پەرۋاز قىلىپ سامادا لەرزان،
قۇشلار كەبى ئۇچۇپ كەتكۈم بار.
ئېرىقلاردا ئەركىن ئويناقلاپ،
شىلدىر-شىلدىر ئېقىپ كەتكۈم بار.
ئەتىيازدا مۇڭلۇق كۈي چېلىپ،
تومۇز يازدا سايىداپ يېتىپ.
ئالتۇن كۈزدە مول-ھوسۇل ئېلىپ،
قەھرىتاندا خۇشال كەتكۈم بار.
تاشلاپ قايغۇ-ئازاپنى يىراق،
قىينىغاندا قەلبىمنى پىراق،
كۆڭۈلسىزلىك تۇر مەندن يىراق،
خاپىلىقنى تاشلاپ كەتكۈم بار.
ئىزدىمىسە مېنى خوشاللىق،
تىلىمىسە ماڭا ئامانلىق،
ھەتتا قاپاق تۈرسە يامانلىق،
بىپەرۋامەن، خوشال كەتكۈم بار.
مەيلى تاشلاپ كەتسۇن بىۋاپا،
مەيلى كەتسۇن يارۇ-دوست يانا ،
رەنجىمەيمەن تاشلىسۇن دۇنيا،
ۋاپاسىزنى تاشلاپ كەتكۈم بار.
سۆيۈلگەنلەر، مېنى سۆيگەنلەر،
ئامان بولسۇن ئەزىز تېنىڭلار.
ئۇنۇتماڭلار دۇئا بېرىشنى،
دۇئالاردا ئۇزاپ كەتكۈم بار.
مەنبە: ئۆزۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rahiyma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 03:58 PM