ئاتۇش-شورۇقتىكى ساخاۋەتكار پالۋان ھاجىم تەرىپىدە
ئىسمى-پالۋان زاتىدىن «ئالىپ»قا تەڭ قابىل ئوغۇل،
تۇل، يىتىم، مىسكىن، پېقىرغا باغرى كەڭ-ساھىل ئوغۇل.
روزىغار شاھ يا گاداغا ئاخىرەت باقىي ئەمەس،
خەيرىيەت ئېھسانىدا ئىسلامى روھ، ساپ دىل ئوغۇل.
كى «يىپەك يول»دا ئەزەل سەيياھ سۈپەت ئەجداتلىرى،
شۇ زىمىن، روھلارغغا ھەغدا گېپى-گەپ جاھىل ئوغۇل.
نى مۇشەققەت جەبرىدىن ئۆتەڭدە قالغان روھلىرى،
يۈرمىشىدە ئاھ! پىغانى، قەلبى سەزگۈر-زىل ئوغۇل.
يا «ئەلەم» ياكى «قەلەم» سەيناسىغا بى ئىختىيار،
سودىدا: -«ئاتاڭ بازار، ئاناڭ بازار»- ئادىل ئوغۇل.
باش بولۇپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى زامان ئىمكانىدىن،
يۇرت بىلەن بىللە بېيىش پەيمانى-ئەھدى- تىل، ئوغۇل.
مەشرىقى، مەغرىپ تامان كەچمىشتە كارۋان تۆگىلەر،
ئارمىنى ئەجدادىدىن ئەۋلادىغا ماھىل ئوغۇل.
مەنبە: تارئۇرۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 10:13 PM