مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2536|ئىنكاس: 2

ئۇيكوم سېستىمىسى بىز ئۈچۈن نېمىش قىلالايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 01:39:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!
سىلەرنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلار بىلەن ئۇزدىل تور بېكىتى ھەم ئۇزدىل تورى تارقاتقان ھەقسىز ئۇيكوم شېركەت سېستىمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان كەمىنە مەردان ئەخمەت بىلەن مەۋھۇم توردۇنياسى ئارقىلىق تونۇشقان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھەر خىل ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەندىن مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۇم. بۇ دوستلىرىمىز ئارىسىدا مېنى مەلۇم بىر خىل كەسپىي توربېكەت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانلارمۇ، ئەسلىدىكى سەبۇرى ئىزدەش ماتورىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلاشماقچى بولغانلارمۇ ۋە ياكى مەخسۇس بېكەت سېستىمىسى تۈزۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلارمۇ بولدى. ئەپسۇس، بۇ قېرىنداشلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قولۇمدا ئىشنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلىدىن ئامالسىز رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى ئۇزدىل تورىنىڭ بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشانى ئېنىق ھالدا ئۇيكوم سېستىمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ سېستىما مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا تۇرمۇش پۇلۇمنى قامدىشىمغا ھەم شۇ چاغدا سەبۇرى تورىنى قۇرۇشۇمغا يېتەرلىك ئىقتىساد تەمىنلەپ بەرگەن سېستىما ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ئادەتتىكى بىر شېركەت سېستىمىسى بولسىمۇ بۇنىڭ كومپىيۇتېر تورتېخنىكىسىغا قىزىقىدىغان دوستلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىر قىسىم كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ياخشى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا دوستلار بىلەن ئاز-تولا پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.
نۆۋەتتە مىللىي كارخانا- شېركەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلدى. شەخسىي ئىگىلىك ياكى تورسودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارمۇ، ئۆزىنىڭ زاۋۇت ياكى دۇكانلىرىنى تور دۇنياسىدا تەشۋىق قىلىشنى خالايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ بىزگە ئۇيغۇرچە شېركەت توربېكىتى ساھەسىدە سودا پۇرسىتى بارلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. سىز ھازىر ئۇيغۇرچە ئۇچۇر تورىغا كىرسىڭىز شېركەتلەر ئۈچۈن تور بېكەت مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئۇچۇرىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى بايقايسىز، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدا تۆۋەن باھادىكى شېركەت بېتى 1000 سوم ئەتراپىدا دېيىلگەن، شۇ ئۇچۇرلاردا ئېلان قىلىنغان بېكەت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى بىز ھەقسىز تارقاتقان ئۇيكوم سېستىمىسىغا يېتىشى ناتايىن، ئۇنداقتا ئۇيكوم سېستىمىسىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە تارقىتىلىشىنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار؟ بىز بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ.


1. بېكەت سېستىمىسىنى تۈزگۈچىلەر ئۈچۈن
ئۇيكوم سېستىمىسى ھەقسىز بۇ سېستىمىنىڭ ئەسلى كودى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ياخشى بولغان ئۆگېنىش ئۈلگە ماتېرىيالى بولالايدۇ.  ئۇيكوم سېستىمىسىدا شېركەت سېستىمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن، سېستىما 1 مىگابايىت ئەتراپىدا، ئۇنىڭغا نۆۋەتتىكى توربېكەت سېستىمىلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇجەسسەملەنگەن، بىخەتەرلىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى. بۇ ئارقىلىق توربېكەت سېستىمىسى تۈزۈشنى ئۆگېنىۋاتقان قېرىنداشلار نەزەرىيۋى ئۆگېنىشتىن ئەمەلىي ئۆگېنىشكە ئۆتۈشتە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر مەنبەگە ئىگە بولالايدۇ.


2. ئۇسلۇب ئاچقۇچىلار ئۈچۈن
ئۇيكوم سېستىمىسىنىڭ پروگرامما قىسمى بىلەن ئۇسلۇب قىسمى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇسلۇب ياساشقا قىزىقىدىغان دوستلار پروگرامما تۈزۈشتىن خەۋىرى بولمىسىمۇ، پەقەت دەسلەپكى css ۋە html سەۋىيەسىگە ئىگە بولسىلا ئۇيكوم ئۈچۈن ئۇسلۇب تۈزەلەيدۇ. بۇ ئۇسلۇبلارنى ھەقسىز تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە توربېكىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ياكى ھەقلىق تەمىنلەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولسا بولىدۇ. ئۇزدىل تورى ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ ھەقتىكى دەرسلىك ماتېرىياللارنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ھەمدە ھەقسىز ئۇسلۇب ياسىغان قېرىنداشلارنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.


3. كارخانىچى ۋە سودىگەرلەر ئۈچۈن
ئۇيكوم سېستىمىسىنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت قىلىش ئوبېيكتى ھەرقايسى زاۋۇت، شېركەت، كارخانا، سودىگەرلەر بولۇپ، شەخسىي تورسودا سۇپىسى قۇرۇشقىمۇ ۋە ياكى باشقا بېكەتلەرنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. سېستىما ھەقسىز تەمىنلەنگەنلىكتىن بېكەت قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە سېستىما سېتىۋېلىش ھەققى تېجىلىدۇ. پەقەت بوشلۇق سېتىۋېلىش، سېستىما قاچىلاش ۋە مەزمۇن يوللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشكە بىر ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسىلا ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن ئۆزىگە خاس توربېكەت ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلالايدۇ. ھەم بۇ ئارقىلىق قىلىنغان تەشۋىقاتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇزدىل تورىمىزمۇ ئۇيكوم سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ھەقسىز تەشۋىقات قىلىپ بېرىدۇ.


4. تورتېخنىكا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن
بۇلارنى ئايرىم تىلغا ئېلىشتىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۆز تېخنىكىسى ئارقىلىق بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش سەۋىيەسىنى ھازىرلاپ بولغان، لېكىن ئۆز ئالدىغا توربېكەت قۇرۇشنى ئاساسلىق يول قىلىپ تاللايدىغانلار كۆپ، شۇنداق توربېكەت قۇرغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغانلار بولسا ناھايىتىمۇ ئاز، سالغان دەسمىيەنىمۇ قايتۇرۇپ ئالالماي يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغانلار كۆپ. ئۇيكوم سېستىمىسى دەل مۇشۇنداق قېرىنداشلار ئۈچۈن مەبلەغ سالماي تۇرۇپ ئىقتىسادىي كىرىم قىلىدىغان پۇرسەت تەمىنلەيدۇ. سىز پەقەت ئەتراپىڭىزدىكى بىرەر كارخانىچى ياكى سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيكوم سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ توربېكەت تۈزۈپ بەرسىڭىز، ھەم بېكەتنى ئاسراش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىپ ھەق ئالسىڭىزلام بولىدۇ. سېستىمىنى ئاسراش ۋە بېكەتنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى بىز ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز.


5. بوشلۇق ۋە تورنام مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەر ئۈچۈن
بىر ئۇيغۇرچە مۇكەممەل بېكەت سېستىمىسى كۆپ بولىدىكەن، ئېنىقكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە نادىر توربېكەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا بوشلۇق ۋە تورنام تەمىنلىگۈچىلەرمۇ پايدا ئالىدۇ. ئۇيكوم سېستىمىسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ بوشلۇققا بولغان تەلىپىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن، سېستىما ئىجرا بولۇش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېز بولۇشىنى بەلگىلىگەن، دېمەك ئەڭ ئەرزان بوشلۇقلاردىمۇ ئۇيكوم سېستىمىسىدا تۈزۈلگەن بېكەتلەر ناھايىتى نورمال يۈرۈشىدۇ. بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەر ماس ھالدا ئۇيكوم سېستىمىسىدا بېكەت قۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتىنى قوشۇمچە تەمىنلەپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرسا بولىدۇ.


يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيكوم سېستىمىسى شېركەتلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس، تور ماھىرلىرىغا ئىقتىسادىي مەنبە تەمىنلەشنى نىشان قىلغان ھالدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ھەقسىز، ئېچىۋىتىلگەن بېكەت سېستىمىسى بولۇپ، ئۇزدىل تورى مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.


http://bbs.uzdil.com/read.php?tid=687

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzdil.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 01:40 AM  


ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7583
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7699 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:19:54 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشىڭلاردىن بەكلا سۆيۈندۈم. ئىشىڭلاردىن  دىللاردا سۆيۈنسۇن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 02:38:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 12:19 AM
بۇ ئىشىڭلاردىن بەكلا سۆيۈندۈم. ئىشىڭلاردىن  دىللاردا س ...

كۆپ رەھمەت، ئاللاھ خالىسا ئىشلىرىمىز تېخىمۇ كۆپلىگەن قېرىنداشلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگۈسى!

ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزى - ئۇيكوم ھەقسىز شېركەت سېستىمىسى http://www.uzdil.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش