، بۈگۈننى بايرام دەپ سامانى سالساڭ.
بۈگۈن بايرام ئەمما ئەمەس ئۇ سىنىڭ، ئەمدى قايتا دېمىگىن بايرام مېنىڭ. ئەنگىلىسمۇ، پارىس روسمۇ ئەمەسسەن، پەخىرلەن تومۇردىكى ئۇيغۇر قىنىڭ.
خاتىمە
قىلايلى قەدرىنى ھېيىت - بايرامنىڭ، قوي سويۇپ ئوخشاشلا نەۋرۇز بايرامنىڭ. سۆيەيلى مەغزىگە خەتمە بايرامنىڭ، بەختىنى تىلەيلى تويلۇق بايرامنىڭ.
بەختىيار مامۇت چـــــــــــــــۈش 2014-يىلى 3-ئايىنىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچــــــــــــــى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-8 05:20 PM
|