|
|
|
|
نەۋرۇزنىڭ 5-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.17 ئەتراپىدا تۈنۆگۈن باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1337 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا چوڭ چۈشۈشكە ئۇچىراپ بازار يېپىلدى .تۈنۆگۈن كەچتە ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىنىڭ پايچەك بازىرى پەستىن سەكرەپ چىقتى ،روسىيەنىڭ پايچەك بازىرى ئالتە پىرسەنىت ئۆسۈپ بازار يېپىلدى ،ھەرخىل چوڭ كۆرسەتكۈچلەر ئاساسەن ئۆسۈشكە ئېرىشتى ،لېكىن ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مىتاللار بازىرى ئەكسىچە چۈشۈپ كەتتى .
نەۋرۇزنىڭ 5-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىى قىممىتىگە دىققەت قىلىڭ ،بۇ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۈۋەنلىتىش مۆلچەرىگە بەلگىلىك تەسىر قىلىشى مومكىن .بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەبلەق سالغۇچىلار يەنە ياۋرۇ رايۇنىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پى ئېم ئاي ئاخىرقى قىممىتىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ ،ئەگەر ئۇچۇرلار ياخشى چىقسا ئالتۇن باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق .كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامرىكىنىڭ ئې د پ كۆرسەتكۈچىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ،مەبلەق سالغۇچىلار بۇ ئۇچۇردىن ئامرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ يۈنىلىشىنى كۆرىۋالالايدۇ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى263يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 4.17يۈەن
بىر دوللار 6.150 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.400 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6670 دوللار
ياۋرۇ 1.3730 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
|
|
|
|
|
|