مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 846|ئىنكاس: 4

تارىختىكى بۇگۇن (4-مارت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 03:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1852-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى گوگۇل 43 يىشىدا ۋاپات بولغان . گوگۇل 1809-يىلى3-ئاي31-كۈنى تۇغۇلغان.ئۇنىڭ «رىۋىزور» ،«ئۆلۈك جانلار» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار.
1944-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى تۇنجى قىتىم بېرلىننى بومباردىمان قىلغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغان.


1860-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئابراخام لىنكولىن ئامېرىكىنىڭ-16نۆۋەتلىك زوڭتوڭى بولغان.
1809-يىلى2-ئاينىڭ12-كۈنى ئابراھام لىنكولىن كىنتاكى شىتاتىدا ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. -1834يىلى ئىللىنوئىس شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان. لىنكولىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان تۇنجى زوڭتوڭ. 1862-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى  «ئازادلىق  خىتابنامىسى»نى  يەنى نىگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان.  جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدا جەنۇب بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى مەغلۇب قىلىپ  دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان،قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. 1864-يىلى ئۇ يەنە زوڭتوڭلۇققا سايلانغان. 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى فورد تىياتىرخانىسىدا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان .لىنكولىن قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان تۇنجى ئامېرىكا زوڭتوڭى،شۇنداقلا نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان ئۇلۇغ زوڭتوڭ.
1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىق گېنىرال جوسېف ۋاررېن ستىلۋېل ئامېرىكىدىن چۇڭچىڭغا كىلىپ جۇڭگو ئۇرۇش رايونىنىڭ  شىتاب باشلىقى بولغان. ستىلۋېل 1883-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان1904 -يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1920-يىلىدىن 1923-يىلىغىچە جۇڭگودا خىزمەت قىلغان. 1926-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە  تىيەنجىندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باتالىيون كوماندىرى ،مۇۋەققەت شىتاب باشلىقى بولغان. 1935-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى بولغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا ستىلۋېل ئامېرىكا 2-كورپۇسىنىڭ قوماندانى ئىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلگەچكە ، جۇڭگو ئۇرۇش رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جياڭ جېشىنىڭ تەلىپى بىلەن جۇڭگوغا كىلىپ جۇڭگو ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جياڭ جېشىنىڭ  شىتاب باشلىقى بولغان.1943-يىلى قوشۇمچە شەرىقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ  بىرمىدا ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. جىياڭ جېشى بىلەن چىقىشالمىغاچقا، 1944-يىلى 10-ئايدا رۇزۋېلىت ئۇنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كەتكەن. 1946-يىلى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
1951-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا ئولىمپىك مۇدىرىيىتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا باشلانغان. مۇسابىقىگە  ئافغانسىتان، بىرما، سىرىلانكا، ھىندونىزىيە، ئىران، ياپونىيە، نىپال، فىلىپپىن، سىنگاپور، تايلاند، ھىندىستان قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ 489 تەنھەرىكەتچىسى قاتناشقان. مۇسابىقىدە يىنىك ئاتلىتكا، سۇ ئۈزۈش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ۋېلسىپىت، ۋاسكىتبول ۋە پۇتبول قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 59 ئالتۇن مىدال تەسىس قىلىغان. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلاشقان بۇ مۇسابىقىدە  ياپونىيە 26 مىدالغا، ھىندىستان 15 مىدالغا، ئىران 8 مىدالغا ، فىلىپپىن 5 مىدالغا، سىنگاپور 5 مىدالغا ئېرىشكەن.
1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى سىتالىننىڭ قىزى سۋىتلانا غەرپكە قىچىپ كەتكەن.سۋىتلانا 1926-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى لېنىنگرادتا تۇغۇلغان. ئۇ سىتالىننىڭ بىردىن-بىر  قىزى بولۇپ  موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە  مۇئاۋىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئىنگىلىز تىلى تەرجىمانلىقى ۋە  ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.  1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە   ھىندىستانغا بېرىپ ھىندىستانلىق ئېرىنىڭ مىيىتىنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كېيىن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىشنى رەت قىلغان ھەمدە شىۋىتسارىيەدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن  ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان. 1970-يىلى  ئامېرىكىلىق ئارخىتىكتور ۋىليام پېتىرىس بىلەن توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، كېيىن نىكاھدىن ئاجرىشىپ كەتكەن. 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 86 يىشىدا ئۈچەي راكى بىلەن  ۋاپات بولغان. -1986يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئاۋىستىرىيەنىڭ سابىق زوڭتوڭى  ۋالىدھېيىمنى  2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە  ناتسىست گېرمانىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەمدە يۇگۇسلاۋىيە يەھۇدىلىرىغا زىيانشكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىگە بىلەن 1942-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە  نەچچە مىڭ يەھۇدىنى  گىرىتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ،دەپ ئەيىپلىگەن.ۋالدھېيىم ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ بىر قىتىملىق زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : «-2دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە  ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بالقان دۆلەتلىرىدىكى قوماندانلىق شىتابلىرىدا خىزمەت قىلغىنىم راست، بىراق ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشىپ باققان ئەمەسمەن، پەقەت گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئوفىتسېرلىرى ئوتتۇرىسىدا تىلماچلىق قىلغانىدىم » دېگەن.


menbe:   http://www.uycnr.com/lssdjt/201103/t20110303_91437.html


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96768
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-8-6
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 04:25:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2013 يىلى بۇگۇنكى كۇندە مۇنبەر ئەزاسى شامال7 كەنىتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەجبۇرى ھاشار مەجبۇريتىمنى ئادا قىلغانلىقىم يادىمدا
2014 يىلى بۇگۇنكى كۇندە مىسرانىم مۇنبىرگە ئىنكاس يىزىۋاتىمەن.
لىكىن بۇ كىچىك ئىشلاردە!!!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 04:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گوگولنى تىلغا ئېلىپ قاپسىز قېرىندىشىم،ئۇنىڭ  (رېۋىزور)ناملىق ئەسىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى.....

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 10:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنى ئوقۇغان تورداشلارنىڭ توغرا چۈشنىشىنى ئۈمۈد قىلمەن...
شوپۇر ئۇستام ئالدىراشچىلىقتا....بۈگۈننى بۇگۇن دەپ يېزىۋاپتۇ...توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن....

قايسى تېمىغا كىرسە ئىملا خاتالىقى ھەتتا تېما ماۋزۇسىمۇ بار.....
ئەمدى ئىدارىدىكى خەنلەرنى مازاق قىلمايمەن ئۆزەڭنىڭ يېزىقىنىمۇ ئوڭشاپ يازالمايدىكەنسەن دەپ.....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 11:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر. تېما يوللىغانلار مۇشۇ نوقتىغا بەكرەك دىققەت قىلسا!!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش