ئۆچكە سۈتىنىڭ شىپالىق رولى
ئۆچكە سۈتىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئىسسىققا مايىل بۇلۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئاقسىل، ئامىينۇ كىسلاتاسى، ماي كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل ۋىتامىنلار، كالىتسىي، فۇسفۇر، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
يېقىندىن بۇيان ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۆچكە سۈتى تەركىبىدىكى ئانئۇرگانىك تۇز مىقتارى بىلەن باشقا ماددا مىقتارىنىڭ كالا سۈتىدىكى شۇ خىل تەركىبلەر مىقتارىدىن خىلى يۇقۇرى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
خۇسۇسيىتى: تەركىبى ۋە قۇۋۋىتى جەھەتتىن قۇي سۈىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ. لىكىن خۇسۇسيىتى جەھەتتە قۇي سۈتىدىن خىلى پەرىقلىنىدۇ. بەزى ئالملارنىڭ قارىشىچە: ئۆچكە سۈتىنىڭ تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بۇلغاندىن تاشقىرى يەنە راكنى چەكلىگۈچى بەزى ماددىلار بار ئىكەن. يەنە بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئۆچكە سۈتىدە باكتىريىگە قارشى بىر تەبىئىي ئىلمىنىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆپكە ياللۇغى ھەمدە باشقا نەپەس يۇللىرى يۇقۇملۇق كىسەللىكلىرى يەنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۆنۈمى بار ئىكەن. شۇڭا ئۆچكە سۈتى تۇبېركۇليۇز كىسەللىكىگەگىرىپتار بۇلغۇچىلارغا شىپالىق ئۇزۇقلۇق بۇلالايدۇ. ئۆچكە سۈتى ئىشقارلىق خۇسۇسيەتكە ئىگە بۇلغاچقا ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشىپ كەتكەن كىشىلەرگە داۋا بولىدۇ. سىماپ، ئارسىن قاتارلىق ئىغىر مىتاللارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش رۇلى بار.
ئۆچكە سۈتى ھامىلدار ۋە بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئۆچۈن كالا سۈتىدىنمۇ ياخشى ئۇزۇقلۇق بولۇپ، ئۆپكىنى نەمدەيدۇ. بەدەننى. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەنىينى كۆپەيتىپ، جىنسى ھەۋەسنى قۇزغايدۇ.
ئىشلىتىلىشى: بەدەن ئاجىزلىق. سۇزۇلما ئاشقازان ياللۇغى. ھەزىم ئىقتىدارى ناچار بولۇش، قەبزىيەت. سىماپ، ئارسىن قاتارلىق ئىغىر مىتاللاردىن زەھەرلىنىش. تۇبېركۇليۇز كىسەللىكى. جىگەركىسىلى، قۇرساققا سۇ چۈشۈش، راك، ئۇيغۇسىزلىق، كۆڭۈل ئاينىش، يۈرەك سانجىقى، دىئابىت كىسەللىكى ۋە باھ ئاجىزلىقى ئۆچۈن مۇۋاپىق كىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۆچكە سۈتىدە غەيرىپۇراققا نسبەتەن كۆچلۈك بولۇپ، ئۇنى يۇقۇتۇشتا مۇۋاپىق مىقتاردا ئۆرۈك مىغىزى ياكى چاي سىلۋەتسە، غەيرى پۇراق قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆچكە سۈتى تەركىبىدە ياغ بۇلغاچقا، سۇزۇلما بۇغماق ئۆچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بۇلغانلار ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم. ئۇ قۇرساقنى كۆپتۈرىدىغانلىقى ئۆچۈن، قۇرساق ئۇپىراتسىيەسى قىلىنغانلارمۇ ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم. تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقتارى تۆۋەنرەك بۇلغاچقا، بۇۋاقلارغا ئىچكۈزگەندە تەركىبىدە تۆمۈر مىقتارى يۇقۇرى بۇلغان يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق بىرىش كىرەك. بۇلاردىن باشقا ئۆچكە سۈتى قىچىشقاق كىسەللىكىگە زىيانقىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ r) Y3 o& L, o, @& ~) Q* K5 o* e
ماتىريالدىن ئىلىندى.