ئەرىزخورلار مۇسابىقىسى
فېليەتون
ئابلىز ئىبراھىم دولان
- ئاغىنە، بىنام يەر توغرىسىدىكى دەۋايىڭ قانداقبوپ كەتتى، ھەل بولدىمۇ؟
بىر قانچە ئەرىزخورلار ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشكەچ،يېقىندا يۇقىرغا ئەرىزگە بېرىپ قايتىپ كەلگەن بىرسىدىن گەپ سوراشقا باشلىدى.
- ناھايىتى جايىدا ھەل بولدى.
- زادى قانداق ھەل بولدى، ئېنىقراق بىر نىمەدېسەڭچۇ ئاداش؟
قالغانلار بىردىنلا جىددىيلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن سوراشتى.
- قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار بۇرادەرلەر، مەن ئەرىز قىلىپ يۇقىرىغا بارغاندا ئۇلار مېنى ناھايتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھەمدەئەرزىمنى ياخشى ھەل قىلىپ قويۇش توغرىسىدا تەستىق خەت يېزىپ بەردى. قايتىپ كېتەيمىكىن دەپ تۇرسام يۇرتتىن مېنى قايتۇرۇپ ئەكەتكىلى كادىر بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭمۇمۇئامىلىسى ناھايتى ياخشى بولدى. ئىككىنجىلەپ ئەرىز قىلمىساڭ نېمە قىيىنچىلىقىڭ بولسا ھەل قىلىپ بېرىمىز دەپ ماڭا يالۋۇردى. نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىسىل شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدۇردى. قولۇمغا نەچچە مىڭ يۈەن پۇلمۇ بەردى تېخى.
- نېمە، بۇ گەپ راسىتمۇ؟ ھېچ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇغۇ ئادەمنىڭ.
- ئىشەنمىسەڭلا ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشى. ئىشقىلىپ مەن بولغان ئىشنى راستى بىلەن دەپ بەردىم.
ئۇلار بۇ گەپنىڭ راسىت يالغانلىقىغا چىنپۈتمەي بىرئاز گاڭگىراپ قېلىشتى.
- ھەي بۇرادەر، دېگەن گېپىڭنى راسىتمۇ دەيلى،لىكىن ئۇلار سېنى نىمىشقا چوڭ شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرىدۇ، نىمىشقا ساڭا كۆپ پۇل بېرىدۇ؟
- چۈنكى ئۇلار مەندىن قورقىدۇ-دە.
- قورقىدۇ، سەندىنما؟
- شۇنداق، مەندىن قورقىدۇ، ھەم سىلەردىنمۇ قورقىدۇ.
- بىزدىنمۇ قورقامدۇ؟
ئۇلار سۇئال نەزىرى بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى.
- مۇشۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ، ئۇلار بىزدەك ئەرىزخورلاردىن بەك قورقىدۇ. ئۇلار ئەرىز ئارقىلىق ئىشىنىڭ ئىس-بۇسى چىقىپ ساغرىسى ئېچىلىپ قېلىپ يۇقىرى مەنسەپكە ئۆرلىيەلمەسلىكىدىن ئىنتايىن قورقىدۇ. شۇڭا سەندەك مەندەك ئەرىزخورلارغا جېنىنىڭ بارىچە تەھدىت سالىدۇ، ئەرىز قىلىشتىن توسىدۇ. پەقەت ئامال قىلىپ بولالمىسا پۇل بىلەن ھال سوراش، ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش، ساياھەت قىلدۇرۇشبىلەن «ئېغىزىمىز» نى ئىتىدۇ.
- ۋاھ، ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە. قانداق ئەرىز قىلىمىزكىن قېنى ئەمدى كۆرۈپ باقسۇن ئۇلار.
ئىشنىڭ «ماھىيىتى» نى بىلگەن بۇ بىر قانچەئەرىزخورلار بۇندىن كىيىنكى ئىشلار ئۈستىدە پىلان ۋە مەسلىھەتكە چۈشتى.
- ئاغىنىلەر قېنى بىز ئۆز ئارا بەسلىشىپ باقمايمىزمۇ؟
دىدى بىرى ھەييارلىق بىلەن.
- قانداق بەسلىشىمىز؟
دەپ سوراشتى قالغانلار.
- كىم ئەرىز قىلىپ چوڭ-چوڭ شەھەرلەرنى ئۇزۇنراق ساياھەت قىلالىسا ھەمدە كۆپرەك پۇل ئۈندۈرەلىسە شۇ چىمپىيۇن بولسۇن.
دىدى بىرسى.
- بولىدۇ، بەسلەشسەك بەسلەشتۇق، ئىشنى بۈگۈندىن باشلايلى.
دەپ تەڭ ئاۋاز قوشۇشتى باشقىلار.
- مەن ھەرگىز ساڭا ئۇتتۇرۇپ قويمايمەن، ناۋادائۇتتۇرۇپ قويغىدەك بولسام، قايتا-قايتا ئەرىز قىلىپ چۇقۇم سەندىن ئېشىپ كېتىمەن.
- مەنمۇ ساڭا ئۇتتۇرۇپ قويمايمەن. ئەرىز قىلغىلى بارغان يەردىن كەتكىلى ئۇنماي يېتىۋېلىپ تاكى ساڭا ئۇتتۇرۋەتمىگىدەك بولمىغىچە ئۆيگە قايىتمايمەن.
- مەنچۇ، مېنى قايتۇرۇپ ئەكەتكىلى كەلگەنلەرگەئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن دەپ تەھدىت سېلىپ ھەممىڭلاردىن ئېشىپ كەتمىگىچە قايتىپ كەلمەيمەن.
ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ئەرىز قىلىشقا ئاتلىنىپ كەتتى. بىراق بۇلاردىن كىم چىمپىيۇن بولدى، كىم كىمنى ئۇتۇۋالدى بۇنى ھازىرچە بىلگىلى بولمىدى. بەلكىم بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلار بارغانچە غولداۋاتساكىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.dolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 07:12 PM