|
|
|
|
ھەربىر ئادەمنىڭ يانفون ئىشلىتىشتىكى ئادىتى ئوخشىمايدۇ ، ھەممە ئادەمدە ئازدۇر كۆپتۇر يامان ئادەتلەر بار بولىشى مۇمكىن . يانفون ئىشلىتىشتىكى بەزى يامان ئادەتلەر سىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزغا ، يانفونىڭىزغا ۋە شۇنداقلا سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزگە خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئەگەر سىز تۆۋەندىكى يانفون ئىشلىتىشتىكى يامان ئادەتلەرگە دىققەت قىلمىغان بولسىڭىز بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىڭ
. 1. يانفونغا پارول بېكىتمەسلىك
2.يانفون تور بانكىسىنىڭ كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال سوممىسىنى بەك يۇقىرى تەڭشەش
3.تور ئادېرىسى ئۇلانمىلىرىنى خالىغانچە ئېچىش
4.WiFi , GPS نى ھەرۋاقىت ئوچۇق قۇيۇش
5.ئەتراپتىكى WiFi غا خالىغانچە ئۇلاش
6.يانفون ئېكرانىغا ئەزەلدىن قوغدىغۇچى يالتىراق چاپلىماسلىق
7.يانفوننى پات-پات تازلاپ تۇرماسلىق
8.باتارېيەنىڭ تۇكى پۈتۈنلەي قالمىغاندا ئاندىن زەرەتلەش
9.ماشىنا ھەيدىۋېتىپ يانفون ئىشلىتىش
10.يانفوندىكى ماتېرىياللارنى پات پات زاپاسلاپ تۇرماسلىق
يۇقىرقىسى كىشىلەر يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا سادىر قىلىش ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان 10 تۈرلۈك يامان ئادەت ، ئەگەر يانفونۇمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ، مال،مۈلۈكۈم ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىمغا زىيان يەتمىسۇن دېسىڭىز تۆۋندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ .
1. يانفونغا پارول بېكىتمەسلىك
خەتىرى : پارول بېكىتمىسىڭىز يانفوندىكى رەسىم ، ئالاقىلاشقۇچىلار ، ئىلخەت .... ھەر خىل شىەخسى ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەتىرى ناھايىتى زور . يانفونىغا تېخىچە پارول بېكىتمىگەنلەر دەرھال پارول بېكىتىڭلار .
2.يانفون تور بانكىسىنىڭ كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال سوممىسىنى بەك يۇقىرى تەڭشەش
خەتىرى: ھازىر نۇرغۇن بانكىلارنىڭ تور بانكىسىنىڭ يانفون نەشىرى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفون ئەپلىرى كىشىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ تور بانكىسىغا كىرىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن «ھىسابات نۇمۇرىنى ۋە پارولنى ئەستە تۇتۇش»، «ئاپتۇماتىك كىرىش» قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى .ناۋادا يانفونىڭىز بىرەرسىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالسا يانفونىڭىزدىكى تور بانكىسى ئارقىلىق ھېچقانچە قىينالمايلا بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنى ئۆزىنى ھىساباتىغا يۆتكىيەلەيدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يانفونىڭىزدىكى تور بانكىسى دېتالىنى «پارولنى ئەستا تۇتىدىغان » قىلىپ قويماڭ ، تور بانكىسىنىڭ كۈنلۈك ئىستىمال سوممىسىنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەڭ .
3.تور ئادېرىسى ئۇلانمىلىرىنى خالىغانچە ئېچىش
خەتىرى: QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە تور بەت ئېلانلىرىدا كۆرۈنگەن تور ئادېرىسى ئۇلانمىلىرىنى خالىغانچە ئاچقاندا ئەگەر سىز ئاچقان ئۇلانما يامان نىيەتلىك دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى بولسا يانفونىڭىزغا پۇل تۇتىدىغان ، ياكى ئېقىم ئوغۇرلاريدىغان ئەپ چۈشۈپ قالسا يەنىلا ئۆزىڭىزگە زىيان ، شۇڭا ئۇلانمىلارنى خالىغانچە ئاچماڭ .
4.WiFi , GPS نى ھەرۋاقىت ئوچۇق قۇيۇش
WiFi, GPS ۋە كۆك چىش قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت ئوچۇق قۇيغاندا يانفوننىڭ باتارېيەسى بەك تېز خۇرايدۇ ، يانفونىڭزنىڭ تۇكى بىردەمدىلا تۈگەپ كېتىدۇ ، يانفونىڭىز ئاسان قىزىيدىغان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، شۇڭا WiFi, GPS ۋە كۆك چىش ئىقتىدارىنى پەقەت سىزگە لازىمى بولغان چاغدىلا ئېچىڭ .
5.ئەتراپتىكى WiFi غا خالىغانچە ئۇلاش
ئەتراپتىكى نامەلۇم WiFi غا خالىغانچە ئۇلاپ مەشخۇلات قىلغان ۋاقتىڭىزغا باشقىلارنىڭ سىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن . سىز يانفونىڭىزنى باشقىلار تارقاتقان سىمسىز تورغا ئۇلاپ مەشخۇلات قىلغاندا سىز كىرگۈزگەن ھىسابات نۇمۇرى ، پارول قاتارلىقلارنى باشقىلار ناھايىتى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدۇ ، شۇڭا بىخەتەرلىكىڭىزنى كۆزدە يانفونىڭىزنى نامەلۇم سىمسىز تورغا خالىغانچە ئۇلىماڭ .
6.يانفون ئېكرانىغا ئەزەلدىن قوغدىغۇچى يالتىراق چاپلىماسلىق
بەزىلەر يانفونغا قوغدىغۇچى يالتىراق قوغداشنى پەقەتلا ياقتۇرمايدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە يانفوننىڭ ئېكرانىغا قوغدىغۇچى يالتىراق چاپلاش ئۇشۇقچە ئىش بولۇپ ئۆزى سەل ئاۋايلىسىلا ھېچ ئىش بولمايدىكەن ، يانفوننىڭ ئېكرانىغا يالتىراق چاپلاپ يانفوننى سەتلەشتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن . لېكىن سىز تاسادىبى ئىش يۈز بېرىپ يانفون قولۇمدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ ، ئىھىياتسىزلىقتىن سىزىلىپ كەتمەيدۇ دىيەلەمسىز ؟ 10 يۈەنلىك يالتىراق چاپلاشنى ئېغىر كۆرۈپ ئاخىرىدا نەچچە يۈز يۈەنگە ئېكران ئالماشتۇرۇشنىڭ ياكى يانفون ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟
7.يانفوننى پات-پات تازلاپ تۇرماسلىق
بەزىلەر يانفونىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك دېتالى قاچىلىمايدۇ ، يانفونىنى پات پات تازلاپ تۇرمايدۇ ، بىر قانچە ياكى 10 نەچچە ئەپنى ئارقا سۇلىدا ئىجرا قىلىپ قۇيۇپ كارى بولمايدۇ ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ يانفونى كۈنسېرى ئاستىلاپ كېتىدۇ .يانفونىڭزىدىكى كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازلاپ تۇرۇڭ ، ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەرنى ئارقا سۇپىدىلا قۇيۇپ قويماي ئۆچۈرۋېتىڭ .
8.باتارېيەنىڭ تۇكى پۈتۈنلەي قالمىغاندا ئاندىن زەرەتلەش
باتارېيەنىڭ تۇكى پۈتۈنلەي قالماي يانفون ئۆچۈپ قالغاندا ئاندىن توك قاچىلاشنىڭ يانفوننىڭ ئۆمرى ۋە سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور .
يانفوننىڭ توك مىقدارى %15 تىن تۆۋەن ۋاقىتتىكى رادېئاتسىيەسى نۇرمال چاغدىكىنىڭ 10ھەسسىدىن ئارتۇق ، بۇنداق ۋاقىتتا تېلېفوندا پاراڭلاشسىڭىز سىز ئۇچرايدىغان يانفون رادېئاتسىيەسى نۇرمال چاغدىكىنىڭ 30--40 ھەسسىگە تەڭ ، شۇڭا يانفوننىڭ توك مىىقدارى ئاز قالغاندا ئامال بار يانفوننى ئىشلەتمەڭ
باتارېيەنىڭ توكى بەك ئاز قالغاندىمۇ يانفوننى ئىشلىتىۋەرسىڭىز يانفوننىڭ باتارېيەسىنىڭ ئۆمرى قىسقىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
9.ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلىتىش
بىخەتەرلىك بىرىنجى ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتى ئۈچۈن يانفون ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلەتمەڭ
.10.يانفوندىكى ماتېرىياللارنى پات پات زاپاسلاپ تۇرماسلىق
يانفوندىكى رەسىم ، ئالاقىلاشقۇچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز يۇقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يانفوندىكى ماتېرىياللىرىڭىزنى زاپاسلاپ قۇيۇڭ .
مەنبەسى : http://www.ithome.com/html/out/75727.htm
تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچى : azrat705
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-8 04:17 PM
|
|
|
|
|
|