ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ. ئىشىك <غىچ> قىلىپ ئېچىلدى. شۇئان كىرگەن سۇس يورۇقلۇق كېچىلىك كىيىم كىيگەن بىرىنىڭ پۇتىغا چۈشتى. مامۇق يوتقان ئاستىدا بىر قول ئۇ يەر- بۇ يەرلەرنى سيپاپ كېلىپ تېنىمگە تەگدى.
دادا، ئوغلۇم مېنى پەس ئاۋازدا چاقىردى، -- دادا، ئويغاندىڭىزمۇ؟
--بىلمەيمەن، دىدىم مەن ئۇيقۇچىلىقتا. تاڭ ئاتاي دەپ قالغانىدى. لېكىن ئۆي ئىچى يەنىلا قاراڭغۇ. مۇنداق چاغلاردا، مەن بەزىدە كەلگۈسى ھەققىدە ئەندىشىلىك خىياللارغا چۆمۈپ كېتەتتىم.
--دادا، سىز مېنىڭ دوستۇم، شۇنداقمۇ؟
--بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، بالام،-- دىدىم مەن ئەسنەۋېتىپ.
--دادا، مەن ھازىر چۈشۈمدە نىمىلەرنى كۆردۈم ، بىلەمسىز؟
-- ياق، بىلمەيمەن.
--چۈشۈمدە ئىككىمىز قەغەز ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۆگزىمىزدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراقتىكى دېڭىزغا بېرىپتۇق. ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرۇپتۇ. يېنىمدا سىز بولغاچقا، مەن ھېچنىمىدىن قورقمىدىم. دادا، سىزمۇ قورقۇپ باققانمۇ؟
-- ھەئە، مەنمۇ قورقۇپ باققان.
-- بەك قورققانمۇ؟ مەنمۇ قورقتۇم، بىز ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغاندا، ياق، ئۇ چاغدا ئەمەس، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئويغانغاندا ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم.
-- نىمىدىن قورقتۇڭ؟
-- سىزنى كارۋىتىدا يوقمىكىن، دەپ قورقۇپ كەتتىم.
-- كارۋاتتا بولماي نەگە كېتەتتىم؟
-- سىز ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ كېتىپ قالدىڭىز. مەن بىر يۇلتۇزدا ئولتۇرۇپ سىزنى ئەسلىدىم. شۇڭا، سىزنى بارمۇ-يوق، دەپ قېشىڭىزغا كىرىشىم.
-- قارا سېنى، مانا مەن تۇرۇپتىمەنغۇ، ئۇ دىگەن بىر چۈش تۇرسا.
-- دادا يەنە قانچىلىك ياتىسىز؟
-- ئۇزاق ياتمايمەن، كەچكىچە ياتىۋەرسەم بولمايدۇ- دە.
-- نىمىشقا، دادا؟
-- سەنمۇ بىلىسەن ، مەن...
-- ياق دادا، بىز دىگەن دوست، دوستلار ئايرىلالمايدۇ! مەڭگۈ بىللە بولۇش كېرەك!
-- بۇنى بىلىمەن ، بىراق خىزمەتكە بارىدىغان تۇرسام.
-- ياق، بارمايسىز!
--سەنمۇ يەسلىگە بارىسەن ئەمەسمۇ؟
--بارمايمەن.
-- بارمىساڭ بولمايدۇ. يەسلىدە ئوينايدىغان شۇنداق جىق نەرسىلەر، جىق دوستلىرىڭ بار ئەمەسمۇ؟
-- دوستلىرىمغۇ بار، بىراق دۇنيادا ئەڭ ياخشى بىرلا دوستۇم بار.
-- مېنى دەۋەتامسەن؟
--شۇنداق دادا، ئۆتكەن يىلى يازدا يېزىغا بارغانلىقىمىز ئېسىڭىزدىمۇ، ئۇ چاغدا ئىككىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە بىللە بولغان، شۇنداققۇ؟
-- ھەئە، شۇنداق بولغان.
-- مەن ئىككىمىز دائىم بىللە يۈرسەك دەپ ئويلايمەن. ئۇ چاغدا سىز ھازىرقىدەك ئالدىراش ئەمەس ئىدىڭىز. شۇ چاغدا ئوقيا تاپالمىغانلىقىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟
-- ئۇ چاغدا بىزگە بىر- بىرىگە يېقىن ياتقان ئىككى تىيىن ئۇچراپ قالغانىدى- ھە؟
--ئۇلارمۇ دوستقۇ دەيمەن؟
-- شۇنداق، ئۇلار چوقۇم دوست.
--قېشىڭىزدا بىردەم يېتىۋالاي، بولامدۇ؟ دادا، ماقۇل دەڭە.
--بولىدۇ. شەيتان، قېنى چىقە كارۋاتقا.
--دادا، مېنى چىڭ قۇچاقلاڭ، شۇنداق قىلسىڭىز بىز ھەقىقىي دوستلاردەك بولىمىز. ھە، مۇشۇنداق، دادا، ماڭا ھىكايە ئېيتىپ بېرىڭە، ئازراقلا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولدى.
--كېيىن ئېيتىپ بېرەي، ئورنىمىزدىن تۇرىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى. سائەت نەچچە بولغاندۇ؟
--بۇنداق چاغدا سائەتنىڭ نىمە كېرىكى؟ دوستلار دىگەن ئەزەلدىن ۋاقىت بىلەن ھېساپلاشمايدۇ، خىزمەتكە باراتتىم، يىغىنغا باراتتىم ياكى يەسلىگە باراتتىم دىمەيدۇ.
--ئۇنداقتا، سېنىڭچە دوستلار نىمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟
-- دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئۆي سېلىپ، ئارغامچە بىلەن دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ، يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئاچىقىپ، يىگەچ نۆۋەتلىشىپ ھىكايە ئېيتىشى كېرەك. دادا، ماڭا <ئۈچ قاراقچى> نىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟
-- بولىدۇ، بىراق ئاخىرىغىچە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن جۇمۇ.
--دادا، بۈگۈن ئىشخانىڭىزدا ماڭا يەنە بىر نەچچە تال قەغەز ئايرۇپىلان ياساپ بېرەمسىز؟
-- بولىدۇ، ياساپ بېرەي.
--دادا، ئۇلارنىڭ ئاچچىغى كەلمەيدىغاندۇ؟
--كىمنىڭ؟
-- خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭچۇ؟
--ياق، ئاچچىغى كەلمەيدۇ. ئۇلار ھەيران بولۇپ قاراپ كېتىدۇ.
--ئۇلاردىن بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ باقامسىلەر؟ دەپ سوراپ بېقىڭ، ماقۇل دىسە، سىز ئۇلارنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئايرۇپىلاننى ھەيدىگەن پېتى دېرىزىدىن چىقىپ كېتىڭ. شۇ چاغدا ئۇلار سىز بىلەن دوست بولىدۇ.
-- ياخشى گەپكەنغۇ؟
ئەمدى مەن يەسلىگە باراي، دادا. مەن يەسلىدىن قايتقاندا، سىزمۇ ئۆيگە كېلىپ بولىسىز شۇنداقمۇ؟
--ئەلۋەتتە، مەن سېنى ھەرگىز ئۇزاق ساقلىتىپ قويمايمەن.
--دادا، دوستى يوق ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭا.
--شۇنى ئويلاۋاتىمەن، دوستۇم. بېرىپ ھېلىقى كىتابنى ئەكەلگىنە، ئورنىمىزدىن تۇرغۇچە ئىككى بەت بولسىمۇ ئوقۇپ بېرەي.
--غۇڭ...غۇڭ، مەن بىر ئايرۇپىلان، غۇڭ..غۇڭ...
ئوغلۇم قوللىرىنى ئايرۇپىلاننىڭ قانىتىدەك كېرىپ يۈگۈرگەن پېتى يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ھېلىقى كىتابنى ئاچىقتى. سەھەر، ئىككى دوست ھېلىقى ئىككى تىيىندەك باشلىرىمىزنى يېقىن قىلىپ ياتتۇق.
ئۈچ قاراقچى ھەركىتىنى باشلاپتۇ......
بۇ چاغدا، دۇنيادىكى بارلىق سائەتلەر مېڭىشتىن توختىغانىدى.
مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتى ژورنىلى