پارلىسۇن ئىقبال ساڭا
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئۈمۈتلۈك ياش،قەدىرلىك ئىنىم-ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم شەنىگە
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
بۇلبۇل تاپار گۈلشەننى چىن ئىخلاستا كۈلپەتتە.
ھالال مېھنەت ئىنساننى خار قىلمايدۇ ئەلۋەتتە.
مەنزىل يىراق بولسىمۇ ساڭا ئۇتۇق تىلەيمىز،
ھەققىڭ باردۇر سېنىڭمۇ ھاياتتىكى نېمەتتە.
«بىر كەم دۇنيا» بولسىمۇ، سەندە تولۇق شىجائەت،
ياشاپ كەلدىڭ بىر بۈيۈك ياخشى ئەمەل- نىيەتتە.
سۆيۈنىمىز چىن دىلدىن كۆكسۈڭگە گۈل تاقىساڭ،
مەغرۇر كۈلدۈڭ داۋاننى قويۇپ دەردتە- ھەسرەتتە.
تىرىشچانلىق بابىدا تارتتىڭ تالاي رىيازەت،
ۋايسىمىدىڭ شۇندىمۇ ياشاپ كەلدىڭ غەيرەتتە.
ئىش-ئىزلىرىڭ ئۈلگىدۇر بارچە ئەلگە،ئاۋامغا،
پىنھانلاردا چۈش كۆرۈپ ياتقانلارغا غەپلەتتە.
ھەربىر باسقان ئىزىڭدىن دىل سۆيۈنسۇن، گۈل ئۈنسۇن!
سالام ساڭا مىسرانىم بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتتە!
2014.3.5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 11:34 PM