مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2410|ئىنكاس: 21

يىغلىغان تۆگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100705
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-12-10
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 02:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىغلىغان  تۆگە

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغانىدى.  بىر تۆگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ئتتىك كېلىپ ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغىلا چۆكتى. ئۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر نەرسە دېمەكچى بولغاندەك بوينىنى ئۇ تەرەپكە سوزدى . بۇنىڭدىن ساھابىلار ھەيران بولۇشتى ۋە تۆگىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرۇشتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە :
- « بۇ  تۆگىنىڭ  نېمە دېگەنلىكلىرىنى بىلدىڭلارمۇ؟ » دەپ سورىدى.
ساھابىلار:
- ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى  بىلگۈچىدۇر،  دەپ جاۋاپ بېرىشتى.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ئۇلارغا :
- « بۇ تۆگە ئۆز ئىگىسى ئۈستۈدىن شىكايەت قىلدى. ئىگىسىنىڭ ئۇنى يىللار بويىچە ئىشلەتكەنلىكىنى، ئۈستۈگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانلىقلىرىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنى سويماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى »  دەپ چۈشەندۈردى. ئاندىن ساھابىلارنىڭ بىرىگە :
- « سەن بېرىپ بۇ تۆگىنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ كەل »  دەپ بۇيرىدى. ئۇ ساھابە:
- ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن تۆگىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان تۇرسام، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
  – « تۆگە  سېنى ئۆز ئىگىسىنىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ»  دېدى.
ھەقىقەت بۇ تۆگە، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇيرۇق ئالغاندەكلا ئۇ ساھابىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ئۇدۇل ئىگىسىنىڭ  يېنىغا باشلاپ باردى. ساھابە، تۆگىنىڭ ئىگىسىگە :
- سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقىرىدۇ، دېدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىرلىكتە كەلدى.  تۆگىنىڭ ئىگىسى كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
- « بۇ تۆگىنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ ؟ » دېدى.  تۆگىنىڭ ئىگىسى:
- شۇنداق ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا،  دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
- «ئۇ  تۆگىگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئۇنىڭغا ھەدىدىن ئارتۇق ئېغىر يۈك ئارتما » دېدى.  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن  تۆگىنىڭ ئىگىسى تۆگىگە ئېغىر يۈك ئارتمىدى،  شۇنداقلا ئۇنى سويۇشتىنمۇ ۋاز كەچتى.

ھېكايىدىكى ساۋاقلار
● ھەر بىر ئىنسان ئاخىرەتتە ھايۋانلارغا  قىلغان ياخشىلىقى ۋە يامانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ھايۋانلارنى ئۇسسۇز ۋە ئاچ قويماسلىق ۋە ئۇلارغا ئازار بەرمەسلىك لازىمدۇر.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 04:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىغۇ ھايۋانكەن،ئاتا-ئانسىغا ئېغىر يۈكلىرىنى ئارتىۋاتقانلارنى نىمە دەيمىزكىن........

مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ھويلا-بىلوگىدىن ،مىنىڭ بىلوگىمغا ئىشتىراك قىلىپ،تېمىلارنى ئوقۇپ بېقىڭ،يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشىڭىز مۆمكىن...

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 04:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانلامۇ ئاللاھتائالانىڭ بىر جانلىقى،
بىر قىتىم ئىغىلىمىزدىكى بىر ئۆچكە ئىككىنى ئوغلاقلىدى، ھەممىمىز شۇنداق خۇشال بولغانىدۇق،
بىرنەچچە كۈن ئۆتتى، بىر ئەتتىگىنى  قارىساق بىر ئوغلاقنى كالىمىز دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
ئۇلاغلىرىمىزنى باققىلى ئىلىپ ماڭدۇق،ھەممە ئۇلاغلىرىمىز ئىغىلدىن چىقىپ بولغان لىكىن ئۆلۈپ  كەتكەن ئوغلاقنىڭ يەنە بىر قىرىندىشى ئىغىلدىن چىقماي ئۇنىڭ ئۆلىكى يىنىدا توختىماي مەرەپ كەتتى شۇ چاغدا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاس قالغانىدى....
شۇنىڭغا قاراپ ھايۋانلاردىمۇ ھىسيات بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە.....

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 04:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبىرىمىز ھايۋانلارغا سىلە رەھىم قىلغىنىڭلار ئۈچۈنمۇ جەننەتكە داخىل بولىسىلەر دېگەن
تېما ئىگىسى ھارمىغايسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 05:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 04:32 PM
ھېلىغۇ ھايۋانكەن،ئاتا-ئانسىغا ئېغىر يۈكلىرىنى ئارتىۋ ...

ئۇنداقلارغا تەۋبە دەيمىز قېرىندىشىم.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 05:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 04:58 PM
ھايۋانلامۇ ئاللاھتائالانىڭ بىر جانلىقى،
بىر قىتىم ئى ...

ھېسىيات بولىدۇ دە ئەلۋەتتە،ھېسىيات بولمىسا نەسىل قالدۇرالامتى؟ ھېسداشلىق دەڭ......

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3970
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 05:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى تېمىكەن.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 568
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 05:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى  ئەھمىيىتى  چوڭقۇر   تىما  ئىكەن  ،  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87341
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 524
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 05:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بەزى كىشلىرىمىز ھايۋاندىنمۇ بەتەر . ھايۋان جېنىدا ياخشىلىق نېمە؟ يامانلىق نىمە؟ ئېنىق ئايرىيالايدۇ . بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان بەزى كىشلەر دەل ئاشۇ مۇناپىق ، ھايۋاندىنمۇ بەتەر قىلىقى بار ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان . ئەگەر خەلققە مۇشۇ تۆگىنى باشلىق قىلىپ قويغان بولسا ، خەلىق ئۇنچىلىكمۇ خورلۇق تارتماس بولغىيتى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tikanpasli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-7 05:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1254
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 06:34:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تىيمىلارنى كۆپرەك يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئىماننى كۈچەيتىدىكەن.

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش