|
|
|
|
يىقىندىن بىرى مارت ئىيى كىرىشى بىلەن خانىم -قىزلاردا << سەنبا >> دىگەن ئاتالغۇ پەيدا بولدى.
بۇ << چىرايلىق >> ئاتالغۇ خىلى كۆپ ئىجىتمائى سورۇنلاردا قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى .
1-مىسال ؛ مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە قەشقەردىكى داڭلىق بىر پولوخانىغا ناشتىلىققا باردىم . ئۇدۇلۇمدا ياش ئەر -خۇتۇن بىر بالىسى
بىلەن تاماق يەۋاتاتتى . مەنمۇ تاماق بۇيرۇتۇپ پولو يەپ ئولتۇراتتىم .ئۇدۇلىمىدىكى ئايال ئىرىگە؛--ھىلقى قىممەت ئالغان رەخىتنى
سەيپۇڭغا ئاپارغانتىم .سەيپۇڭ ئۇستام ئىشىم ئالدىراش تىز پۈتتۈرۈپ بىرەلمەيمەن دەپ تۇرىۋالدى . مەن ئۇستام ئۇنداق دىمەي <<
سەنبا >> غا ئۈلگۈرتۈپ تىكىپ بىرىڭ دىسەم ئۇ ؛- شۇ << سەنبا >> غا ئۈلگۈرتىدىغان كىيىم بەك كۆپ دەپ تۇرۋاپتى ،ئىش ھەققىگە
100 يۈەن قۇشۇپ بىرىپ ماقۇل كەلتۈردۈم دىدى .
ئىرى ؛-شۇ كۈندە كىيمىسەڭ نىمە بوپتۇ ؟؟؟ ئوشۇقتىن -ئوشۇق پۇل خەجلەپ . دەپ گۆلەيدى .
--<< سەنبا >> دا كىيمىگەن كىيىمنى نىمە قىلاتتىم تىكتۈرۈپ . دەپ ئاچچىغلاپ سىرىتقا ماڭدى .
2-مىسال ؛ ئىككى ئايال ئالتۇن زىبۇ -زىننەت دۇكىنىدا ؛--ئۇستام چوقۇم << سەنبا >> غا ئۈلگۈرتىپ ياساپ بەرسىلە دەپ تۇرىۋالدى
.ئۇستام گاڭگىرىغان ھالدا ؛--نىمە ؟؟ قاچانغا دىلە ؟؟؟ دەپ سورىدى .
---<< سەنبا >> مانداق ئاياللار بايرىمىغا دەيمە . دىدى ھىجىيىپ .
ئۇستام كۈلۈپ كىتىپ ؛--ھە بولىدۇ . شۇ كۈنگىچە پۇتكۈزۈپ قوياي ،
3-مىسال ؛ جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن يەسلىدىن ئوغلۇمنى ئىلىپ چىقىۋاتسام يەسلىدىن ئاپىسىغا ئەگىشىپ مىڭىۋاتقان بالا ئاپىسىغا ؛--
ئاپا ئەتە مىنى باغچىغا ئاپرىپ ئويناتساڭ بولاتتى ، بەك زىرىكىپ كەتتىم دىدى. ئاپىسى ؛--بالام ئەتە ئاپاڭ جىبەر ئىشلەيدۇ . يەكشەنبە
كۈنى ئۆيدە مىھمان بار . ۋاقىت يوق دىدى .
بالا تۇمشۇقىنى ئۈمچەيتىپ ماڭماي تۇرىۋالدى .
ئاپىسى ؛--مۇنداق بولسۇن << سەنبا>> دا مەن سىنى چوقۇم باغچىغا ئاپىراي بولامدۇ ؟؟؟؟ بالا ؛--ئاپا << سەنبا >> دىگەن قەيەر ئۇ
؟؟؟ دەپ سورىدى . ئاپىسى كۈلۈپ كىتىپ ؛--ئۇ دىگەن بايرام ئوغلۇم .بەش كۈندىن كىيىن مۇشۇ بايرام بولىدۇ . سىنى شۇ چاغدا ئاپىراي بولامدۇ ؟؟؟
مۇشۇنداق ئاتالغۇلارنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بوپ قالدى .
قايسى كۈنى بىر تونۇشۇمغا بىر قىز ؛--<< سەنبا >> دا ماڭا نىمە سوۋغا قىلىسىز ؟؟؟ دەپ سوراپتىكەن . ئۇ تونۇشۇم ئۇ قىزغا
ئاچچىقلاپ ؛--نىمە ئۇ << سەنبا >> دىگەن 8-مارت ياكى خانىم -قىزلار بايرىمى دەپ ئاتىسىڭىز بولماسما ؟؟؟ دەپتىكەن . ئۇ قىز <<
سەنبا >> دىسە بەك شۇشەن ئاڭلانمامدۇ ؟؟؟ دەپتۇ .
بۇ تىمىنى يەنە ئۇزارتىپ يازسام بۇ بايرام تۈگەپ كەتمىسۇن يەنە .
مىنىڭ تەۋسىيە قىلدىغىنىم ؛ ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلايلى !!!! بولۇپمۇ كىچىك بوغۇنلار ئالدىدا ساپ تىلدا پاراڭلىشايلى!!!
شۇ بوغۇنلار كەلگۈسىدە << شۇشەن >> سۆزلەرگە ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالمىسۇن !!!!!
مەنبە ؛ بىر مىسقال مۇنبىرىwww.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 11:41 AM
|
|
|
|
|
|