|
|
|
|
ۋەھىمىلىك چۈش (ھېكايەت) بۇرۇن بۇرۇن بۇرۇنكەن، خىلۋەتتىكى سورۇنكەن. غاپىل ئەللەر ماكان قىپ، ئۇخلايدىغان ئورۇنكەن. . ياتار ئىكەن جىمى ئەل، غاپىللىقتا چۈش كۆرۈپ. «ئويغان!»دېسە كىمىكى، ئۇلار شۇنى ئۆچ كۆرۈپ! ********* بىر غاپىلنىڭ چۈشىدە، قوغلىغۇدەك يوغان شىر. قاچقۇدەكمىش ھەريانغا، جان-جەھلى بىلەن، ياپىر! . قاچە-قاچە كەپتىمىش، چوڭ بىر دەرەخ تۈۋىگە. چىقىۋاپتۇ مايمۇندەك شۇئان دەرەخ ئۈستىگە. . قاراپتىكەن تۆۋەنگە، ياۋۇز شىردىن ئەنسىرەپ. تۇرغۇدەكمىش تۆۋەندە، ئۇ شىر ئاڭا چىش بىلەپ. . قورقۇنچتىن پۇت-قولى، تىترەپ يانغا قاراپتۇ. كۆرۈپ يەنە بىر ھالنى، ھىچ مادارى قالماپتۇ. . دەسسەپ تۇرغان پۇتاقنى، ئاق چاشقان-قارا چاشقان، ئىككى ياندىن ئىككىسى، بەس-بەس بىلەن غاجاشقان. . ئويلاپ غاپىل: «شاخ سۇنسا، چۈشىمەن شىر ئالدىغا. مېنى قۇتقاز بۇلاردىن، كەرەملىكسەن ئەي خۇدا!» . نىدا قىپتۇ، زارلاپتۇ، كۆزلىرىدىن تۆكۈپ ياش. قورقۇنچتىن لىق تەرگە، چۆمۈپتىمىش ئۈستىۋاش. . بىراۋ «قارا»دېگەندەك، ئۇ قارىسا تۆۋەنگە. بىر چار يىلان تۇرارمىش، قارالماپتۇ ئەپتىگە! . غاپىل قورقۇپ تۇرۇپتۇ، يۈزلىرىگە ئۇرۇپتۇ. چىقاي دەپتۇ ئېگىزگە، كۆزلىرىنى يۇمۇپتۇ. . تەۋەككۈل قىپ يامىشىپ، چىقسا بىرئاز ئۈستىگە. كۆرۈنۈپتۇ بىر كۈنەك، بۇ غاپىلنىڭ كۆزىگە. . كۆنەك بويلاپ ساپ ھەسەل، تامار ئىكەن تۆۋەنگە. يالاپتىمىش،لەۋ تامشىپ، پەرۋاسىزلا ئۇ غەمگە. . ئۇنتۇپ شىرنى، يىلاننى، يەنە بىر جۈپ چاشقاننى، يالاپ-يالماپ تويماپتۇ، «ھەسەل»ئاتلىق «جانان»نى! . ھەسەل تەمى غاپىلنى، ئەجەپ مەستخۇش قىلىپتۇ. ئۇنتۇپ پۈتۈن دۇنيانى، ئۆزىنى شاھ بىلىپتۇ... . «قاراس-قۇرۇس» ئۈن بىلەن، سۇنۇپ دەرەخ پۇتىقى. «ۋاي»دېگەنچە تۆۋەنگە، يىقىلىپتۇ شۇ پېتى... . ئويغىنىپتۇ چۈشىدىن، غاپىل شۇئان ۋارقىراپ. تاپقىنىدا ھۇشىنى، كەتكەن ئىمىش ھاسىراپ. ******* بۇ غەلىتە چۈش بىلەن، غاپىل ئويغا پېتىپتۇ. گاراڭ بولۇپ نەچچە كۈن، ئورۇن تۇرۇپ يېتىپتۇ. . «تەبىر ئالاي چۈشۈمگە» دېگەن ئوينى ئويلاپتۇ. بىر تەقۋادار ئاقىلنىڭ، ھوزۇرىنى بويلاپتۇ. . تېپىپ بىرئاز ھۇشىنى، بايان قىپتۇ چۈشىنى، ئاڭلاپ ئاقىل بېرىپتۇ، چۈشكە مۇنداق تەبىرنى: . «شىر- سېنىڭكى ئۆلۈمىڭ ، قوغلاپ تىنىم تاپمايدۇ. نەگە مۆكۈن،نەگە بار، سەندىن يىراق بولمايدۇ. . ئاق چاشقان-قارا چاشقان، كېچە بىلەن كۈندۈزدۇر. غاجىلايدۇ ئۆمرۈڭنى، شۇڭا ئۇ رەھىمسىزدۇر! . چار يىلان ئۇ-قەبرەڭدۇر، كۈتەر سېنى زارىقىپ. تاتلىق ھەسەل-ھەۋەستۇر، تەلمۈرىسەن ئېزىقىپ... . ھايات-ھەسەل،ئۇ تاتلىق، تېتىپ-تېتىپ قانمايسەن. ئۇنتۇلدۇرار ئۆلۈمنى، قەبرە نېمە؟ بىلمەيسەن... . سۇ بولمىسا ئۈزەلمەس، ھاياتلىقنىڭ كېمىسى. بىراق،كېمە غەرقتۇر- سۇغا تولسا گەر ئىچى... . ئاقىل سۆزى-ئىشارە، بىزدەك غاپىل بەندىگە. ئالدىرايمىز ھەممىمىز، مەيلىمىز يوق قەبرىگە. . ئاڭلا غاپىل ئىنسانلار، قىلاي ساڭا خىتاپنى. چۈش ئىلىكىدە ھەسەل يەپ، ياتقان روھى بىتاپنى! . ئەي كەرەملىك ئاللاھىم، ئويغات بىزنى غەپلەتتىن، پاناھ بەرگىن مەھشەردە، تاغدىن ئېغىر زۇلمەتتىن! . بېرىپ رىغبەت-ھىدايەت، غاپىللىقتىن يىراق قىل. زۈلمىتىدە ماماتنىڭ، ئىمانىمنى چىراق قىل! (مەنبە: ئاڭلىغان ھېكايەتكە ئاساسەن شېئىرلاشتۇرۇلدى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 02:04 PM
|
|
|
|
|
|