تۇمان
(ھېكايە)
تۇرغۇن مىجىت قادىرى
مەن ئۆز ۋاقتىدا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ شوپۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاتام بىلەن ئانام بۇلبۇلدەك سايراپ «ئوغلۇم بىرەر ئىدارىنىڭ شوپۇرلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويايلى» دىسە «بىرەر ئىدارىگە شوپۇر بولسا باشلىقنىڭ مالىيى بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن، ھەتتا شەنبە-يەكشەنبە، ھېيىت-ئايەملەرنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارىدە بىرەر يېرىم مىڭ كوي بىرىدىكەن، بىرەرسىنىڭ شەخسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ بەرسەم قورسىقىمنى ئۈچ ۋاق تويغۇزۇپ، ئىككى ئۈچ مىڭ يۈەن بىرىدىكەن» دەپ ئۆزەمنى قالتىس چاغلاپ بىر ھاجىمنىڭ سانتاناسىنى ھەيدەپ ھاجىم بەرگەن بىر يېرىم مىڭ يۈەننى يالاپ ئىچىپ، ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ھاجىمغا پۇل تېپىپ بىرىپ يۈرۈپتىمەن. بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ شوپۇرلۇك كەسپىدە بىرگە ئوقۇپ كېلىپلا بىر ئىدارنىڭ پىكاۋىنى ھەيدىگەن ساۋاقدىشىم مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. بىز قىزغىن ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇ كېلىش مەقسىدىنى ماڭا ئېييتتى:
ـ ۋىلايەتكە قاتنايدىغان ئىككى ئاپتوبۇس ئالغانتىم ئاداش، ئىشەنچىلىك شوپۇر تاپالماي يېنىڭغا كىلىشىم، ياق دېمەي ھەيدەپ بەرسەڭ بوپتىكەن.
ئىنسان ئاجايىپ مەخلۇق ھە؟! يات بىرسى بىلەن، تونۇشمايدىغان بىرسى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېقىن دوست-ئاغەينىلىرى بىلەن، ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن بىلىپ-بىلمەي بەستلىشىپ قالىدىغان. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىمغا بىرسى كالتەك بىلەن تارسىدە سالغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. چۈنكى بىز ئوقۇش پۈتكۈزگىلى تېخى 10 يىلمۇ بولمىغان ، مەنمۇ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ خوتۇن-بالىلارنى ئاچ-يالىڭاچ قويماي ئاران 20-30 مىڭ يۈەن پۇل يىغقان تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمىدىن مېنىڭ يوقۇرى تۇرسا، مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بولۇپ كەتتىمدە، ئۇنىڭدىن:
ـ بۇ ئىككى ئاپتوبۇسنى ئۆزەڭ يىغقان پۇلغا ئالدىڭما؟- دەپ سورىدىم.
- شۇنداق بولمايچۇ، ئوغۇل بالا دېگەن قەرز ئېلىپمۇ بىرەر نەرسە ئالامدىغان.
- ئاداش، بۇنچىۋالا پۇلنى قانداق يىغدىڭ؟
- قانداق يىغاتتىم،- دىدى ئۇ پەرۋاسىز ھالدا،- بىر ئاي دېگەن 30 كۈن، ھەر كۈنلىكۈمگە كاماندىراپكا ئالىمەن، يەنا ھەر بىر پىكاپنى رېمۇنىت قىلدۇرغاندا ئىنساپ قىلسام بىرەر يۈز يۈەن، بولمىسا تۆت، بەش يۈز يۈەننى ئۇشۇق يېزىپ، رېمۇنۇتخانا خۇجايىنىغا كۆز قىسىپ قويۇپ چىقىپ كىتىپ، يىل ئاخىردا ئىدارە بىلەن ھېساپ-كىتاپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن رېمۇنۇتخانا خۇجايىنى بىلەن ئايرىم ھېساپلىشىۋالىمەن. ئىدارە باشلىقىنىڭ جۇۋىسىنغا كىرىۋالغاچقا ھەر يىللىق ئىلغارلىق، مۇناۋەرلىك مەندىن ئاشسا ئاندىن باشقىلارغا تېگىدۇ، قۇچقاچ گۆشىمۇ گۆش ئەمەسمۇ ئاز بولسىمۇ بۇنىڭ پۇلىمۇ بىكارغا كەلگەندىكىن يامان ئەمەس...
مەن ئادىلنى «ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇزاكىرلىشىپ ئاندىن جاۋابىنى بىرەي» دەپ يولغا سالدىم . پۇل ئاجايىپ نەرسەھە، ئادەمنى نى كۇيغا نى ئويغا سالمايدۇ دەيسىز؟! باشتا بىرەر ئىدارىدە ئىشلەپ قالمىغىنىمغا پۇشمان قىلغانلىقىمنى ئاتامغا دېسەم، ئاتام ۋە ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ بۇ چۈشكۈن روھى ھالىتىمگە چىدىماي ئاتا-ئانام، ئىككى ئاچام ۋە ئىككى يەزنەم بولۇپ ئالتە ئادەم ئالتە تەرەپلەپ كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي چېپىپ، ئاخىرى پىشانەم ئوڭ كەلدىمۇ، ياكى دادامنىڭ پۇلى چوڭ كەلدىمۇ قۇمھويلا بازارلىق ھۆكىمەتنىڭ باشلىقىنىڭ پىكاۋىنى ھەيدەيدىغان بولدۇم.
مانا ھەش-پەش دېگۈچە بىر ئايدىن ئاشتى. بۈگۈن ئادىتىم بويىچە پىكاپنى سۈرتۈپ، بازار باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇرىشىمغا بازار باشلىقى ئۆيىدىن چىقىپ ماشىنىغا چىققاچ:
-بۈگۈن ئۈستىنكى قۇمقۇدۇق كەنتىگە بېرىپ كىلەيلى-دېدى.
پىكاپ ئۈچەيدەك سوزۇلغان ئاسپالىت يولدا ئالغا سىلجىماقتا.
-ماشىنىنى توختۇتۇڭ!
مەن خىيالدىن ئەسلىمگە قايتىپ قارىسام، قۇمقۇدۇق كەنتىنىڭ 3-گورۇپپىسىغا كېلىپ قاپتۇق. بۇ كەنت كەڭ كەتكەن سازلىق، يەرلىرى زەي، شورلۇق ئىدى. كەنتمۇ ناھىيە بويىچە نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن بازار باشلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پىكاپنى توختاتتىم، شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىر دېھقان ئۆيىدىن چىقىپ، بازار باشلىقى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
بۇ دېھقاننىڭ ئۆيىنىڭ كونىراپ، ئۆرۈلىپ كىتەي، دەپ قالغان بولۇپ، نامرات، يوقسىزلىقنى بىلىندۈرۈپ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى.
ئوزۇن ئۆتمەي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجى كەنت مۇدىرى يەردىن ئۈنگەندەك بۇسىغىدا پەيدا بولدى ۋە بىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، تۆگە چىقىپ ئولتۇرىشتى. ئۆي ئىگىسىمۇ پاتتىڭنى قاشلاپ تۇرۇپ:
-ھەرقايسىڭلار ئات-تۆگە سويساقمۇ ئەرزىيدىغان ئەزىز مىھمانلار، لىكىن خوتۇن ھەرقايسىڭلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە قاملاشمىغان تاماق قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، شۇڭا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرساڭلار، ئازراق كۆڭلۈم بارئىدى،-دېدى.
-بولدى قىلىڭلا، بىز يەنە بولغاندىكىن باشقا چاغلاردا كېلەرمىز-دىدى بازار باشلىقى.
-باشلىق، كۈن تېخى ئەتىگەن بولغاندىكىن ئازراق ساقلايلى،-دەپ قۇشۇق سالدى كەنت مۇدىرى،- نامرات بولغىنى بىلەن قولى ئۇچۇق، قارنى كەڭ بىر ئاداش بۇ...
بىز يەنە ساقلاپ ئولتۇردۇق. ئۇ دېھقان توىۇ تۇتتى بولغاي، توخۇلارنىڭ قاقاقلاشلىرى ھويلىنى بىر ئالدى.
مەن پىكاپقا قاراپ بېقىش ئۈچۈن تالاغا چىقتىم. ھويلىغا چىقىپلا ئۆي ئىگىسى ئەر-ئايالنىڭ ياندىكى ئۆيدە پەس ئاۋازدا دىيىشۋاتقان گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-ئاتىسى، ھازىر ئۆيدە ياغ تۈگىدى، ئۇن، گۈرۈچلەرئمۇ بىرنەچچە كۈنگە يەتكىدەك قالدى، بالىلارنىڭ كىيىملىرىمۇ كونىراپ قالدى، شۇڭا بۇ ئۈچ خورازنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بالىلارغا بىرەر قۇردىن كىيىم-كېچەك، بىرەر يېرىم كىلوگىرام ياغ ئالارمەن، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، پاختا پىشىقىغىمۇ خېلى ۋاقىت بار تېخى...
-بولدى قىلىڭلار خوتۇن، سىلىدىن بەكرەك مەنمۇ ئويلايمەن، خۇدايىم بىر كۈن ئېيتار...
كۆڭلۈم بىر بىرقىسىملا بولۇپ پىكاپنىڭ يېنىغا كەلدىم.
ـ ئۇكام،ـ دەپ خىيالىمنى بۆلدى بىر كەمدە كەنت مۇدىرى،ـ كوڭكىڭىزنى ھەيدەڭ، بىرەر مالچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوغلاق-پاقلان تېپىپ كېلەيلى، ھەرقايسىڭلار كۈندە كېلىپ ئولتۇرمايسىلەر، ئاران بىر كەلگەندە قۇرۇقلا كەتسەڭلار تازا ياخشى بولمايدۇ.
ئۇ شۇنداق دەپلا پىكاپنىڭ ئالدىغا چىقىپ كېرىلىپ ئولتۇردى.
مەن پىكاپنى كەنت مۇدىرى باشلىغان تەرەپكە ھەيدىدىم. بىز كەنتنىڭ چېتىدىكى سازلىقتىن ئۆتۈپ بىر ياداڭنىڭ يېنىدىكى قوتاننىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
پىكاپنىڭ ئاۋازىدىنمۇ ياكى ئىتلىرىنىڭ قاۋاشلىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر 60 ياشتىن ھالقىغان بەستلىك بىرەيلەن چىقىپ، كەنت مۇدېرى بىلەن كۈرۈشۈپ بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ، خۇددى ئالدىن كېلىشىپ قويغاندەك قۇتاندىن سېمىز بىر ئوغلاق بىلەن پاقلاننى تۇتۇپ چۈشۈپ، پىكاپنىڭ كەينىگە سېلپ بەردى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى:
-ئەمىسە مۇدىر، ئوغلاق 31 دانە، پاقلان 17 دانە بولدى-ھە!
-خاتىرجەم بولسىلا، ھېساپ كىتاپنى بۆرە يىمەيدۇ،- مۇدىر شۇنداق دەپلا خاتىرجەم پىكاپقا چىقتى.
- ھەيدەڭ ئۇكام، تېزرەك بارايلى!
مەن يولدا كېتىۋېتىپ مۇدىردىن سورىدىم:
- مۇدىر 31 ئوغلاق، 17 پاقلاننى يىل ئاخىردا قايسى ھېساپقا ماڭدۇرسىلەر؟
-ئۇنى ئۇنداق ھېساباتلارغا ماڭدۇرساق گەجگىدىن كاپلا قىلىپ تۇتىۋالىدۇ، شۇڭا كاللىنى ئىشلىتىپ، ئۇ پۇل ياكى بۇ پۇلنى يىغقاندا بىر مو يەرگە بەش يۈەندىن قوشىۋەتسەك «تاما-تاما كۆل تۇلا» دىگەندەك، نۇرغۇن نەرسە يىغىلىپ قالىدۇ، ياكى مالچىلىرىمىزنىڭ 50-60 مو يېرىنىڭ كەتمىنىنى كۆتۈرۈپ قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ئېغىز گەپ، ئەقىللىق كاللىمىزنى ئىشلىتىپلا ھېساباتنى توغرىلىۋېتىدىغان گەپ.
- بىر يىلدا نەچچىلىك ئوغلاق-پاقلان كۈتۈش ئۈچۈن چىقىم بولىدۇ؟
- تۈرلۈك يوللار بىلەن بىرەر يۈزچە ئوغلاق-پاقلان چىقىم بولىدۇ. بەزىلىرىنى بۈگۈنكىدەك باشلىقلارغا يىگۈزىمىز، بەزىلىرىنى ئېلىپ كەلسەك ئېغىز تەگمەي كېتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇغداينىڭ بانىسىدا بىزدەك قارمۇقلار سۇ ئىچىۋالىمىز دەڭا ئۇكام!
ئۇ كۆكىرىپ كەتكەن چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايدى.
بىز ئانچە ھايال بولمايلا كەنت ئىشخانىسىغا يىتىپ كەلدۇق، كەنتنى باقىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئوغلاق-پاقلاننى چۈشۈرۈپ، ئۇنى سويۇپ، قازانغا سالدىغاننى قازانغا، زىققا تارتىدىغاننى زىققا تارتىپ تەييار قىلىشنى بۇيرۇپ، بازار باشلىقى قالغان ئۆيگە قاراپ يول ئالدۇق. ئۇ ئۆيگە كەلسەك بىز ئۈچۈن تەييارلانغان خورازلارنىڭ گۆشلىرى سۈزۈلگىلى تۇرۇپتۇ. كەنت مۇدىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. - -جان قۇزىلىرىم، تالادا بىر دەم ئويناپ تۇرۇڭلار، مىھمانلاردىن ئاشقىنىنى ئاناڭلار بىلەن مەن يىمەي، سىلەرگە بىرەيلى-ھە...!
- توختىسىلا!-مەن قولۇمدىكى قاپاقنى يەرگە قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي دېھقاننىڭ ئالدىغا باردىم-دە، گۆش بېسىلغان ئۈچ لىگەننىڭ بىرىنى تارتىپ ئېلىپ،-ھە ئاشۇ ئىككى لىگەن گۆش بولدى، قالغاننى بالىلار يىسۇن!
ـ ئۇكام، بولمايدۇ، بىر پارچىدىن ئالسا تۈگەيدۇ بۇ...
- خاتىرجەم ئەكىرىڭ بىر پارچىدىن يەتسە بولدى، ئۆيدىمۇ ئادەم جىق ئەمەس.
بىز دېھقانغا رەھمەت دەپ ئۆيدىن چىقتۇق. كەنت ئىشخانىسى تەرەپكە بۇرىدىم. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بۇ جىملىقتىن پايدىلنىپ گەپ قىستۇردى.
-بازار باشلىقى، مۇشۇ گورۇپپىغا باشلىق تاپالماي بەك بېشىمىز قېتىۋىدى، بۇ ئاداش ماقۇل دىدى، سىلىچە قانداق بولا؟...
-ھەجەپ نامرات تۇردىيا بۇ كاساپەت. بولىدۇ، سىلەر ئويلىغاندەك بولسۇن.
-بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نامرات، بۇلارنىڭ نامراتلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ، سىلە كۆردىلە، يەرلىرى بەك زەيكەشلىك، دېھقانلارنىڭ زەيكەش چاپقىدەك مادارى يوق، شۇڭا سىلە بىر قول تىقىپ چوڭ زەيلىك چاپتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا، چوقۇم دېھقانلارنىڭ بېيىشىدا گەپ يوق ئىدى.
-زەيلىك؟- سورىدى بازار باشلىقى چىشىنى كولاپ تۇرۇپ،- كولاش ماشىنىسى بىلەن چاپىلى، ئىككى كولاش ماشىنىسى نەچچە كۈندە چېپىپ بولار؟
-بىرەر ئايدا ئاران چېپىپ بولار، لىكىن باشلىق، دېھقانلىرىمىزنىڭ سېلىقى بەك ئېغىرلىشىپ كەتمەس ھە!؟
-خاتىرجەم بولۇڭ شۇجى، مەن تونۇش-بىلىشلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامرات رايۇنلارغا بىرىلدىغان تۈرلۈك تۈر مەبلىقىدىن ھەل قىلىپ، ئۇ يىتىشمەي قالسا پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر، يېشىل كارخانا يەرلىرىگە بەش، ئون يۈەندىن چاپلىساقلا مەبلەق ھەل بولىدىغان گەپ ئەمەسمۇ؟!
كەنتنىڭ شۇجى، مۇدېرلىرى بازار باشلىقىنىڭ تەدبىرلىكلىكىگە مەمنۇن بولغاندەك بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇشتى.
پىكاپنى كەنت كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىپ توختاتتىم. كەنت ئىشخانىسىغا قارايدىغان دېھقان سېمىز 30-40 ئەتىرىپىدىكى توخۇلارغا دان بەرگىلى تۇرۇپتۇ، توخۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى قارا قاغىدەك قاپقارا ئىدى. بازار باشلىقى بۇ توخۇلارنى كۆرۈپ سورىدى:
-بۇ توخۇلار مۇشۇ دېھقاننىڭمۇ؟
-ياقەي، بۇ بىز دېھقانلاردىن جەرىمانە ئۈچۈن پۇلغا ھېساپلاپ كەنت ئىشخانىسىغا ئەكىلىپ قويغان توخۇلار.
-كىمدىن، نىمە ئىشقا جەرىمانە ئالدىڭلار؟
-دوڭمەھەلىدىكى سەمەت توخۇنىڭ بالىسى نەمەت چۈجە چوڭ يول بويىدىكى كېۋەزلىكىگە 80 تۈپ تاۋۇز تېرىپتىكەن، ھەر بىر تۈپىگە ئىككى يۈەندىن جەمئى 160 يۈەن، بۇ پۇلنى تۆلەيدىغانغا نەق پۇلى بولمىغاچقا، بىر توخۇنى 16 يۈەندىن ھېساپلاپ 10 توخۇنى، قۇۋان پالاسنىڭ بالىسى ياسىن تاغارمۇ مەيدانلىق يەردىكى بەش مو كېۋەزلىكىگە كۆكتات تېرىپتىكەن، 350 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، 28 توخۇسىنى مەكتەپ بالىلىرىغا قوغلاپ تۇتقۇزۇپ مۇشۇ يەرگە ئەكېلىپ، ھەرقايسىلىرى كېلىپ قالسا دەپ ساقلاپ تۇرىشىمىز باشلىق...
-ياخشى توخۇلاركەن، بېقىپ قويسا بولغىدەك.
-داۋۇتاخۇن، ھازىرلا توخۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئامال قىلىپ تۇتۇپ، پۇتىنى بوغۇپ، ھېلىقى پاقلاننىڭ گۆشىنىمۇ بىرەر پاكىزراق خالتىغا قاچىلاپ ماشىنىغا سېلىۋېتىڭ! گۆش پىشتىمۇ؟
-تەييار بولدى.
چوڭ-كىچىك باشلىقلار رەت تەرتىپى بويىچە كەنت ئىشخانىسىنى باقىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەن كەينىمدە قالغان توپىلاڭ يولغا سەپ سالدىم. پىكاپنىڭ چاقىدىن كۆتۈرۈلگەن تۇپا-چاڭ كەنت يولىنى بىر ئالغان بولۇپ، ماڭا كەنت تومان ئاستىدا قالغاندەك تۇيۇلدى.
تۈزۈتۈلگەن ۋاقتى: 2013-يىل ئۆكتەبىر ئاۋات
ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت
يانفۇن:13779757605 ئۆي تېلفۇن: 09997-5125012