مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2329|ئىنكاس: 17

يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:15:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەشھۇر تارىخى سەيلىگاھ


ـــــ يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى

     ئالتۇن مازار ـ يەكەن بازار گورباغ مەھەللە كومتىتى دائىرسىگە (يەكەن كونا شەھەرنىڭ غەرىپ تەرپىگە) جايلاشقان. شەرقى ئالتۇن مەسچىتكە، جەنۇبى  ئالتۇنلۇق ساياھەت مەيدانى ئارقىلىق گورباغ مىللى ئۆرپە ئادەت كوچىسىغا، شەرىق تەرىپى كىچىك ئالتۇن كۆلگە، شىمالى تەرپى مىرزا مۇھەممەد بايىس ھاكىم مازىرى ئارقىلىق چىلتەن مازىرىغا تۇتۇشىدۇ.
    مازارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
    ئالتۇن مازار مىلادىنىڭ 1533 ـ يىلى ياركەنىت سەئىدىيە  دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدىخاننىڭ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن قەدىمى مازار بولۇپ، دەھمى شاھان (پادىشاھلار قەبرىستانلىقى)، ئالتۇنلىرىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    بۇ مازارغا يەنە سۇلتان سەئىدىخاننىڭ ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان ئابدۇرىشتخان، ئابدۇكېرەمخان قاتارلىق ئون نەچچە پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى ھەم مەشھۇر مۇقامشۇناس شائىرە خانىش ئاماننىساخان، قەدىرخانلار دەپنە قىلىنغان. شۇنداقلا 17- ئەسىردە ياركەنىتتە باش كۆتۈرگەن  تەسەۋۇپنىڭ قارا تەقىيلىك مەزھىبىنىڭ باشچىسى پەرغانىلىق چوڭ ئىشان خوجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال خوجا قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۇ مازار دائىرسىگە دەپنە قىلىنغان.
    بۇ مازارغا دەپنە قىلىنغان سۇلتان ئابدۇرىشىتخان، ئامانىساخان ۋە قىدىرخانلار 16 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەكەندە ياشاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئابدۇرىشىتخان «دىۋان رەشىدى»، «غەزەليات رەشىدى»، «سالاتنامە» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. خانىش ئاماننىساخان «دىۋان نەفىسى»،«ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) «شۇرۇھۇل قۇلۇپ» (قەلىبلەر كىڭىشى) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»( خۇشاللىق قوزغاش) ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغان. ئاماننىساخان ئۇستازى قىدىرخان بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقامنى رەتلەپ ھازىرقى ئەۋلاتلارغىچە يېتىپ كېلىشكە زور تۆھپە قوشقان.
    ئالتۇن نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ھەرخىل قىياس ۋە تارىخى پاكىتلار
    ئەمدى بۇ  مازارنىڭ ‹‹ئالتۇن مازار›› دەپ ئاتىلىشىدا  مۇنداق بىرقانچە خىل قىياسلار بار.
    بۇنىڭ بىرى: ماڭغۇللاردا ئالتۇن ئۇرىقى دەيدىغان بىر ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسى بار بولۇپ، سۇلتان سەئەتخان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ يەتتىنجى، سەككىزىنچى ئەۋلاتىلرىغا توغرا قىلىدۇ، تۇغلۇق تۆمۈر بولسا چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتايخاننىڭ  يەتتىنجى ئەۋلادى بولۇپ مۇشۇ ئەۋلات، ئۇرۇقداشلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن ئالتۇن دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن دەيدىغان قاراشلارمۇ بار.
    ئىككىنچىدىن: مەيلى ماڭغۇللاردا بولسۇن، ۋەياكى باشقا تۈركى مىللەتلىرى بولسۇن، ئاتا بوۋىسىنىڭ مىيىتىنى، مىيىت قويۇلغان تۇپراقنى ئەزىزلەپ دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بولغان‹‹ئالتۇن››نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن، شۇ ۋەجدىن ‹‹ئالتۇن›› ئىسمى بىلەن ئاتالغان دەيدىغان قاراشلار بار.
    ئۈچۈنچىدىن: تارىخى مەنبەلەردە مەلۇم بولۇشچە 1514 ـ يىلى سۇلتان سەئىدىخان ياركەنىت پادىشاھى مىرزا ئابابەكرىنى ئاغدۇرۇپ ھېسابسىز ئالتۇن ۋە مال ـ ۋارانلارنى ئولجا ئېلىپ ئۆزى ياركەنىت سەئىدىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ تەخىتتە ئولتۇرغان. غەزىنىدىكى ئالتۇننىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن دۆلەت خەلقتىن يەتتە يىلغىچە باج سىلىقنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن  سۇلتان سەئىدخان ئالتۇن پادىشاھ دەپ نام ئالغان دەيدىغان قاراشلار بار.
    بۇنىڭدا يەنىلا بىز ئىككىنچى خىل قارشنى سەل ئەقىلغە مۇۋاپىق دەدپ ئىيتالايمىز. چۈنكى دەھمى شاھان (پادىشاھلار قەبرىستانلىقى)، ئالتۇنلىرىم دىگەن سۆز كۆپرەك ئوموملاشقان بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئىسمائىلخان شاھقا قەدەر بولغان نەچچە ئەۋلات موڭغۇل خانلىرى ئۇلۇق بوۋىسى شاھىن شاھ تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئسىلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن دىننى چۆرىدىگەن يەرلىك ئاۋامنىڭ ئۆرپە ئادىتىنى سىتىخىيىلىك ھالدا قوبۇل قىلىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مازارنى يۇقۇرىدا قەيىت قىلىنغاندەك ماڭغۇللارنىڭ ئالتۇن ئۇرقىدىن بولغىنى ئۈچۈن شۇنداق دىيىلگەن دىيشىنىڭ ئاساسى يوق دىيىشىمىزدە تارىخ بىلگۈچىلەرنىڭ ھەمىمىسىگە ئايدىڭ بولغىنىدەك چىڭگىزخاننىڭ نەسەبى ئالتۇن ئۇرىقىدىن بولمىغانلىقىدىن ئۇنىڭ قاغان بولۇشىنى قوللىمىغانلار چىقىپ تۇرغان. شۇنداق بولغانىكەن تۇغلۇق تۆمۈرمۇ ئالتۇن ئۇرقىدىن بولىشى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ ئەللىرىدىكى بىرقىسىم تۈرۈك، ئۇيغۇر، ئۆزبىك ۋە ئەرەپ پارىس مىللەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۆز قەۋمى، ئاتا- ئەجدادى ھوقوق تۇتۇپ يۇرۇت سورىغان شاھ، شاھىن شاھلىرىنىڭ تەۋەرۈك تۇپرىقىنى ئالتۇن ‹‹دەھمى شاھان›› دەپ ئاتايدىغانلىق مۈمكىنچىلىكى ھەممىدىن ئەمىلىيەتكە يىقىنلىشىدۇ. موغۇل سۇلتانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈردىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سۇلتان سەئىتخانغا كەلگەندە تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى پۈتۈنلەي  ئىسلاملىشىپ بولغاندىن سىرىت ئۆزىنىڭ  موڭغۇل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان، ھەتتا ئىسىم قويۇش، تۇي تۈكۈن، نەزىرـ چىراق، مۇراسىم، كىيىم- كىچەك، ئولتۇراقلىشىش،... جەھەتلەردە ئۇيغۇرلاشقان.شۇنىڭ بىلەن بۇ مازار ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ رەسمى قائىدى بويىچە دەھمى شاھان‹‹ ئالتۇنلۇق›› دەپ ئاتالغان، ھەم  مازارنىڭ  ئەتراپىدىكى مەھەللىلەر بىلەن بىرقىسىم بەلگە خاراكتىرلىك ئەسلىھەلەرنىڭ ئىسمىمۇ ئالتۇن نامى بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن: ئالتۇن مازار، ئالتۇن مەسچىت، ئالتۇن دەرۋازا، ئالتۇن مەدرىس، ئالتۇن كۆل دىگەندەك ناملار بىرىلگەن. سۇلتان ئابدۇرىشىتخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كىيىن  مازارنىڭ غەربىگە بىر مەسچىت، مازارنىڭ جەنۇبىغا بىر مەدرىس، مەسچىت يىنىغا بىر كۆل كولاتقۇزغان. مەدرىس ئىچىدە يەنە ناھايىتى كاتتا بىر كۈتۈخانا بولغان. مىرزا ئابابەكرى دەۋرىدە سوقۇلغان شەھەر سىلىپىلىنىڭ شىمالى تەرىپىگە شەھەرگە كىرىپ چىقىش ئۈچۈن بىر دەرۋازا قويۇلغان بولۇپ بۇ دەرۋازىمۇ ئالتۇن دەرۋازا دەپ ئاتالغان.
    ئالتۇن مازار ۋە مەسچىت مەدرىسلەرنىڭ تارىختىكى كەچمىشلىرى
    ئالتۇن مەسچىت بىلەن ئالتۇن مەدرىسكە ئەينى يىلى تەخىت تارتىۋىلىش غەرىزىدە جۇڭغارلارنى باشلاپ كەلگەن ئاق تەقىيەلىكلەر مەزھىپىنىڭ خوجىسى ھىدايتۇللا ئىشان ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، مەدرىس ۋە مەسچىت ئىچىدىكى نەچچە مىڭ مۇسۇلماننى كۆيدۈرۈۋەتكەن. مەسچىت شۇنىڭ بىلەن قايتا رىمونت قىلىنغان بولسىمۇ مەدرىس بىلەن كۈتۈپخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمىغان، جۇڭخۇا مىنگۇ دەرۋىگە كەلگەندە مازارنىڭ جەنۇبىغا بىر مەكتەپ سىلىنغان بولۇپ مەكتەپ ئىسمىمۇ ئالتۇن مەكتەپ دەپ ئاتالغان.
     1961 ــ يىلى شەھەردىن خاڭدى بازىرىنىڭ چىنىبىغىغا بىنەم ئىچىش ئۈچۈن چىققان كىشلەرگە كولانغان گەمە ئۆينىڭ ئۈستىنى يىپىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۈنەكخانىلارنىڭ ئۈستى ئىچىۋىتىلگەن. كىيىن يەنە ئىككىنچى قىتىم رىمونت قىلىنغان. ئۇندىن كىيىن 1980 ـــ يىللاردا يەنە بىر قىتىم كەڭ كۆلەمدە رىمونت قىلىنىپ گۈل نەقىشلىرى بىلەن رەڭ بوياقلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا  يىقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن ماگىزىن دىگەندەكلەرگە ئوخشاش ئالتۇن نامىمۇ كۆپۈيۈپ بارماقتا.
     ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقىنىڭ جايلىىشىش ئەھۋالى
    ئالتۇن مازار تۆت ئەتراپىدىكى ئايلانما يولدىن بىر مېتىر ئىگىزلىكتى سۇپا شەكلىدە كۆتۈرۈپ ياسالغان، كۆلىمى ئۈچ مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن بولۇپ، مازارنىڭ غەرىپ تەرپى ياغاچ پەنجىرلەر بىلەن، قالغان ئۈچ تەرپى خىش بىلەن دائىرگە ئېلىنغان، مازار دائىرسىگە بىر گۈمبەز ۋە 45 قەبىرە خىش كاھىش بىلەن رەتلىك ياسالغان بولۇپ، ئاز بىر قىسىم قەبرىلەر ساقلانغاندىن باشقا كۆپ قىسىم قەبىرلەرنىڭ ئېزى قالغان. قەبىرە ۋە دائىرە تاملىرىغا گەج ئويما نەقىشلەر ۋە بىغىشلىما خەتلەر ئويۇلغان ۋە گۇللۇك خىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن. 1936 ـ يىللىرى قەبىرلەرنى ئېچىپ بىر قىسىم قەبرە تاشلىرى بىلەن بەزى تارىخى ماتىرياللار ئوغۇرلاپ كېتىلگەن. مازار ئەتراپىدىكى ياغاچ پەنجىرلەر بولسا «مەدەنيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە بۇزۇۋېتىلگەن.
    ئالتۇن مازارنىڭ ئاستى كىمىر شەكلىدە شەمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، شەمە ئاستىدا 20 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا، كەڭلىكى بىر يىرىم مىتىر، ئىگىزلىكى بىر يىرىم مىتىر كەلگۈدەك تار كارىدۇر بولۇپ،  شەمە يولىنىڭ قاپ ئوتۇرسى ئىككى تەرەپكە يەنە بىر يول ياسالغان، ئىككى شەمىنىڭ كىسىشكەن نوقتىسىغا سۇلتان سەئىدخاننىڭ مىيىتى قويۇلغان، شەمە كارىدورنىڭ ئىككى تەرەپكە كىچىك- كىچىك كىمىر، شەمىلەر ياسالغان بولۇپ، ھەربىر شەمىگە بىردىن شاھنىڭ مىيىتى قويۇلغان. بۇيەرگە دەپنە قىلىنغان خانلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئۇرۇق- تۇققانلاردىن مۇھەممەد ئىمىن باھادىرخانغا قەدەر نەچچە ئون كىشىنىڭ  مىيىتى دەپنە قىلىنغان. 1992 ـ يىلى بۇ قەبرىستانلىق ئومومى يۈزلۈك بىر قىتىم قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ چىرىمەي ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم ئۇستىخانلارنى دۆلەتلىك گىئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىغا ئىبەرتىپ بىز پارچە سۆڭەكنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەقەت 30 ياشلاردىكى بىر ئايالنىڭ داس سۆڭىكى ئىكەنلىكى دەللىلنىپ خانىش ئاماننىساخاننىڭ مىيىتىنىڭ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ ئىنىق پاكىتلىق ماتىرىيالغا ئىگە بولغان. مىيىتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىنغىنى، ھەمدەپنە بۇيۇملىرى يوق  بولغانلىقى سەۋەپلىك تىخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ.
     بۇ مازارنىڭ شەرقى تەرىپىدە يەنە مۇشۇ خانلار قەبرىستانلىقى دەۋرىدىن خىلى بۇرۇن بەرپا قىلىنغان بىر قەبرىستانلىق بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ مازار مىرزا ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يەكەندە شاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان شاھ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۈمكىن دەيدىغان قارشالارمۇ بار. ئەگەر پۇرسىتى كىلىپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلسا غەربى يۇرۇتتا ھاكىمىيەت بىشىدا تۇرغان ئۇيغۇر خانلىرى ھەققىدە يەنىمۇ مۇھىم ماتىرىيالغا ئىگە بولغىلى بولىشى مۈمكىن.
    ئالتۇن مازارنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى، ياسىلىش شەكلى ۋە نەقىش بىزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىي مىراس بولۇپ 1988ــ يىلى يەكەن ناھىيلىك پاتكوم خەلق ھۆكۈمىتى مۇقامشۇناش خانىش ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىنى رىمونت قىلىش، ياساش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مۇراجەتمامە تارقىتىپ ئىئانە توپلىدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى يەكەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىزمىتىدىن سۆيۈنۈپ ئۆزىىڭ ‹‹خانىش ئاماننىساخان›› دىگەن كىتاۋىنىڭ قەلەم ھەققىنى يەكەنگە ئىبەرتىپ بەردى، ھەم ئاتايەن يەكەنگە كىلىپ مەقبەرىگە ئۇل تاش بىسىپ بەردى. 1990 ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكىمتى بۇ مازارنى ئاپتونۇم رايون بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتكەن. 1992 ـ يىلى 9 ـ ئايدا خانىش ئامانىساخاننىڭ مەقبەرىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەيكىلى يەكەن شەھىرىدە قەد كۆتەردى. مەملىكەتلىك  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت ئاتايەن كىلىپ مەقبەرە بىلەن ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.
ئالتۇن مازار ۋە مەسچىتنىڭ تەتقىقات قىممىتى
بىرىنچىدىن: بۇ ئالتۇن مازار تارىختا نامى مەشھۇر بولغان سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ بىردىن ـ بىر خاقانلارنىڭ مازارلىقى بولۇپ، بۇ مازار ئالدى بىلەن تارىختا ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر، مۇڭغۇللار تارىخى ۋە سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ تارىختىكى گۈللىنىش، خاراپلىشىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچىدىن. ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئىشلىرى، ئادەتلىرى ۋە قائىدە يوسۇنلىرىنى، يەرلىك كولاش، كىمىر، شەمى ياساش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۈچۈنچىدىن: بىناكارلىق، نەققاشلىق، گەجخاھلىق، كاھىشچىلىق، رەڭ بوياقچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىكنى تەتققىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆتىنچىدىن: ساياھەت، مەدەنىيەت، سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
گەرچە بۇ‹‹ئالتۇن››نامىنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە ئالتە يۈز يىلغا يىقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئەزەلدىن ئەجدادىنىڭ ئۇلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن يەكەن ئۇيغۇرلىرى تارىختىكى ئۇيغۇر خانلىقى قۇرغان ئەجدادىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ شانلىق مەدەنىيەتنى ھازىر ئۈچۈن، ئۇلۇق جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇۇرش ئۈچۈن ئالتۇن نامىنى ساقلاپ تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن  ئالتۇن مەكتەپ،ئالتۇن ماگىزىن، سۈبھى ئالتۇن  سودا سارىيى، سۈبھى ئالتۇن مىھمان سارىيى،ئالتۇن يولى دىگەندەكلەرگە ئوخشاش ئالتۇن نامىمۇ كۆپۈيۈپ بارماقتا.






ئاپتۇرنىڭ 2013-يىلى 6-ئايدىكى يەركەن ئالتۇنلۇق تەسىراتلىرى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104253
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 03:29:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم بىر بارىمەن

قاياش تورى رەتلىنىۋاتىدۇWww.Kayax.Cnھاياتىمنىڭ ئاپتورى ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 10:38:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەنگە بەك ئامراق ...بۇ يىل يازدا بارىمەن مۇشۇ مەنزىرگاھقا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 11:21:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەجەپ  بارغۇم كەلدى بۇ  مېھرى ئىسسىق يۇرتقا  ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 603 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بارماقچى ئدم بۇيەرگە

دوسلار يا خشڭمۇ

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:35:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەركەن دىگەن ئىسىل يۇرت
خاندانلىقنىڭ مەركىزى
خەلىقلىرى خىلى مەرت
قىزىقارلىق گەپ سۆزى.......قوشنام يەركەن خىلى بولىدىغان يۇرت جۇما

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   بىر   بېرىپ     كەلسەم  بولغۇدەك    .....

مەن  تولۇقسىز   ،  تولۇق  ئوتتۇرىنى     يەكەندە   ئوقۇغان    بومىسا   ..   تولۇقسىزدىكى    ۋاختىمىزدا   مەكتەپتىن  بىر   پائالىيەتكە     ئاپارغان  شۇ  يەرگە  ..  ئاماننىساخاننىڭ    مەقبەرىسىنىلا     بىلىدىكەنمەن   ..     باشقا  پادىشاھلارنىڭ      قەۋرىسى   بارلىقىنىمۇ     ئۇقمايدىكەنمەن  .... ياز  كەلسە   ئۆيدىكىلەر   بىلەن   بېرىپ   كۆرۈپ  كەلسەم      بولغۇدەك بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SaBa_002 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 12:37 PM  


يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86336
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرى ئىسسىق بولۇپمۇ يىزىلارنىڭ مەن يىلدا 1 ، 2 قتىم بىرىپ تۇرىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 01:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بېرىپ كۈرۈپ كىلىدىغان يەركەن جۇما؟

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97803
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 535
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2013-9-12
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 01:08:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەكەندىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش