تەبىئەت ۋە مۇھەببەت
(نەسىر)
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
ئاھ ! ئاخىرى يامغۇر ياغدى.
نىمدىگەن ساپ ،نىمدىگەن سالقىن ھاۋا ....
پۈتۈن جاھان توپا چاڭ ،ئىس تۈتەك مەينەتچىلىك بىلەن قاپلانغان بۇ زىمىننى ياشارىتقۇچى خىسلەتلەك يامغۇر،گويا مىنىڭ غەم غۇسسە قاپلىغان ئازاپلىق قەلبىمدەك .... مانا بىر يامغۇر بىلەنلا پۈتۈن ئەتراپ باشقىچە خۇشبۇي ، ئازاپلىق قەلبىم بۇ ساپ ھاۋادىن تولۇپ- تولۇپ نەپەس ئالدى- دە يورۇقلۇققا چىققان ئەمادەك پۈتۈن ھۇجۇدۇم باشقىچە يورۇپ كەتتى .
بىردىنلا نىشانىمنى تاپتقاندەك، بىرى مىنى قارشى ئىلۋاتقاندەك ، مىنى تارتىۋاتقاندەك ......قەلىب يارامغا مەلھەم بولغۇچى شىپالىق يامغۇر سەن مىنى ئويغاتتىڭ،ئۆزەمنى قايىتتىن تونۇتتۇڭ ساڭا مىڭلارچە ھەشقاللا.
قارا.. قارا ...ماڭا ئوخشاش بارچە شادىمان،پۈتۈن زىمىن ياشىرىپ ھىممىتىڭگە رەھمەت ئىيتماقتا ،دەل- دەرەخ،گۈل- گىياھلار بۈگۈن ئۆز گۈزەللىگىنى قايتا نامايان قىلماقتا.بۇلبۇللار گۈل شاخلىرىغا قونىۋىلىپ شوخ -شوخ سايراشماقتا،
خۇددى ئۆتكەن يىلى مەن ئۇنىڭ مەھەللسىدىن ناخشا تولاپ ئۆتكۈنۈمدەك ،باشقىلارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇياق بۇياققا قاراپ قويۇپ ئۆتكۈنۈمدەك.....
ئەي مۇھەببەتنىڭ ئەلچىسى بۇلبۇل ،ئۇ كىچە سەن ھەممىگە گۇۋاھسەن ،شۇ كىچىسى سەن مىنىڭ ناخشامنى ئاڭلاپ قالدىڭ ماڭا ھەمشىرىك بولۇپ تەڭ سايرىدىڭ .
ئەي تەبىئەت ! سەن ئىنسانغا مۇھەببەت ئاتا قىلغۇچى ،ئىنسانغا مۇھەببەتنى ....سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنى ئۈگەتكۈچى .
ئەنە قارا گۈللۈكتە بىر توپ قۇشلار سايراپ بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىماقتا،قارا ئاۋۇ بۇلبۇلغا يامغۇرۇڭدىن كىيىن باشقىچە گۈزەللىشىپ كەتكەن گۈلزارلىقىڭدىن زادىلا كەتكۈسى يوق،باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دىگەندەك ئۇياق بۇياققا قارىۋىتىپ گۈل بەرگىنىڭ ئۈستىدىكى يامغۇر تامچىسىنى تۇمشۇقى بىلەن سۈمۈرۈپ- سۈمۈرۈپ ئىچۋلدى،تەنلىرى يايراپ كەنكەن بۇلبۇل ۋىچچىرلاپ سايراپ كەتتى .
ئاھ ! مۇھەببەت ،بۇ كۆرۈنۈش خۇددى ئەشۇ كۈنى مەن شۇ ئوتلۇق لەۋلەرگە يىنىش يىنىشلاپ سۆيگەندەك،ئەشۇ كىچە تولغۇنۇپ ئۇخلىيالمىغاندەك....
بۇلبۇل يامغۇر تامچىسىنى سۈمۈرۋالغاندىن كىيىن گۈل يىنىككىنە تەۋرىنىپ قويدى خۇددى ئۇنى سۆيگەن شۇ كىچە ئۇ خىجىللىقتىن ئۆزىنى ئىپقاچقىنىدەك....
ئەي يامغۇر ! چۈشكۈن تەبىئەتكە ھاياتى كۈچ بەخىش ئەتكۈچى، دىلخەس كۆڭۈللەرگە راھەت بەخىش ئەتكۈچى يامغۇر .سەن تەبىئەتنى ئاشۇ سوغۇق ئەمما مىننەتسىز سۆيۈشلۈرۈڭ بىلەن پاكلاپ ئۇنى تىخىمۇ رەڭدار تىخىمۇ جۇلالاندۇرغىنىڭدەك مىنىڭمۇ بۇ چۈشكۈن قەلبىمگە جۇشقۇنلۇق ۋە تۇيغۇنلۇق ئاتا قىلدىڭ.سەن بولمىساڭ شۇ شۇ كىر داغلار يۈتەرمىدى ؟سەن بولمىساڭ شۇ بۇلبۇللار گۈل بويىغا قونارمىدى؟ئوتقاشتەك گۈلبەرگىنى سۆيەرمىدى؟ شۇ سۆيۈش بىلەن كۆڭۈللەر بىر بىرىنى ئەپۇ قىلىشتى،قەلىبلەر بىر بىرىگە كۆڭۈل قويۇشتى.
شۇڭا غۇنچە ھەر سەھەر بۇلبۇلنىڭ ئۆز بويىغا قونۇشتىن بۇرۇن يامغۇر يىغىشىنى ھىچ بولمىغاندا شەبنەم يىغىشىنى ئاشىقى بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا چىرايلىق ياسىنىپ چىقىشنى تىلەيدۇ.بولۇپمۇ چىرايلىق بەرگىدە بىر تال ،ياق نەچچە ئون تال يامغۇر تامچى بولشىنى تىلەيدۇ.
2006-يىل4-ئاي
مەنبە : تۈمەن0998خاتىرسى