يار قەدرى
XOHTEKIN
ئىزھار قىلسام مەڭزىڭگە سۆيۈپ،
دوستلىقىمنىڭ قىزغىن كۈيىنى.
دەرت تارتساڭمۇ ئىشقىمدا كۆيۈپ،
تىلىدىڭ شات ،بەختىم يولىنى.
سانسىز ئىنسان ئىچىدىن تاللاپ،
سۆيگەن ئىدىڭ مېنىلا پەقەت.
مۇڭ-پىغاندا قىيناپتۇ زەپمۇ،
قىيامىدىن تاشقان مۇھەببەت.
سۆيگۈ ۋولقان تەپتىدە قايناپ،
كۆيدۈڭ تەنھا ھەتتا دۇنيامۇ.
ئۇۋالىڭنى چۈشەنگەن شۇندا،
يىغلاپ قۇشلار، تاغۇ-دەريامۇ.
بىغەم ئۆتكەن ئاشۇ پەيتلەردە،
سەزمەپتىمەن مېھرىڭ قەدرىنى.
قانداق سېھرى ئويغىتار ئەمدى،
غەبلەت باسقان مىسكىن قەلبىمنى.
كۆچۈر مېنى تىلەيمەن شەپقەت،
كۈلۈپ بېرەي ئالغىن سەن جاننى.
بەردىم ساڭا ھىجراننى ئەبەد،
بىلمەي دىلدىن سۆيگەن جاناننى.
(دىيارى كەلپىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 12:16 PM