تورونتودىكى << ئانا تىل ئۆگىتىش جېڭى>>
كېچىدە ئىشىك چەككەن فىرانسىيەلىك موماي
2002 - يىلى قىشتا ، ئائىلىمىز بويىچە كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە كۆچمەن بولۇپ كەلدۇق.
ئورۇنلىشىپ بولغان كۈنى كەچتە ، كەچلىك تامىقىمىزنى ئەمدىلا يەپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا ئىشىك چېكىلىپ ، ئۆزى سېمىز، چاچلىرى ئاقارغان بىر چەت ئەللىك موماي ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىسمىنىڭ لېسسىڭ ئىكەنلىكىنى ، فىرانسىيەلىك كۆچمەنلىكىنى ، ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېسسىڭ خانىمنىڭ كۆپكۆك كۆزلىرىدىن بىر خىل مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ماڭا بىر پارچە باغاقچىنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ : << بۇ ئۆيۈمنىڭ تېلېفون نومۇرى ، سىلەر يېڭى كەلدىڭلار، نۇرغۇن ئىشلاردا كۆنەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن ، سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييارمەن >> دېدى ھەمدە ئوغلۇم كەن كەننىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ قويدى .
ئۇنىڭ قىزغىنلىقى مېنى ھەم ئېرىمنى ، شۇنداقلا ئون ياشلىق ئوغلۇم كەن كەننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. ئىككىنچى كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، لېسسىڭ خانىم يەنە شۇ ۋاقىتتا ئىشىكىمىزدە پەيدا بولدى . بۇ قېتىم ئۇ قولىغا بىر دەستە گۈل ئېلىۋالغان بولۇپ ، ناھايىتى ئەدەپ بىلەن : << ئوماق ئوغلۇڭلارنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ >> دېدى. بۇ ئىش ماڭا سەل غەلىتىرەك تۇيۇلغان بولسىمۇ چاندۇرمىدىم : << بولىدۇ، بولىدۇ ، قېنى مەرھەمەت ! >> .
لېسسىڭ خانىم كرېسلوغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، خۇددى سېھىرگەردەك چاققانلىق بىلەن سومكىسىدىن ئىككى پارچە كىتابنى چىقاردى . ئۇنىڭ بىرى ئىنگلىز يېزىقىدىكى << تورونتودىكى ئش بېجىرىش قوللانمىسى >> بولۇپ ، ئۇنى ئېرىمگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ، يەنە بىرى فىرانسۇز يېزىقىدىكى << كىچىك شاھزادە >> دېگەن كىتاب بولۇپ ، ئۇنى ئوغلۇم كەن كەنگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
<< مەن فىرانسۇزچىنى بىلمەيمەن ، بۇ كىتابنى ئوقۇيالمايمەن ، رەھمەت سىزگە ! >> دېدى باياتىن بېرى بىر چەتتە قاراپ تۇرغان كەن كەن لېسسىڭ خانىمغا . بۇ گەپنى ئاڭلاپ لېسسىڭ خانىمنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: << قوزام ، بۇ بىر ئۇلۇغ كىتاب ، چوقۇم كۆرۈشۈڭ كېرەك ، فىرانسۇزچىنى بىلمىسەڭ ھېچۋەقەسى يوق ، مەن ساڭا ھازىردىن باشلاپ ئۆگىتىمەن >> دېدى .
بۇ چاغدا مەن ۋە ئېرىم لېسسىڭ خانىمنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ كەن كەنگە فىرانسۇزچە ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق .
ئەسلىدە ، لېسسىڭ خانىم بىر تىل مەكتىپىنىڭ خالىس ياردەمچىسى بولۇپ ، يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرگە ھەقسىز فىرانسۇزچە ئۆگىتىدىكەن .
كەن كەنگە مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بولغىچە ، ئۇ ھەر كۇنى كەچتە لېسسىڭ خانىمنىڭ ياردىمىدە فىرانسۇزچە ئۆگەندى . ئۇزۇنغا قالماي ، كەن كەن فىرانسۇزچە << بۈگۈن نېمە تاماق يەيمىز؟ ئەتە قار ياغامدۇ - يوق؟ >> دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي سوئاللارنى سورىيالايدىغان بولدى . ئېرىم بىلەن ئىككىمىز لېسسىڭ خانىمنىڭ خالىس ياردىمىدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇق.
يېرىم يولدا قوشۇلغان ياپونلۇق بوۋاي
ئىككى ئايدىن كېيىن ، كەن كەن كانادادا مەكتەپكە كىردى . بىر كۈنى چۈشتە ، تۇيۇقسىز ئىشىكىمىزنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ ، بوسۇغىدا پاكىز قېرىغان ئاسىيالىق بىر بوۋاي پەيدا بولدى . بوۋاي ئىسمىنىڭ فۇجى خارا ئىكەنلىكىنى ، ئۇدۇلدىكى بىنادا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن ئەدەپ بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىدىن مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەنلىكىنى سورىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : << ئوغلىڭىز مۇشۇ ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن ، مەن ھەر كۈنى ئۇنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكەلسەم قانداق >> دېدى.
فۇجى خارا ئەپەندى يەنە بۇ ئىشنى خالىس قىلىدىغانلىقىنى ، ھەق ئالمايدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئۇغلۇم ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
كەچتە ئېرىم ئىككىمىز مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ، كەن كەننى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغان ئىشنى فۇجى خارا ئەپەندىگە تاپشۇرۇشنى كېلىشتۇق.
ھەش - پەش دېگۈچە مىلاد بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى . بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئىككىيلەنگە نېمە سوۋغا ئېلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقىنىمىزدا ، ئويلىمىغان يەردىن فۇجى خارا ئەپەندى بىزدىن چاققان چىقىپ ، ئىشىكىمىزدە پەيدا بولدى . ئۇ كەن كەنگە ئوغۇل بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇق تاپانچا ، قۇراشتۇرۇپ ئوينايدىغان رەسىم دېگەندەك نەرسىلەر ئېسىلغان بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تۈپ ئارچا دەرىخى سوۋغا قىلدى . بۇ ئشتىن ھەممىمىز بەك خۇشال بولۇپ ، نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق . دەل شۇ چاغدا ، ئىشكنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ ، لېسسىڭ خانىم كىرىپ كەلدى . << كەن كەن ، قاراپ باقە ، مەن ساڭا نېمە ئېلىپ كەلدىم ! >> ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، سوۋغات قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىدىن يۇڭ يىپتا توقۇلغان بىر دانە بۆكنى چىقاردى . لېسسىڭ خانىم پەخىرلەنگەن ھالدا : << بۇنى ئۆزۈم قولدا توقۇغان >> دېدى . ئۇ شۇ چاغدا ، كرېسلودا ئولتۇرغان فۇجى خارا ئەپەندىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. << ۋۇي ، فۇجى خارا ھەپەندىغۇ بۇ ، سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز ؟>>.
ئەسلىدە ئۇلار بۇرۇندىن تونۇشىدىكەن . فۇجى خارا ئەپەندى ئەدەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، لېسسىڭ خانىمغا ئېگىلىپ سالام قىلغاندىن كېيىن ، سەل خاپا بولغان ھالدا : << بۇ يەردە بولسام بولمامدىكەن؟ >> دېدى .
مەن دەرھال لېسسىڭ خانىمغا فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھەر كۇنى كەن كەننى مەكتىپىگە ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغانلىقىنى ، فۇجى خارا ئەپەندىگە بولسا لېسسىڭ خانىمنىڭ قوشنىمىز ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھەر كۇنى كەچتە كەن كەنگە فرانسۇزچە ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئېيتتىم .
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندى بىردىنلا بەس- مۇنازىرىگە چۈشۇپ كەتتى .
بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭ زادى نېمە ئش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق . كېيىن ئۇقساق ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن: لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ ھەر ئىككىلىسى كانادادىكى تىل مەكتىپىنىڭ خالىس ياردەمچىلىرى بولۇپ ، بىرى فىرانسۇز تىلى ، بىرى ياپون تىلى ئۆگىتىدىكەن . ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن . لېكىن ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كانادادا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بالىلار بەك ئازلاپ كېتىۋاتقاچقا ، ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئىككىيلەن دائىم ئوخشاش بىر بالىنى تالىشىپ ، جېدەللىشىپ قالىدىكەن. كەن كەن مانا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىكەن.
مەنمۇ چەت ئەللىك بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان بولدۇم
شۇ ئىشتىن كېيىن ، بۇ ئىككىيلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىشقا باشلىدى.
لېسسىڭ خانىم فىرانسۇز تىلىنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئۆگىتىدىغان بولدى . ئۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي ، يەنە ھەر كۇنى كەن كەنگە ئۇششاق سوۋغىلارنىمۇ بېرىپ تۇراتتى .
فۇجى خارا ئەپەندىچۇ؟ ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ كەن كەنگە يولدا ماڭغاچ ياپونچە بەزى ئاددىي سۆزلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى .
بۇ ئىككىيلەننىڭ زىيادە ياخشىچاقلىقى بىزنى سەل خاتىرجەمسىزلەندۈردى . كېيىن ، ئېرىم ياخشى بىر ئامال تاپقانلىقىنى، يەنى كەن كەننىڭ بىرلا ۋاقىتتا فرانسۇزچىنىمۇ ، ياپونچىنىمۇ ئۆگەنسە بولىدىغانلىقىنى ، لېكىن لېسسىڭ خانىم بىلەن فۇجى خارا ئەپەندىنىڭ پەقەت ئۆگىتىشكىلا مەسئۇل بولۇشىنى ، ئۇنىڭ قانچىلىك بىر نەرسە بىلىشى ۋە قانداق سەۋىيەگە يېتىشى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئىككىنچى كۈنى ، مەن بۇ قارارنى ئۇ ئىكىكىسىگە يەتكۈزدۈم . ئۇلار ئىككىلىسىلا بۇنىڭغا قوشۇلدى . بىراق، لېسسىڭ خانىم سەل خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا : << ئشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىسپانىيەلىك بىر خالىس تىل ئۆگەتكۈچىنىڭ كەن كەنگە كۆزى چۆشۇپتۇ . كەن كەنگە دەپ قويۇڭ ، ئۇ ھەرگىز ئىسپانچىنى ئۆگىنىپ سالمىسۇن جۇمۇ ! >> دېدى . مەن ئۇنىڭغا بۇنداق بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
خېلى كۈنلەردىن كېيىن ، مەن بىر نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولۇپ ئېرىمدىن : << بۇ چەت ئەللىكلەر نېمىشقا بۇنداق ئاكتىپ؟ ئۇلارنىڭ ساپاسى ئاشۇنداق يۇقىرىمۇ ياكى ئاخىرقى ئۆمرىدە ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟ >> دەپ سورىدىم . ئېرىم كۈلۈپ تۇرۇپ : << چۇنكى ئۇلار ۋەتىنىنى ، مىللىتىنى بەك قىزغىن سۆيىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ >> دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، ۋەتەندىكى چېغىمدا ، ئۆيدە ئوغلۇمنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلماي ، ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغانلىرىم ئېسىمگە كېلىپ ، چەكسىز ئازابلاندىم . << مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ، ئاشۇ كۆك كۆز، قاڭشارلىقلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ پاساھىتىنى بىر بىلدۈرۈپ قويايمىكىن دەيمەن>> دېدىممەن ئېرىمگە.
2003 - يىلى باھاردىن باشلاپ ، مەنمۇ تايغانغا ئوخشاش << ئوۋ >> ئىزدەشنى باشلىۋەتتىم . مەن ئاشۇ سېرىق چاچ ، كۆك كۆز بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنسە قانچىلىق خۇش بولۇپ كېتەرمەن دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
تاھىرخالىق تەرجىمىسى
( خەنزۇچە << ھەپتىلىك تەرمىلەر گېزىتى >> نىڭ 2003-يىلى 9 -ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. << مىراس >> ژۇرنىلىنىڭ 2004 –يىللىق2-سانىدىن ئېلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahirhaliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 11:53 AM