مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 3

پەلسەپە ۋە تۆت تادۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5244
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 02:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەلسەپە دىسە ، كىم نىمە دىسە بۇلىۋىرىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بۇنىڭغا ئىنىقلىمىمۇ ھەرخىل ، ھەممىسى بىلگەنچە تەبىر قىلىدۇ.بەزىلىرى بىز پەلسەپىگە بۇيرۇلمىغان دىسە، بەزىلىرى پەلسەپەكۇچىدىن قالدى ،بۇرۇنلاردا پەلسەپىسى بارلار كۇچلۇك ئىدى، ھازىر  پۇل قۇرالى بارلار كۇچلۇك.پەن تىخنىكاپەلسەپىگە ئورۇن قويمىدى دىيىشتى. بەزىلىرىمىز مىنىڭ پەلسەپەم سىنىڭ پەلسەپەڭ دىيىشپمۇ ئۇلگۇردۇق.يات قەۋىم پەلسەپىلىرىنى نەچچە يىل تەرجىم تەھسىل قىلغانلارمۇبولدى.ئاخىردا نەتىجىسى باشقىلار ئەقىلدان بىز دۆت بىلەن خۇلاسىلاندى .ھەتتابەزىلىرىمىزگە پەلسەپىسىزلىك مىللەتتىكى ئىللەت بۇلۇپ تۇيۇلدى.مەنمۇ ھەم تادۇبولغاچ ئۆز جەندەمنى سازايى داللال قىلىپ،تاشلاندۇق يەرمەنكىدەك خىرىدارغاسالماقتىمەن.

خوش، ئۇنداقتا پەلسەپەدىگەن نىمە؟  ئاددىي دىسەم ، تىۋىپنىڭ قۇلىنىڭ ئۇچچىدىكى ھۇنەر دەل پەلسەپەبۇلىدۇ.ئادەتتە تىۋىپلىرىمىزئادەم مىجازىنى سەۋدا سەپرا بەلغەم خۇن دەپ تۆت خىلىتقا ئايرىپ. تۆت خىلىتنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى بۇيىچە تۇمۇر تۇتۇپ كىسەللەرگە داۋا قىلىدۇ.سەپرامىجازلىق كىشىنىڭ تۇمۇرى باشقىچە سوقسا، بەلغەم مىجازنىڭ باشقىچە سوقىدۇ. يۇرەك كىسىلى بىمارىنىڭ باشقىچە سوقىدۇ.بۇنىڭ تىگىنى تاتىلىساق،بۇ تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىدۇ،مۇشۇنداق تۆت تادۇ بۇيىچە قىلىپقاسىلىپ پىكىرقىلىش تادۇلاشنىڭ ئۆزى پەلسەپە. بۇ داۋالاش ساھەسىدىكىسى، بۇنى روھىيەتكە تەدبىقلىساق، بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق بۇلىدۇ.سەۋدا بىلىش،سەپرا ئادىللىق، بەلغەم ياخشىلىق،خۇن تەقۋادارلىق . بوۋىمىز يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق شاھانە ئەسىرىدە، سەۋدانى ئايتولدى دەپ بىلىش بەخىت بىلەن سۇپەتلىگەن. سەپراغا كۇنتۇغدىنى مىسال قىلىپ ئادىللىقنى ئىپادىلىگەن.ئوگدۇلمىش بەلغەم سۇ خۇسيەتتە ياخشىلىقنى ئەكىس ئەتتۇرگەن.ئودغۇرمىش تائەت ئىبادىتى بىلەن تەقۋادارلىق ھاۋاغا ۋەكىل بولغان. دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدا شۇ كىتاپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئىسسىق سۇغاقتىن پايدىلىنىپ،دۆلەتنى جەمىيەتنى شۇ ئادەم تۇنجى سىزغان سازلىغان دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئىسسىق سۇغاق يەل دىگەن گەپلەر ئۇچرايدۇ.بۇرۇنلاردا يۇلتۇزغا قاراپ يول تىپىش ئىلمى نۇجۇم دەپ ئىلىم بۇلىدىغان .شۇ ئىلىممۇ تۆت تادۇ پەلسەپىسى بۇيىچە زامانغا دىياگۇنۇز قۇيۇش ھىساپلىنىدۇ.ھەتتا تۇمۇرچىلەرمۇ ئۆتمۇشتە ئىسسىق سۇغاق دەپ خۇرۇچ تەڭشىگەن.تىخى دىنىي ئىلملەرنى پىكىر قىلىش ،پەتىۋا بىكىتىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ شۇپەلسەپەبۇيىچە ئىسلام تەلىماتى تەخمىن قىلىنغان.ئىشەنمىسەك ئاخۇنۇمنىڭ كۆپۇنچىسى تىۋىپ.يىغىپ ئەكەلسەك تۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋىتى بۇيىچە،ماكان زامان ئىنسان دىن ماھىيەتلىرىنى تۇنۇپ داۋا قىلىش پەلسەپىنى كۆرسىتىدۇ.

ماكاندا تۇپراق ئوت سۇھاۋا دەپ ئىلىنىدۇ.زاماندا ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت<قۇرئان>دىيىلىدۇ.ئىنساندا سەۋدا سەپرا بەلغەم خۇن بۇلىدۇ. مەدىنىيەتتە بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق دەپ ئايرىلىدۇ.

يۇقاردىكىسى بىزدىكى پەلسەپە،ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىچىدە ئاتچىلىق بىلەن تۆت تادۇ ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ.يەنە دۇنيادا نەچچىلىك پەلسەپە بولسۇن ، بارلىق پەلسەپىلەرنىڭ ئاتىسى تۆت تادۇ پەلسەپىسى.ئۇ بۇنى ياقىلاپ، بۇ ئۇنى قۇۋەتلەپ ،ئۇچەي سىرىغاندەك سىرىساق ھەممىسى تۆت تادۇ پەلسەپىسىگەبىرىپ تاقىشىدۇ.كالابىقىشنىڭ ئۇسۇلى تەرەققىي قىلىپ فىرمىدا بىقىلغان بىلەن، قانۇنىيەت بىر كالا ھەلەپ يەيدۇ.ئالايلۇق؛ قاتلام نەزىريىسى دەپ ئاڭلاپ قالىمىز.شۇنىڭ پىكىر ئۇسۇل مىتودىدائىنسانىيەت دىسەك ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاستىن قاتلىمى ئىرىق ياكى ئىممەت بۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئاستىنى مىللەت قەۋىم بۇلىدۇ.مىللەتنىڭ تىگىدە شەھەر يۇت بۇلىدۇ.يۇتتا قەبىلەجامائە بۇلىدۇ.جامائەت ئائىلدىن تۇزىلىدۇ.ئائىلە شەخىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇشۇبۇيىچە ئاۋال ئىنسانىيەت ئاندىن ئىممەت دەپ ھەرقاتلامنى ئايرىم ئايرىم كاچىلىغىلى تۇرساق، ئىنسانىيەت دىگەن گەپ نەچچە كىتاپ بۇلۇپ چىقىدۇ.بۇ تۆت تادۇ بۇيىچەئۇنچىۋىلا مۇرەككەپ گەپ ئەمەس، ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ،ئابىمەنىي، لەختەقان،پارچە گۆش،سۇڭەك،سۆڭەككە گۆش قۇنۇپ.ئاخىردا ئىنسان سىياقىغا كىرىپ يەتتە باسقۇچتاپۇتۇنلەنگەن.ئاسمان يەتتە قات دىگەن شۇ.  ئىنسانيەت تۇپراقتىن.ئىرىق ئىممەت ئابىيمەنىي ئىرسىيەتتىن پەرىقلىنىدۇ،مىللەت لەختە قان.قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، مىللەت بىلەن مىللەتنىڭ خۇيى ئوخشىمايدۇ.يۇت بىر چىشلەم گۆش ، جامائە سۆڭەك،قەبىلە ئادەت ئەھدە قانۇنلىرى ئوخشىمايدۇ. ئائىلە شۇ سۆڭەككە قونغان گۆش . شەخىس تىرىدىن ئەر ئايال دەپ پەرىقلەندۇرلىدۇ.بۇنى تۆت تادۇغا ئايرىساق، ئىنسانىيەت ئىممەت تۇپراق خۇسسىيەتتە باشلايدۇ، مىللەت ئوت خۇسيەتتە،يۇت جامائە مىجازى سۇ، ئائىلەشەخىس ھاۋا. بۇنى تۆت تادۇ زىدىيەت مۇناسىۋىتىگە سالسا ،مىللەتتىكى ئوتنى،يۇت جامائەدىكى سۇ ئۆچۇرىدۇ. ئائىلە شەخىستىكى ئىللەتنى ئىنسانىيەت ئىممەت داۋالايدۇ.زىدىيەت مۇناسىۋەت رولى قانۇنىيەت دەپ يەتتە ھالەتتە تادۇلىساق ، شۇنەزىريەدە دىيىلمىگەن گەپتىن نەچچىسى چىقىدۇ.يەنەمەدىنىيەتلەر توقۇنىشى دەيدىغان بىر قاراش بار.بۇنى تادۇلىساق،دۇنيادا تەۋرات چىقىش قىلىنىدىغان يەھۇدىي مەدىنىيتى،يەنە ئىنجىل ئاساس نىسارالار مەدىنىيتى.قۇرئان بۇيىچە ئىسلام مەدىنىيتى، بۇددادىنى بۇيىچە بۇددىسىت مەدىنىيتى دەپ تۆت خىل ئىممەت مەدىنىيەت مەۋجۇد. يەھۇدىيلار بىلىش تۇپراق بۇلىدۇ،نىسارالار ئادىللىق ئوت،مۇسۇلمانلار ياخشىلىق سۇ،بۇددىسىتلار تەقۋادارلىق ھاۋا.بۇنى تۆت تادۇبۇيىچە،ئورنى قىلىقى خۇيى كىسىلى بۇيىچە تادۇلىساق،شۇ گەپلەرنىڭ نەچچىسى خاتا نەچچىسى توغرا  نەچچىسى كام چىقىدۇ.دىمەك بارلىق پەلسەپىلەرنىڭ ئاتىسى تۆت تادۇ پەلسەپىسى،پەلسەپە تۇرلىرىنىڭ كۆپ بۇلۇپ كىتىشى،بىر پەلسەپە بىلەن يەنە بىر پەلسەپىنىڭ پەرىق زورلىقى، زىيادە مۇرەككەپلىكى ،ئوخشىمىغان نوختىدىن چىقىپ پىكىر بىردەك كەلمەسلىكى قاتارلىقلار،ئىنىق دىگەندە، تۆت تادۇ پەلسەپىسىدىكى  قانۇنىيەت ئاددىي يۇرۇشلەرنى زىيادە كۆپتۇرۇش،يەڭ كىلىدىغان يەرگە ياقىنى چىنەش،تەجىربە سىناق نەتىجىسىنى مۇتلەق دەپ قارىۋىلىشتىن دىيىشكە بۇلىدۇ.

پەلسەپىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار ساقلانغان.بۇنىڭ يۇكلۇگرەكى ئىسلامىيەتتىن ئىگىركى يۇنان پەيلاسوپى مىكدوۋىسقا باغلاش،يەنى تۇنجى پەلسەپە دىگەن گەپنى شۇئادەم ئەھيا قىلغان دىيىش.ئۇندىن باشقا تەرەققىيات نوختىنەزىرى بۇيىچە،تەبىيەتتىكى ھەرخىل ھاسىلاتلارغا جاۋاپ تاپالماي ، تەدىرجى ئىپتىدايى ئىنسانلار قانۇنىيەت ئۇستىدە ئىزدىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بەزىسى كۇننى بەزىسى ئاينى بەزىسى ئۇنى دەپ تەدىرجى پەلسەپە پەيدا بولغان دىيىش.ئالدىدىكى زامان يەنى تارىخىي بۇيۇملار،شۇلاردا خاتىرلەنگەن يازما ۋەسىقلەر،دەپىنلەرنى ئاساس قىلسا، كەينىدىكىسى ماكان بۇيىچە تەسەۋۋۇر گۇمانىنى ئاساس قىلىدۇ.زاماندىكى پاكىتنىمۇ يۇزدە يۇز دىگىلى بولمايدۇ.مەھمۇت قەشقىرنىڭ خەرىتىسىنىمۇ،بالاساغۇننى قوچقاربىشىغا ئۆزگەرتىپتۇ دەپ يۇرۇشىيدۇ.تارىخ دىگەن تىرىك ئادەملەرنى دەپ پەردازدىن يىراق بۇلالمايدۇ.ماكانغاقاراپ تەسەۋۋۇر گۇمان قىلىش بۇنىڭمۇ كەمچىلىكلىرى بار.يۇز يىل بۇرۇنقى گەپ بىلەن ھازىرقى گەپلەر قارمۇ قارشى بۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ.تۆت تادۇ پەلسەپىسى بۇيىچە، ماكانغىلا ياكى زامانغىلا ئىسلىۋالماي، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت مۇشۇتۆت نوختىدا مەزمۇت پۇت تىرەپ ئۇدۇللاشسا ئاندىن پاكىت ھىساپلىنىدۇ.

تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ماكان ئۇستىدە ئىزدەنسەك،ماكاننىڭ تۆت تەرىپى بۇلىدۇ،ماكانداتۇپراق ئوت سۇ ھاۋا تۆت تادۇ مەۋجۇت،جانلىقلىرىنى مىساللىساق، ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلغان، جىن ئوتتىن، ھايۋانلارسۇدىن،ئۆسۇملۇكلەر ھاۋادىن.تۆت تادۇدىن پايدىلىنىپ ماكاننى شەرھىلەش تامامەن مۇمكىن.ھەتتا بىريۇز نەچچە خىل ئىلمىنىتمۇ ،مىتاللويىد دىگىنى تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ،مىتال ئوت،كىسلاتا ئىشقارلار سۇ، گازلار ھاۋا بۇمۇ تۆت تادۇدىن چىقالمايدۇ.بۇ ماكان ئەھيا بۇلىشىدىن تۆت تادۇ مۇجەسسەملەنگەن.ماكان پەيدابولغاندىلا تۆت تادۇ بار ئىدى دەپ تەسەۋۋۇر گۇمان قىلىشىمىزغا يىتەرلىك پاكىت بۇلالايدۇ.ماددا ئەينەك تىلۋۇزۇرغا،تىلۋۇزۇر كومپىيتۇرغا تەرەققىي قىلغىنى راس،بىراق بۇ ئەندىزىنى ئۇرىقى بار ئىنسان ھايۋان ئۆسۇملۇكلەرگە تەقلىت قىلىش بىرتەرەپلىمە،چۇنكى جانلىق ئۇرىقىدىن ئۇنىدۇ.

زامان جەھەتتە پاكىت قىلساق،مەرھۇم ئابدۇشۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ يىپەك يۇلىدا توققۇز ھىكمەت دىگەن كىتاۋىدا ، ئاتچىلىق تۆت تادۇ توغرىسىدا، جۇملىدىن تۆت تادۇنىڭ ياۋرۇپاغاتارقىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلاربىلەن ئالاقىسى بارلىقى،ياۋرۇپا يۇنان تۆت تادۇ دەپ بولغىچە،ئۇيغۇرلاردىكى ئىپتىدايى دىنى ئىتىقادچىلىقىدا تۆت تادۇنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگى،بۇنى سۇرۇشتە قىلىشتا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ،ئۇندىن بۇرۇنقى يىراق قەدىملەر ئۇستىدەئىزدىنىش لازىملىقى قەيىت قىلىنغان.كۇن ئاي<كۇن ئوت،ئاي تۇپراق>ئىلاھىيەتچىلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار، ياۋرۇپاغا قارغاندا ئوتتۇرائاسىيادا تىخىمۇ مول،تىخىمۇ بۇرۇن تۇرىدۇ.ئاددىيسى ئىھرامنى قىياسلىساق،ئىھرامنىڭ تۆپىدىكى بىرتال پارچىسى بىلەن تامام شەكلى بىردەك، بۇ بىلىش.ئىھرام قاتتىق تاشتىن ياسالغان، تاش قاپاقنى يارىدۇ،بۇئادىللىق.ئىھرام تۆت تەرەپلىك، تۆت تادۇ يۇلەپ تۇرىدۇ،بۇياخشىلىق.ئىھرام بىر تاشنىڭ ئۇستىگە بىرتاشنى ئىلىپ قاتمۇقات ياسالغان،بۇتەقۋادارلىق.دىمەك ئىھرامدىمۇ تۆت تادۇ پەلسەپىسى ئەكىس ئىتىدۇ. بۇلار يۇناندىن بۇرۇن پەلسەپە بارلىقىغا،ھەتتا خىلى يۇقرى سەۋىيدە ئىكەنلىكىگە بايان بۇلالايدۇ.

ئىنسان جەھەتتە پاكىتلىساق،ئىنساننىڭ باش قىسمىدا تۆت تادۇ بار، كۆزدىن نۇرچاقنايدۇ بۇ ئوت. ئىغىز تۇكرۇك چاچىرتىدۇ  بۇسۇ . قۇلاق ھاۋادا تىتىرەپ گەپ ئاڭلايدۇبۇھاۋا. بۇرۇنىڭ قاقىچى بار تۇپراق. بۇرنۇم پۇراپ قالغان دەيمىز، بىلىش تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ. تۆت تادۇ بىلەنمۇ ئادەمنى شەرھىيلەش تامامەن مۇمكىن،تىۋىپتىن سۇراپ باقساق بۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا تۆت تادۇ پەلسەپىسى ئىنسان بىلەن ماكان زامان مەدىنىيەتنى قانۇنىيەت بۇيىچە مۇۋاپىقيەتلىك باغلىيالايدۇ.ھىچقانداق پەلسەپىدەتىخى مۇنداق تاكاممۇل ھالەت ئۇچۇرمايدۇ. مەسلەن؛ ئىنسان يەتتە ئەزايى ساق دەيمىز،ماكان يەتتە قىتئە، زامان يەتتە يۇلتۇز،ياكى بىرھەپتە يەتتە كۇن.ماكاننى بىرئىنسان شەكلىدە بايان قىلىشقا بۇلىدۇ. زامانمۇ شۇ ئىنسانغا ئوخشايدۇ. ئاسماندىكى يۇلتۇزغاقاراپ، ماكان زىمىندا يول تىپىشتىن، ماكان زامان ئىنسان دىن بۇ تۆتى ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.بۇنى تۆت تادۇ بولمىساباشقىسى باغلىيالمايدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى كۇرۋىلىشقا بۇلىدىكى ئىنسان ئاپىدا بۇلىشىدىن تۆت تادۇ مۇجەسسەملەنگەن دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بۇلىدۇ.

مەدىنىيەت جەھەتتەپاكىتلساق، قىساسۇل ئەنبىيادا ئىنساننىڭ تۇپراقتىن يارتىلغانلىقى<تۇپراق پەلسەپىنىڭ بىشارىتى>، شەيتاننىڭ ئوتتىن يارتىلغانلىقى ، ھەتتا ئىنسان روھىيتىدىكى تەپەككۇر ،قەلىپ ،كۆڭۇل،روھ قاتارلىقلارنىڭ يارتىلىش ئەھۋالى تۆت تادۇبۇيىچە قەيىت قىلىنغان.بۇگەپ سۇرەھىجىردىمۇ بار.بۇ تۆت تادۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ مەدىنىيەت بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ.تۆت كىتاپ،تۆت پەيغەمبەر،تۆت چاھاريار،چاھار قۇل دىگىلى تۇرساق بۇ جىق گەپلەر. ئۇندىن باشقاساماۋىي كىتاپلارنىڭ بايان ئۇسۇلىدا تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ پىكىر ئۇسۇلى كەڭرى ئۇچرايدۇ.دىمەك تۆت تادۇ پەلسەپىسى ئىدىيالىستىك قاراشلارنىڭ يۇرشى بۇلۇپلا قالماي،تارىخىنى مەدىنىيەت بىلەن سەپداش دىيىشكە بۇلىدۇ.

چىچىغا ئاق سانجىغانلاربىلىدۇ، بۇرۇن ئىلىمنىڭ دەرۋازىسى نۇجۇم ساناقلىرىنى ھىساپلاش بىلەن ئىچىلاتتى،ھازىر بولسا تىۋىپنىڭ قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا قالدى،تىخى كۇزىنى تىڭىپ قۇيۇپ كىسەل تاپالايدىغىنى ساناقلىقلا. بۇخىل پىكىر ئۇسۇلى يىتۇك بۇلۇپ،ھازىرقى مادداپىكىرقىلىپلىرىدىن پەرىقلىنىدۇ.قىسقىسى بۇنى ئىغىزنىڭ چايناش پەلسەپىسى دىگەن تۇزۇك،ئالدى بىلەن دوس بۇرادەر،ئوغۇل قىزلىرىمىزنىڭ مىجازىنى ئايرىشنى ئۇگۇنىمىز،سەپرامۇ سەۋدامۇ،بارا بارا قىزىققانلىكى نەرسىنى تادلاپ باققۇلۇق. كەڭ دائىرلىك بىلىم تەلەپ قىلىدۇ، يەنى جۇغراپىيە ، تارىخ،تىل،ئىختىساد ،مەدىنىيەت، تىبابەتمۇشۇ ساھالاردا تۇلۇق ئوتتۇرا سەۋىيسى بولسا بىمالال چاينىيالايدۇ.چاينىماي تۇرۇپتەم تىتىش ماۋۇ پەلسەپىدە ئاقمايدۇ. خۇيى بۇيىچە تۆت تادۇ ئايرىيمىز، ئاندىن تۆت تادۇ زىدىيەت مۇناسىۋىتىگە سالىمىز.بۇنىڭدىن باشقا ئىنچىكە يۇرۇشلىرى ئىزدىنىشكەمۇھتاج.

تۆت تادۇنىڭ قىممىتى جەھەتتە؛

ھازىر پۇتۇن دۇنيامەنپەت قۇربانى بۇلىۋاتىدۇ. يەنى ئىرادىسىگە خىلاپ بولسىمۇ،پۇل ئۇچۇن ھەمكارلىشىپ پۇلئۇچۇن دۇشمەنلىشىۋاتىدۇ.پۇلنىڭ ھالال ھارىمى يوق، ئاق مۇشۇك قارامۇشۇك ساچقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك دىگەندەك ئاخىردىكى نەتىجنى مەنپەت بەلگۇلەۋاتىدۇ. پەزىلەت دىگەندىن سۆز ئىچىش ئاخماقلىق بۇلۇپ قالدى.ئاددىيسى مىننەتچى مۇسۇلمانلارمۇ بىربىرىنى تاتىلاش چىشلەش بىلەن ئاۋارە.تۆت تادۇ بۇيىچە مەيلى ئەرەپ بولسۇن،مەيلى خاۋارىج،تۇرۇك ، شىئە بولسۇن.ھەممىسى ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ تادۇلىرى بۇلىدۇ.ئەرەپلەر بىلىش بولسا، خاۋارىجلارئادىللىق،تۇرۇكلەر ياخشىلىق،شىئەلەر تەقۋادارلىق بۇلىدۇ.تۆت تادۇنىڭ بىرى كام بولسا مەدىنىيەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ دەپ قارايدۇ.ناۋادا مۇسۇلمانلار مۇشۇ تەرىزدە پىكىر قىلغان بولسا، ئۆز ئاراقىرغىنچىلىق،تەپرىقچىلىق،ئىختىلاپلاردىن ئاللا بۇرۇن قول ئۇزگەن بۇلاتتى.ئىنسانىيەتتە كۇن سايىن ئۆچىۋاتقان پەزىلەتنى ئەھيا قىلىشتا تۆت تادۇپەلسەپىسى مۇھىم ئالەم شۇمۇل قىممەتكە ئىگە.

گەرچە يۇلتۇزلارئاراسەيرى قىلىشسىمۇ، سەن ئىنسان ھەققىدە تەلۋە نادان. ئىنسانىيەت ماكان جەھەتتەغايەت بولغان بىلەن ئىنسان جەھەتتە زور چىكىنىپ كەتتى، بۇلۇپمۇ ئىنسان روھىيتى جەھەتتە بىرەر كۇتۇپخانىنى بىزىگۇدەك ئىلىم يوق.ئىنسان رۇھىيتىنى تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش ،سىر ئەشيالىرىنى قىزىش،بۇنى ئەمىيەتكە تەدبىقلاشتا تۆت تادۇپەلسەپىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ئاددىيسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ تىندۇرمىسىنى بەزىلەرچارۋىچى مىللەت دىسە، بەزىسى بوستان مەدىنىيتى،بەزىسى ئىلاھىي مىللەت دىسە، يەنەبەزىسى ئاڭ تىندۇرمىسى كۆپ خىللىققا ئىگە دەپ بىكىتىلگەن بىر خۇلاسىنى ياكى تىپنى قۇۋەتلىيەلمەيدۇ.تۆت تادۇ بۇيىچەئۇيغۇرلار سۇغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.تەپەككۇردا پەزىلەت،قەلىپتە ھۇزۇرىي قەلىپ،كۆڭۇلدە مۇھەببەت، روھتا خۇي ئەكىس ئىتىدۇ.ئوت ئەركىن كۇيۇشنى ئىستىسە، سۇنى بىقىپ باشقۇرسا ئاقىدۇ.تۇپراقنى قاماللاش مۇمكىن سۇنى سىقسا ساقىيدۇ.دىمەك پەلسەپىدىكى ئىنسان دىگەن تىمىنى تۆت تادۇ پەلسەپىسىدىن سىرىت كاچىلاش، كەتمەندە سۇ ئىچكەن بىلەن ئوخشاش.جاھان ئۆلچەم بىلەن يارتىلغان.

ھەممىمىزنىڭ يەھۇدىيلاردەك ئىجادچان ئەقىللىق،ئەرەپلەردەك تەقۋا بۇلۇپ كەتكۇمىز بار. بىراق ھىچ بۇلالمايۋاتىمىز.ئالىم بىلەن موللا، مىللەت بىلەن مەدىنىيەت، پەن بىلەن دىن ئايرىم يولدا ئات سارىخان بۇلاۋاتىدۇ.تىخى دىن پەننى چەكلىمەيدۇ،دىن پەنگە يول ئاچىدۇ دەپ كىتىمىز.ھازىرقى پىكىر ئۇسۇلى مىتوت بىلەن مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ دىن بىلەن پەن بىرىكمەيدۇ. ئەكسىچە پەرىق تىخىمۇ زورىيىپ بارىدۇ.تۆت تادۇ پەلسەپىسىدە بولسا بۇچەمبەرچەس باغلىنىدۇ.ئالايلۇق, ساماۋىي كىتاپلاردىكى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋابايانلىرىغا ئاساسەن، ئىلاھىي ئاساسقا ئىگە تۆت تادۇ پەلسەپىسى ، ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ قۇرلىرىنى بىيىتتى دىسەك، شۇ پەلسەپە ئىنسان بەدىنىگە تەدبىقلىنىپ ئۇيغۇر تىبابىتى، جۇملىدىن پەنگە ئايلاندى. نۇرغۇنلار ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئىلاھىي پەن دەپ تۇنۇيدۇ.يەنە پەن، ئىنساننىڭ ماكان زاماندىن ئالغان ھۇكۇملىرى، پەلسەپەئارقىلىق ساماۋىي كىتاپلاردا ئىسپاتلىنىپ، بىيىپ،تىخمۇ يۇكسەكلىككەكۆتۇرلۇپ دىنغائايلىنىدۇ. دىمەك پەن بىلەن دىن، مىللەت بىلەن مەدىنىيەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرىكتۇرۇشتەتۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تەتقىقات قىممىتى بار.بەزىلىرىمىز تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىشەنسەكمۇ، يەنە تىخى ئارىمىزدا قۇرئاندا بولمىسا ئىشەنمەيدىغان جاھىلدىن كۇرمىڭى بار.بۇ ئىككىسى بىرىكمىسە بەخىت سائادەتتىن سۆز ئاچمىغان تۇززۇك.

ئادەمدە ئىرسىيەت دەيدىغان نەرسە بار.بىر قەۋىم يىراقتۇ يىقىندۇ تۇققان كىلىدۇ.بىر قەۋىمنىڭمۇئۇمۇملاشقان ئىرسىيتى بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرسىيتىنى تاتىلىساق،تەپەككۇرجەھەتتە چوڭدىن كىچىككىچە،تادۇبۇيىچەئىسسىق سۇغاق خۇي خۇلۇق بۇيىچە پىكىر قىلىش ئاساسىي سالماقنى ئىگەنلەيدۇ. لوگىكا،ئىجادىي پىكىر،ئوبىرازلىق ئوخشۇتۇشلارۋەباشقا پىكىر قىلىپلىرىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىشتا ئىرسىيەت جەھەتتە قىينىلىمىز. بۇلۇپمۇتىخمۇ ئىچكىرلەشتە ئاساس ئاجىز خۇي كىلىشمەيدۇ.بىراق تادۇچەتەپەككۇردا يىتۇكبىز.ئىشەنمىسەك فارابىيدىن ئىبىنسىنا،ئۇلۇغ بىككىچە تادۇچىلارنى ساناپ باقسابۇلىدۇ.دىمەك بىزگە نىسبەتەن پەن تەرەققىيات مىڭە دىگەن ئىشىكنى ئىچىشتا تادۇدىن ئىبارەت بۇ داۋاننى ئاشماي مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ.ھەم باشقا مىتۇتلار تۆت تادۇدائىرسى ئاساسىدا كەڭرىشىشى زۇرۇل.نىمەدىسە خەقنى دورىماي، يوتقانغا قاراپ پۇتسۇن غۇلۇق.خاسلىقنىڭ ئۆزى بايلىق.

تۆت تادۇدىن پايدىلىنىپ جان بىقىش ئىشىغا كەلسەك، تىبابەتچىلىك كەسپىنى بۇلۇپمۇ تىبابەت پەلسەپەسىستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش زۇرۇل.ئىپارخاننى بىر كۇمىلاچ تىرىلدۇرگەن،ھازىر ئۇنچىلىك ئەمەس،ئوتتۇرا تۇزلەڭ تىۋىپلىرى بىزدىنمۇ ساز كىتىۋاتىدۇ.قىسقىسى بىزدىكى تىبابەتنىڭ ساماۋىي قىممىتى سۇسلاپ كەتتى.بۇندىن باشقا تۆت تادۇ بىلەن پارخۇت ماشىنا ياسىيالمىساقمۇ،بىزگە نىئمەت سودا ھالال،سودا ئىختىسادنىڭ ئاساسىنى مۇسۇلمانلار بەرپاقىلغان.تىۋىپلار تۇمۇر تۇتۇپ ،كىسەلگە داۋا قىلىدىيۇ، نىمىشقائىختىساد سودىنىڭ تۇمۇرنى تۇتقىلى بولمايدۇ.تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ زاماننى بىلىش ئىقتىدارى يۇقرى، تۆت تادۇ بۇيىچە ئىختىسادنى تادلاپ ، كۆڭۇل قويساق مەڭزىمىز گۆش تولىشىغا ئىشەنچەم كامىل.بىر پىشقان تادۇچى بولسا،كۇزىنى تىڭىپ قۇيۇپ ، باشقاقىتئەگە ئاپىرىپ تاشلىسا، كىچىسى يۇلتۇزغا قاراپلا ئۆزىنىڭ نەدىلىكى، ئۇيەردەقانداق خۇيدىكى ئادەملەر بارلىقى، قانداق مەدەن ،ئۆسۇملىكى كام ئۇچرايدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلالايدۇ.بۇنداق سەۋىيگە يىتىش ئۇچۇن ئەۋلاتنى ئەۋلاتقائۇلاشقا،كۇمۇلۇپ چىچىلغان ئىلىمنى جۇغلاشقا توغراكىلىدۇ. دىمەك خۇلاسىلىغاندايىپەك يۇلىنى قۇرۇشقىمۇ ھۆنەر كىتىدۇ.

تۆت تادۇ پەلسەپىسى پۇتۇن دۇنيا، جۇملىدىن يەرشارى، ئىنسان ،مەدەن،ۋاقىت،مەدىنىيەت روھىيەت ھەممىسى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا دىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزلىدۇ.تۆت تادۇ بۇيىچە ھەركەت قىلىقلىنىدۇ.بىرى ئاساس بۇلىدۇ. بىرى كام بولسا مەۋجۇتلۇق بۇزىلىدۇ دەپ قارايدۇ،دۇنيانىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئىلاھقا باغلايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ماتىريال ئىلمىدەك ماكاننى ياكى لوگىكىدەك زامان سان سىپىرنى چىقىش قىلمايدۇ. بەلكى ئىنساننى چىقىش قىلىدۇ. يەنى ماكانمۇ ئىنسانغا ئوخشاش ،پۇت قول تىرە گۆشلىرى بۇلىدۇ.دىڭىزلار قۇرساق بوشلىقى بولسا،قۇملۇقلار كۆكرەك،دەريائىقىنلار قان تۇمۇر.ياكى ئىنساننى ياتقۇزۇپ قۇيۇپ شۇ بۇيىچە، ماكاننىڭ ئۇگىرى ئۇگرىلىرىگىچە شەرھىلەش مۇمكىن دەپ قارايدۇ.مەسلەن؛بۇرۇن بىلەن مىڭە مىجازى تۇپراق قۇرۇق سۇغۇق بىلىش بۇلىدۇ.يەھۇدىيلارنى مەركەز قىلغان ياۋۇپا ئەللىرى بۇرۇن بىلەن مىڭىگەقىياس.كۆز يۇرەك جىگەر مىجازى ئوت، نىسارالار جايلاشقان ئىندىلاد،ئامرىكا،ئاۋىستىرالىيە<جىگەر> قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.مۇسۇلمانلارجايلاشقان ئاسىيا مىجازى سۇ،ئىغىز ئاشقازان ئۇچەي تاناسىل ئەزا تۆتى مىجازى سۇ.تۆت ساھابىسى بار،ئەرەپ خاۋارىج تۇرۇك پارىس تۆت مىللەت تۇتۇپ تۇرىدۇ.قۇلاق بىلەن ئۆپكە مىجازى ھاۋا،بۇددىسىت مەملىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.يەنە زامان يۇلتۇزبۇرۇجلارنى تىزسىمۇ ئادەم ئورگانىزىمى چىقىدۇ.ئۇندىن باشقا مەدىنىيەت ئاساسى بولغان قۇرئاندىكى سۇرەقاف قەلىپ يۇرەك، سۇرەنۇر كۆز،فۇرقان ئىغىز،ھۇجرات مىڭە دىگەندەك مەدىنىيەتمۇ بىر ئىنسانغا تەقلىت .

تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ سىستىمىسى ھەققىدە تادلىساق،ئورۇن ماكان جەھەتتە، تۇپراق ئاينىڭ ئونبەشى ئايدىڭ،ئونبەشى قاراڭغۇ،ئىككى تىلماق،بىر يىل ئون ئىككى ئاي، يەھۇدىيلار ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن. تۇپراق ئون ئىككى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەلكىم مىڭىمۇ ئون ئىككى قىسىم بولسا كىرەك. قۇتادغۇ بىلگىدە ئادىللىقنىڭ ئۇچ پۇتى بار.مۇستەھكەملىك تۇزلۇك باراۋەرلىك.ئوت نىڭ ئورنى ئۇچ بۇلىدۇ.ياخشىلىق سۇ تۆت بۇلىدۇ.تەقۋادارلىق ھاۋا ئاسمان يەتتە قات بۇلىدۇ.مەسلەن بىر دۆلەت دىسەك، دۆلەتنىڭ ئوڭ قانات سول قانات كۇچلىرى بىلىشنى بىلدۇرىدۇ.ئارمىيە ئەدىلىيە ساقچى ئۇچ پۇت ئادىللىق بۇلىدۇ.مەكتەپ بانكا ئاكسىيە كارخانلار بۇ تۆتى سۇ ياخشىلىق بۇلىدۇ.مەركەزدىن شەخىسقىچە يەتتەقەۋەت بىر دۆلەتنى تۇزىدۇ.زامان ھەركەت قىلىق بۇيىچە، دەسلەپ تۇپراق بىلىشكىلىدۇ.ئاندىن ئوت ئادىللىق، سۇ ياخشىلىق، ھاۋاتەقۋادارلىق بۇيىچە ماڭىدۇ.ئىنسان خۇي بۇيىچە ،تۇپراق نىڭ خۇيى سەۋدا بۇلىدۇ.يىڭىلىق ئىستەيدۇ،تەسەۋۋۇر غايىلەرگەباي كىلىدۇ.سەۋىرسىز ئىشەنىچسىز بۇبەخىت بىقارار.ئوتنىڭ خۇيى سەپرا،ئىللەت بولسائىككىلەنمەي كۆيدۇرۇپ ماڭىدۇ،كۇن مىسالى قانۇن ئەھدىگە كۇچەيدۇ.سۇنىڭ خۇيى بەلغەم پەزىلەت ياخشىلىق بىلەن قىممەت تاپىدۇ.ھاۋا تەقۋادارلىق ئادەت كۇچەيدۇ.مەدىنىيەت بۇيىچە يەتتە يۇرۇش ئەكىس ئىتىدۇ.يەنى مەنبىيى رولى زىدىيتى خۇسيىتى قانۇنىيتىمۇناسىۋىتى ئاقىبىتى قاتارلىق يەتتە يۇرۇش بۇيىچە قىزىلىدۇ.مەنبىيى دىگەندە ماكان بۇيىچە ئىنچىكە تۇركۇمگە ئايرىلىدۇ،قاتلاممۇ قاتلام دىگەندەك،رولىدا لوگىكا ئەكىس ئىتىدۇ،قۇرۇق سۇغۇققا ھۆل سۇغۇق قىتىلسا،ئىككى سۇغۇق بۇلىدۇ دىگەندەك.زىدىيتىدە،ئوت بىلەن سۇ،تۇپراق بىلەن ھاۋا زىدىيتى چىقىش قىلىنىدۇ...... قۇتادغۇ بىلىگىدەئورنى قىلىقى خۇيى كىسىلى داۋاسى بۇيىچە تەقلىت قىلىنغان.دىمەك تەپەككۇرساراڭلىرىدىن بولسا تۆت تادۇ پەلسەپە سىستىمىسى بىر نەچچە ئادەمنى قىرىتىشقا يىتىپ ئاشىدۇ.

تۆت تادۇ توغرىسىدازامانىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن كىتاپلاردىن ئالاھىدە ئورۇنغا قۇيۇشقا بۇلىدىغىنى قۇتادغۇ بىلىگ.تۆت تادۇ پەلسەپىسى توغرىسىدا ئىزدەنسەك قۇتادغۇ بىلىگدىن خىلى كۆپ سالماق ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلالايمىز. بۇنىڭ ئۇچۇن تادۇچە كاللا بۇلۇش كىرەك.ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىبابىتى قىدىرىپ تەكشۇرۇش،ماكان زامان مەدىنىيەت بىلەن سىلشتۇرۇشنى كۇتىۋاتىدۇ. يەنە ساماۋىي كىتاپ تەرجىمىسى بۇ تىخىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە.بۇنىمۇتاتلاپ كۆرسەك نۇرغۇن ئىلىم چىقىدۇ.ئۇيغۇر تىلى پەلسەپە نوختىسىدىن بىربايلىق.شۇكىتاپتىكى ئىلىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئايان بۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا ئەمىلىيەت بۇمۇ بىر تەپەككۇر سورىنى . كۇزىمىز بىلەن كۆرگەن بىلگەنلىرىمىزنى تاتلاپ قىلىپلىساق  بۇمۇ چوڭ كىتاپ.بىر ئاجىزلىق يەنى زامان بۇيىچە ئۇلۇغ بىگكە ئوخشاش ئىلمى نۇجۇمچىنىڭ تۇغۇلىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن.ئاخىردا تور ئىشتىراكچىلىرنىڭ ۋاختىنى زىھنىنى ئالماسلىق ئۇچۇن سۆزتامام.

پايدىلانغان مەنبەلەر،قۇتادغۇ بىلىگ،ئۇيغۇر تىبابىتى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u0 }  h' M4 N/ _7 r5 _ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-6 05:12 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 n& x% ?4 C+ S! `) Jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% P6 U/ ~7 L( M& j/ K- H

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13730
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7779 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 06:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ   ................ئاجايىپ ئوخشىتىش بوپتۇ بۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10593
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 07:24:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qaltia tima.

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1934
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4847
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 11:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توپتا بىرەيلەن بولىدىغان ، ھېلى تاتىپ ئەكىرىپ قويسا قېچىپ چىقىپ كىتىدىغان ،4 تادۇ دەپ ، تېما ئىگىسى شۇدەك قىلامتۇ ....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 a3 }3 B, J: k1 d, a+ m% I  D# g8 p
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]( n. ]2 y/ X9 I3 rخەنزۇلاردا  ۋە شەرقى ئاسىيادىكى ياپون كورىيە دىگەندەك دۆلەتلەردە ، مۇسبەت ۋە مەنپى (يەنى 阴阳 ) پەلسەپىسى ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ  ... بىزدىكى  پەلسەپىنىڭ تۆت تادۇ  بىلەن ھەقىقەتەن بەك زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 |$ r. g- q( D6 Zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# U3 H) x* O% _7 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ]. v# n  q3 @* o) J4 g5 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `- |: k. \" C0 P& Z! ]

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش