«سەككىزىنچى مارت»خانىم قىزلار بايرىمىغا
دۇنيا گۇزەلدۇر ئايال چىھرىدىن، بۇ جاھان ئىللىقتۇر ئۇنىڭ مىھرىدىن. چۇشەنگەن ھەر كىشى بۇلىدۇ مەسخۇش، تاراتقان مۇھەببەت سۆيگۇ سىھرىدىن.
ئاياللار، ئانىلار، بىر ئۇلۇغ ئىنسان، ھەر ئىككى دۇنيادا تۆھپىسى كاتتا. ئانىسىز ھىچكىم تۆرەلگەن ئەمەس، ئانىمۇ ئانىدىن تۇغۇلغان ھەتتا.
ئالىملار،ئۇچقۇچى،دوكتور،لىدىرنى، ئانىسى پەپىلەپ سۇت بىلەن باققان. ھەتتاكى قانخۇر باغرى تاشنىمۇ، يەنىلا شۇ ئانا باغرىغا ياققان.
ئۇلارنى بىر كۇنلا تەبرىكلىگەندەك، «سەككىزىنچى مارىت»نى قىلدۇق تەنتەنە. ئانىنى ھۆرمەتلەش كۇندە ئىززەتلەش، بار ئىدى بىزلەردە شۇنداق ئەنئەنە.
ئانام دەپ سوقىدۇ مەندىكى يۇرەك، ئانىنىڭ مىھرىگە قانىمىسا كىرەك. «سەككىزىنچى مارىت»مۇشۇ پۇرسەتتە، گۇل خانىم قىزلارغا تىلەيمەن تىلەك.
ئايالغا بىر كۇنلا بايرام بۇلمىسۇن، ھەر كۇنى تىلەكلەر كۆپلەپ ئاينىسۇن. ئىززىتى ھۆرمىتى بۇلسۇن ئۇلارنىڭ، ھەرۋاقىت ھەر كۇنى بايرام قاينىسۇن.
2014-3-7 مەمەت ئابلا «قۇملۇق»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 02:26 PM
|