ئەڭ ياخشى تىلەكلەر بالام ئۈچۈن
ساھىدەم ئارۋاخۇن
ئاپتۇرى - ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە
ئاپئاق قوزام ، بۇ يىل سېنىڭ شەرمىي –ھايالىق قىزبولۇپ چوڭ بولىۋاتقانلىقىڭغا 17-يىل بولدى. ئالدى بىلەن يېتىپ كېلىش ئالدىداتۇرغان «خانىم –قىزلار بايرىمىڭىزگە قۇت بولسۇن !».
شامالنىڭ ئەڭ ئەركىسى ،قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارىتى، چىملىقنىڭ ئەڭ يۇمران ئورنى، سۇنىڭ ئەڭ سۈزىكى ،ناخشىلارنىڭ ئەڭ لېرىك قىسمى ، قۇشلارنىڭ ئەڭ مۇڭلۇق سايرىشى، ئىنساپنىڭ ئەڭيوقۇرى پەللىسى، گۈزەللىكنىڭ ئەڭ ئالىي ئىلتىپاتى ،غۇرۇرنىڭ ئەڭ يوقۇرى بالدىقى،شان-شەرەپنىڭ ئەڭ ئالىيسى سىزگە تەۋە بولسۇن !
گۈزەل تىلەكلىرىڭىزگەيېتىشىڭىز ئۈچۈن مەن سىزگە قالقان بولۇشقا رازى ! قاراڭغۇدا قالسىڭىز مەشئەلبولۇشقا رازى! ھېرىپ قالسىڭىز ھاسابولۇشقا رازى! سىزدەك يۈرەك –پارەم ئۈچۈن ئوتدېڭىزىغا سەكرەشكە رازى!شاۋقۇنلۇق دەرياغا چۆكۈشكە تامامەن رازى!
ئوماق قوزام، شۇڭائىسمىڭىزنى دىللارغا ئاراملىق بېغىشلىسۇن دەپ «دىلئارا»قويغانمىز !
بالام ،چىرايلىق بۈدۇر چاچقوزام ، سىزنى ئەركىىتىپ ، دۈمبەمگە ئارتىۋالاي دېسەم ،بويىڭىز مەندىن ئېگىز ،ئەمما كۆڭلۈمدىكى ئورنىڭىز بويىڭىزدىنمۇ ئېگىز ! ئالدىڭىزدا تالاي مۇشاقەتلىكيوللار بار. قانداق مېڭىشنى ئوبدان بىلىسىز! نەزىرىمدە سىزئەنە شۇنداق ئەقىللىقبىر قىز!
شۇڭقار بىلەن قۇزغۇننى ،بۇلبۇل بىلەن ھۆپۈپنى ، گۈل بىلەن ئازغاننى دەريا بىلەن قۇرتلۇق كۆلنى ئوبدانپەرىقلەندۈرەلەيسىز!
مەن سىزنى چوقۇم ئالىيمەكتەپكە ئۆتىسەن دەپ مەجبۇرلىمايمەن. ئەمما تىلەكلىرىڭىزگە يېتىشىڭىز ئۈچۈن ئوڭيېنىڭىزدا دادېڭىز ، سول يىنىڭىزدا مەن ئارقىڭىزدا ئاغزى تاتلىق ئۇكىڭىز بار. قېنىبالام ، ئالامچە غەيرەت سىزگە يار بولسۇن!
سىز ئۈچۈن پۈتۈن جىسمى پىدا-ئاپىڭىز دىن .