|
|
|
|
بالىلار شېئىرلىرى
ساناق قوشىقى
"بىر"دە بىر قەدەم، چامدىسام ئاستا. "ئىككى"دە ئىتتىك، چاپىمەن ئالغا.
"ئۈچ"تە ئۈگىنىپ، ئەلا بولىمەن. "تۆت"تە تۆھپىدىن، گۈللەر سۇنىمەن.
"بەش"تە بەلەن مەن، ياخشى ئوقۇغاچ. "ئالتە" دە ئالغا- بېسىپ ئۇزىغاچ.
"يەتتە"دە يەككە، ئۈزۈپ چىقىمەن. "سەككىز"دە سەپنى، بۇزۇپ چىقىمەن.
"توققۇز"دا توختاپ، قارايمەن ئارتقا. "نۆل"دىن باشلايمەن، قەدەم ھاياتقا!...
رەسسام ئىكەن تەبىئەت
ئەجەپ ئۇستا رەسسامكەن، بۇ تەبىئەت. نەگە نەزەر سالسىڭىز، رەڭدار سۈرەت.
ئاسمانمۇ كۆك،دېڭىز ھەم، ئورمان يېشىل. تاغلار رەڭدار،باغلارمۇ ھەم، گۈللەر قىزىل.
ئىكەن ھەر بىر گىياھنىڭ، رەڭگى باشقا. تۈگەپ كەتمەس ئىكەن ئەسلا، رەڭ، بوياشقا.
ئۈگەنگەنمۇ رەسسام ئاكاش، تەبىئەتتىن. نەگە باقسا چېلىققان شۇ، ئۇز سۈرەتتىن.
كۆز ئالدىمدا تۇرار ئەنە، ئىككى رەسسام. تۈگىمەسكەن تەبىئەتنىڭ- رېڭى،باقسام...
چۆچەك ئېيتماس نېمىشقا؟
بوۋام چۆچەك ئېيتاتتى، تونۇر بېشىدا. قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتىم، ئۇنىڭ قېشىدا.
چۆچىكىدە بوۋامنىڭ، بارتى ياغاچ ئات. ئۇچار ئىدى ئاسماندا، چىقىرىپ قانات.
ئالتۇن بېلىق بوۋايغا، قىلاتتى شەپقەت. ياخشىلىقنى بىلمەيتتى، مومىيى پەقەت.
بارتى يەنە ئۇر توقماق، ئەسكىلەر ئۈچۈن. شۇڭا ئەلنىڭ تۇراتتى، يۈرىكى پۈتۈن.
بار ئەقىللىق قىز يەنە، دانىشمەن بوۋاي. قاقشىتاتتى جانلارنى، جادۇگەر موماي.
دىۋىلەرنى ئەدەپلەپ، تۇراتتى پالۋان. خىزمىتىدە بولاتتى. شىر ۋە ئارسلان... .................... تۈگىمەيتتى چۆچىكى، بوۋامنىڭ پەقەت. ئەقىل-كۈچكە تولاتتىم، ئۇنىڭدىن قەۋەت.
ئۆكسۈپ قالدى چۆچەكلەر، بوۋامدىن قېلىپ. ئوغلۇم چۆچەك سورىسا، دادام قىزىرىپ.
چۆچەك ئېيتماس بوۋىلار. ئەمدى نېمىشقا. تەگمەمدۇ يا چولىسى، چۆچەك ئېيتىشقا..
خىزىر ئىكەن بوۋام ئەسلىدە
ئاڭلىغانتىم بۇرۇنلا، خىزىر ھەققىدە. قىلاتتىم ھەم ئۇنىڭغا، دىلدىن ئەقىدە.
قەدەم قويسا ئۇ ئەگەر، قايسى يۇرت-ئەلگە. يامانلارنىڭ قەستى تەڭ- بولارمىش نۆلگە.
كىم مۇھتاجلىق تارتسا گەر، قايسى بىر ھالدا. ھەتتا پەيدا بولارمىش، ئىكەن جاڭگالدا.
يېتىملەرنىڭ سىلارمىش، ئىكەن بېشىنى. ئۆز قولىدا سۈرتەرمىش، ئىكەن يېشىنى.
قايسى قاقاس-جاڭگالغا، تەگسە ئايىقى. بولارمىشكەن ئاشكارە، ئۇنىڭ بايلىقى.
بارغان يۇرتتا ئادىللىق، دەۋران سۈرەركەن. پۇقرالىرى ئۆم-ئىناق، خوشال يۈرەركەن.
* * * * بۇ خىسلەتلەر ھەممىسى، بوۋامدا ئىدى. ئەپسۇس،رەھىمسىز ئەجەل، بىزنى ئايرىدى.
قىلماپتىمەن بارىدا، قەدرىنى ،توۋا. خىزىر بولۇپ چۈشۈمگە، كىرىدۇ غۇۋا...
كەچتىكى ئاۋاز
سەھرا قوينى كەڭ كەتكەن، چەكسىز يشىللىق. پاتسا قۇياش ،ئورنىنى- باسار قىزىللىق.
قوي-كالا،ئات-ئېشەكلەر، مۆرەپ-كىشنىشەر. توخۇ-ئۆردەك،غاز،كەپتەر، بۇدەم بەسلىشەر.
ئوزۇق غېمى قىلغاچقا، ۋۇجۇدىنى يەم. تۇرار شاختا چۇرۇقلاپ، قۇشقاچلار بۇدەم.
پادا ھەيدەپ مەلىگە، قايتسا بالىلار. ئەنسىرىشىپ تەڭ يولغا، كېلەر ئانىلار.
كۆز باغلىنىپ ،قاراڭغۇ- چۈشسە زېمىنغا. پاقا بىلەن چىكەتكە، چۈشەر ئۇسسۇلغا.
ئاڭلىنىدۇ يىراقتىن، بۆرە ھۇۋلىشى. كىرەر يەنە قۇلاققا، ئىتنىڭ قوغلىشى...
بېسىقمايدۇ تاڭغىچە، ھەر خىلدا ئاۋاز. سەھرادىكى ھاياتلىق- كۈيى شۇنداق ساز...
مەنبە: ئىجادىيەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-4 02:11 PM
|
|
|
|
|
|