ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:
قېرىندىشىمىز لەزىنە مۇھەممەت ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن، تۇغۇلغاندىن تارتىپلا سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرتۈپ دىئاگنوزنى مۇقىملاشتۇرالمىغان، كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ چوڭ كىچىك تەرەت قىلالماي، 3-4 كۈنگىچە تاماق يېيەلمەي ئەھۋالى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن پايتەخت تىببىي ئۈنۋېرسىتىتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ توڭرىن دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان. بالا تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرگە ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن دىئاگنوز مۇقىملاشتۇرۇلماي كۆپ چىقىمدار بولدى. كېيىن يۇلۇن قىسىمىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بار دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ بەش باسقۇچ خېمىيىلىك داۋالاندى.
ئاتا ئانىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق، دادىسى ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئانىسى ئائىلە ئايالى، بالىنى داۋالاتقۇدەك پۇلى بولمىغاچقا ئۇرۇق تۇغقانلاردىن ۋە باشقىلاردىن 80 مىڭ يۈەندى كۆپرەك قەرز ئالدى. پۇل تۈگىدى، ئامالسىز داۋالاشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق قېرىندىشىمىز لەزىنەنىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى، بالىنىڭ دەھشەتلىك ئاغرىق ئازابى، ئاتا ئانىسىنىڭ نالە زارىنى كۆرسە ھەممە ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.
ئۆسمە ھازىر داۋاملىق يامراپ، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، تامىقى بەك ئازلاپ كەتتى، بالا كېچە كۈندۈز ئاغرىدى، دەپ يىغلايدۇ، يۇلۇن قىسىمىدا ئۆسمە بولغاچقا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندىن كۆرە يەنە بىر قانچە باسقۇچ داۋالىتىپ بېقىشنى قارار قىلدۇق.
ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىمىزنىڭ بالا چاقىلىرىمىز بار، بالىنىڭ ئازابىنى كۆرۈش ئاتا ئانىغا بەك ئېغىر كېلىدىكەن، مۇمكىن بولسا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قېرىندىشىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.
دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 18197650993