مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2592|ئىنكاس: 14

قورقۇنۇچلۇق ھېكايە (شارپا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 08:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قورقۇنۇچلۇق ھېكايە (شارپا)


تەرجىمە ئەسەر



تېنچلىق يولى 995-قورۇ، ئىشىكنى ئاچقىنى ياشانغان، سىپايە، يېقىشلىق بىر موماي بولۇپ، كەلگىنىمنى كۆرۈپ قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. موماينىڭ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى بۇ ئەتراپتىن بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان ئۆي تاپقىلى بولمايتى، ئۆي جاھازلىرىمۇ تولۇق، ئۆي ئىگىسى مومايمۇ چىقىشماق ئوڭاي ئادەمدەك قىلاتتى.
شۇ كۈنىلا يۈك تاقىلىرىمنى ئېلىپ بۇ 30 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئۆيۈمگە كۆچۈپ كەلدىم. سۇس توخۇڭ رەڭدە بېزەلگەن ئۆي ئادەمگە ئاجايىپ بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى. مەن تېزلا بۇ يېڭى مۇھىتنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۆي ئىگىسى موماي مېنىڭ كۆچۈپ كەلگىنىمنى تەبرىكلەپ بىر ئۈستەل قورۇما تەييارلىغان ئىكەن، ئۇ بىر تەرەپتىن قاچامغا سەي قىسقاچ، بىر تەرەپتىن پاراڭ سالدى.
- يىڭزى، تارتىنماي ئېلىڭ، سىز كېلىپ ماڭا ھەمرا بولىدىغان بولدىڭىز، بۇرۇن قانچىلىك يالغۇزلۇق تارتقىنىمنى بىلمەيسىز، ئەمدى بەك ياخشى بولدى،- موماي خوشاللىقتىن كۈلگىنىدە كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، كۆز ئەتراپىدا چوڭقۇر قورۇقلار پەيدا بولاتتى. قورۇمىلار ناھايىتى ئوخشىغان بولۇپ، ئاپام قىلغان قورۇمىلارنىڭ تەمى بار ئىدى. ئاپام قىلغان تاماقنى يەپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئاغزىمدا لىققىدە سەي تۇرسىمۇ يەنە توختىماستىن: موما، بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ ، دەيتىم، موماي ماختىغىنىمدىن خۇرسەن بولۇپ،- ئالدىرىماي يەڭ، ياقتۇرغان بولسىڭىز بۇندىن كېيىن سىزگە كۈندە ئېتىپ بېرەي- دېدى، مەندەك بىر يېزىدىن شەھەرگە ئىش ئىزدەپ كەلگەن قىز ئۈچۈن بۇ نېمىدىگەن چوڭ بەخت ھە! تەسىرلەنگىنىمدىن گەپمۇ قىلالمىدىم، كۆز ياشلىرىمنى ئېقىتقىنىمچە بار كۈچۈم بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. موماي قوللىرى بىلەن بېشىمنى سىلاپ،- ئەخمەق قىز، بىر ۋاق تاماققىمۇ شۇنچىۋالا تەسىرلىنىپ كەتكەن بارمۇ؟ تېز يەڭ- دەپ قاچامغا يەنە بىر پارچە توخۇ پاچىقى سېلىپ قويدى.
تازا تەسىرلىنىپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز بوش ئىڭراپ يىغلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم. ھەيران بولۇپ ئەتراپىمغا قارىدىم، ئاۋاز موماينىڭ ھوجرىسىدىن چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم:
-ئۆيدە يەنە باشقا ئادەممۇ بارمۇ؟ نىمىشقا چىقىپ بىز بىلەن بىللە تاماق يىمەيدۇ؟
موماينىڭ ئۆڭى ئۆچۈپ، بايىقى كۈلكىلىرى قاياقلارغىدۇر غايىب بولدى، قاپىغىنى تۈرگىنىچە جىددىيلىك بىلەن سورىدى:
-بىرەر ئاۋاز ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ نىمىشقا بۇنداق سورايسىز؟
موماينىڭ ئىنكاسىغا قاراپ تېخىمۇ ھەيران بولدۇم.
- سىز ئاڭلىمىدىڭىزما؟ ھوجرىڭىزدا بىرسى يىغلاۋاتىدىغۇ، ياخشى ئاڭلاڭە!
موماي بوشقىنە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

ئىككى يىل بۇرۇن موماينىڭ قىزى يۆئېر تۇيۇقسىز بىرخىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ بەدىنى ئۆزىنى قان بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا سىرتتىن قان سېلىش ئارقىلىق ياشايدىكەن. ئەمما يۆئېرنىڭ قان تىپى تولىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئېيتىلىشىچە بۇ خىل قان تىپى پۈتۈن دۇنيادا پەقەت نەچچە يۈز ئادەمدىلا بار ئىكەن. گەرچە موماي ئۆزى دوختۇر بولسىمۇ، بۇنداق غەلىتە كېسەلگە ئامال قىلالماپتۇ. كېسەل ئازابىغا چىدىمىغان يۆئېر ئاخىرى بىر كۈنى باشقا بىر خىل قۇتۇلۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ھوجرىسىنىڭ تورۇسىدا موماي ئېلىپ بەرگەن شارپا بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن يۆئېرنىڭ ھوجرىسىدىن يەنى ھازىر موماي تۇرىۋاتقان ھوجرىدىن بوش يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئەمما بۇ ئاۋازنى پەقەت سىرتتىن كەلگەنلەرلا ئاڭلىيالايدىكەن، مومايغا ئاڭلانمايدىكەن.
- ئۇ چوقۇم مېنىڭ ئۆزىنى داۋالاپ ساقايتالمىغانلىقىمدىن رەنجىپ ئاۋازىنى ماڭا ئاڭلاتمايۋاتىدۇ- دېدى موماي خۇرسىنغان ھالدا.
- ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىزنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ سىزگە ئاڭلاتمىغان دېدىم مومايغا تەسەللى بېرىپ. گەرچە مەن ئاتېئىست بولساممۇ، موماينىڭ ھوجرىسىدىن ئېنىق ئاڭلىنىۋاتقان يىغا ئاۋازىغا ئىشەنمەي تۇرالمىدىم. بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپ، كۆچۈپ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم. بىراق بۇ چاغدا ئۈچ ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەپ بولغان ئىدىم، كۆچۈپ چىقىپ كەتكىلى بولمايتى.
شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا موماي ئاۋازىنى پەسلىتىپ، سىرلىق تۈستە مۇنداق دېدى:
-ھوجرىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىراق كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تارتمىسىنى ھەرگىز ئېچىپ قالماڭ.
-نېمىشقا؟- ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم. موماي بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن جاۋاب بەردى:
- مۇھىم نەرسىمۇ ئەمەس، ھەممىسى يۆئېردىن قالغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمىدى، ھوجرامغا قويۇپ قوياي دېسەم، ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە بىچارە قىزىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىكەن، شۇڭا شۇ يەرگە قويۇپ قويغان- موماي سۆزلىگەنسېرى ئېسەدەشكە باشلىدى.
-موما، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، مەن چېقىلمايمەن-دېدىم مومايغا تەسەللى بېرىپ. موماي كاپپىدە قولۇمنى تۇتۇپ
- ياخشى قىزىم، كېيىن قانداقلا قىيىنچىلىق بولسا تارتىنماي ماڭا دەڭ، بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىڭىزدەك كۆرۈڭ- دېدى. موماينىڭ بۇ گەپلىرى مېنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى.
يېرىم كېچە. كارىۋاتتا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم، موماينىڭ ھېكايىسى ئېسىمگە كېلەتتى. موماينىڭ ھوجرىسىدىن چىققان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ يوتقان بىلەن بېشىمنى مەھكەم ئورىۋالدىم. بۇرۇن كۆرگەن قورقۇنچلىق فىلىملەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ۋەھىمىلىك تۇنجى كېچىنى ئۆتكۈزدىم.

نەچچە ھەپتە ئامان ئېسەن ئۆتۈپ كەتتى. بەزىدە ئارىلاپ موماينىڭ ھوجرىسىدىن چىققان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالاتتىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا، يىغا ئەمەس بەلكى ئازاپلىق ئىڭرىغان ئاۋاز ئىدى. بۇ خىل تۇرمۇشقا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدىم. ھەركۈنى موماينىڭ قىلغان ئوخشىغان، مول تاماقلىرى ماڭا يىغا ئاۋازىنى ئۇنتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بۇ يەرگە بارغانسېرى ئامراق قىلىپ قويۇۋاتاتتى.
ئۇ كۈنى ئادەتتىكىگە ئوخشاش چايخانىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم. ماڭا ئوخشاش يا دېپلومى يوق، يا تەجرىبىسى يوق ئىشلەمچى قىزنىڭ چايخانىلاردىن ئىش تاپالىشى ئوڭاي ئەمەس بولۇپ، ھازىرقى تۇرمۇشىمدىن ناھايىتى رازى ئىدىم. بۇ چاغدا ئائەن ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. ئائەن بۇ رايونننىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچىسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ چايخانىغا كېلىشتىكى مەقسىتى پەقەت بىرلا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مەن ئۈچۈن ئىدى. ئائەننىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن ئايال خوجايىن كۈلگىنىچە چاخچاق قىلدى.
- ۋوي، قاراڭلار كىم كەلدى، يەنە يىڭزىنى ئالغىلى كەلدىڭىزما؟ تويۇڭلارنى قاچان ئوينايمىز؟
ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كېتىشتى. ئائەن قىزارغىنىچە يېنىمغا كەلدى:
-ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدىمۇ؟
-ھەئە، سىز بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ
-نېمىنى ئولتۇرۇپ تۇرىدۇ؟ خەق ئاران بىر كەلسە ساقلىتىپ قويسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بولدى، مېڭىڭلار- ئايال خوجايىن شۇنداق دېگەچ ئىككىمىزنى ئىشىكتىن ئىتتىرىپ چىقاردى.
-يۈرۈڭ، مەن سىزنى يەل قازان شورپىسى بىلەن مېھمان قىلاي-دېدى ئائەن سىرتقا چىققاندىن كېيىن.
-ماقۇلە!
-يىڭزى، يېقىندا بىر دېلو سەۋەبلىك بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، سىزنى كۆرمىگىلى نەچچە ھەپتە بولۇپ قاپتۇ، بەك سېغىندىم!-دېدى ئائەن تاماق يەپ بولۇپ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىغىنىچە.
-راست سېغىندىڭىزما؟- ئىشەنمىگەن قىياپەتتە ياندۇرۇپ سورىدىم.
-راست سېغىندىم، تېزرەك توي قىلىۋالساق بولاتتى.
-يېقىندا ئۆي كۆچتۈم-دېدىم مەن ئالدىراش گەپنى بۇراپ.توي قىلغۇم يوقمۇ ئەمەس، ئائەنمۇ خېلى تۈزۈك بالا، بىراق بۇنداق تېزلا توي قىلغۇم يوق ئىدى. يەنە ئىككى يىل ئىشلەپ بېقىشنى خالايتىم. ئائەنمۇ مەقسىتىمنى چۈشىنىپ ئارتۇق گەپ قىلماي سورىدى:
-نەگە كۆچتىڭىز؟
-تىنچلىق يولى 995-قورۇغا.
-نىمە!- ئائەننىڭ چىرايىدىن ۋەھىمە چىقىپ تۇراتتى،- ئۇ ئۆيدە جىن بار دەپ ئاڭلىغانمۇ سىز؟
- قاراڭە سىزنى، نەرىڭىز ساقچى؟ جىندىن قورقۇپ بوپقالغان ھالىتىڭىزنى!- مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ قويدۇم.
-قارىغاندا سىز ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغان ئوخشايسىز- دېدى ئائەن مېنىڭ مەڭسىتمىگىنىمگە قاراپ. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ۋەھىمە يېيىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى.

تېنچلىق يولى 995-قورۇ. ئائەن ئىشلىگەن تۆت دېلو ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى.
بىرىنچىسى ئۆي ئىگىسى موماينىڭ قىزى يۆئېر بولۇپ، ھوجرىسىدا ئاپىسى بەرگەن شارپىغا ئېسىپ ئۆلۈۋالغان ئىكەن. سول قولىنىڭ بېغىشىدا كېسىلگەن يارا ئېغىزى بولۇپ، ئۆلۈشتىن بۇرۇن قان چىقىرىلغان ئىكەن. قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قىز كېسەل ئازابىغا چىدىماي بۇ يولنى تاللىغان ئىكەن. قاتتىق ئازاپلانغان موماي باشقىلارغا قىزىنىڭ ئۆلگەندىكى ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرسەتمەپتۇ. قالغان ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچىلىرى بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان قىزلار بولۇپ، ھەممىسىلا ھوجرىسىدا ئوخشاش شارپىغا ئېسىلغان، سول قولىنىڭ بېغىشى كېسىلگەن، ئۆلۈشتىن بۇرۇن قان قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.
ساقچىلار مۇنچىدا قان ئىزلىرىنى بايقاپتۇ. ئۆلگۈچى ئالدى بىلەن مۇنچىدا بېغىشىنى كېسىپ، ئاندىن يەنە نىمە سەۋەپتىندۇركى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئىكەن. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قورقۇنچلىق قىياپەتتە بولۇپ، چاچلىرى چۇۋۇلغان، كۆزلىرى ئالىيىپ قالغان ئىكەن. قوشنىلار ۋە ئۆلگۈچىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن يېنىك دەرىجىدە نېرۋىسى بۇزۇلغان ئىكەن، دائىم بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، ھەركۈنى ئوخشاش بىر چۈشنى، ئۆزىنىڭ تورۇسقا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلىقىنى بەزىلىرى ھەتتا جىن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن. ئاخىرىدا بۇ دېلولارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپلا ھۆكۈم قىلىنىپ بېسىقتۇرۇلۇپتۇ.
ئائەننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى تۇتالماي تىترەپ كەتتىم، نېمىشقا ھەرقىتىم شۇ قوروغا كىرىپ چىققىنىمدا ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ غەلىتە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەن ئىدىم. بىراق ئۆي ئىگىسى موماي نىمىشقا ماڭا بۇ ئىشلارنى ئېيتمىغاندۇ؟
-ئائەن، مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ- دېدىم ئاستا. كۆڭلۈمدە بولسا ھوجرامدىكى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تارتمىنى ئېچىپ بېقىشنى ئويلاۋاتاتتىم. بەلكىم شۇ يەردىن ئۇ قىزلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى چىقىپ قالار!
- ياق، بولمايدۇ، مەن سىزگە نىمە دەۋاتىمەن؟ سىز ئۇ يەردە تۇرسىڭىز مەن خاتىرجەم بولالمايمەن
ئەمىلىيەتتە ئۆزۈممۈ قورقۇپ تۇراتتىم، شۇنداقتىمۇ ھېچنىمە بولمىغان قىياپەتتە :
- خاتىرجەم بولۇڭ، ئازراق نورمالسىزلىق بايقىساملا كۆچۈپ چىقىمەن، ھازىر ناھايىتى ئوبدان تۇرىۋاتىمەن. تۇيۇقسىزلا كېتىمەن دېسەم موماينىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز جاپا تارتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مېنىڭ باشقا تۇرىدىغان يېرىممۇ يوق، يەنە كېلىپ ئۈچ ئايلىق ئىجارىنى تۆلەپ بولغان تۇرسام !
- بىراق......، ئائەن نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى. ئالدىراش گېپىنى ئۈزۈۋەتتىم:
- بولدى، بولدى، مۇشۇنداق بولسۇن، مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ.
ئۆيگە قايتىپ بارغاندا خېلىلا قاراڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدى. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىردىم. مېھمانخانا ئۆي قاپقاراڭغۇ ھەم سوغۇق بولۇپ، پەقەت موماينىڭ ھوجرىسىدىن نەچچە تال سۇس يېشىل نۇر چىقىپ تۇراتتى. موماينىڭ ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، سىلاپ-سىپاپ يۈرۈپ ھوجرامغا قاراپ ماڭدىم.موماينىڭ ھوجرىسىدىن ئۆتكىدىمدە يەنە ئىڭرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. يۈرىكىم ئېغىپ، پۇتۇم خۇددى چويۇندىن قۇيغاندەك مىدىرلىيالمايلا قالدىم. ئائەن ئېيتىپ بەرگەن قىزلارنىڭ ئۆلگەن ھالىتى ئېسىمگە كېلىپ، پۈتۈن بەدىنىمگە توخۇ ئەت ئۆرلەپ كەتتى.

جاراڭ قىلغان ئاۋاز مېنى رېئاللىققا تارتىپ ئەكەلدى، بىر نەرسە چېقىلغاندەك قىلاتتى. بۇ ئاۋازغا ئەگىشىپ يىغا ئاۋازىمۇ شاپپىدە توختاپ، ئۆي ئىچىدە گۆردەك جىمجىتلىققا تولدى. ئىشىك تۈۋىدە كىرىپ نىمە ئىش بەرگەنلىكىنى سوراش سورىماسلىق توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇراتتىم، ئىشىك ئاستا قىيا ئېچىلدى.موماينىڭ چىرايى غۇۋا چىراق نۇرىدا بۆلەكچە قورقۇنچلىق كۆرىنەتتى، شۈركەنگىنىمچە نەچچە قەدم ئارقامغا چېكىنىپ تامغا سوقۇلدۇم.
-قاچان قايتىپ كەلگەن؟- موماينىڭ ئاۋازى خۇددى چىرايىدەكلا ۋەھىمىلىك ئىدى.
-ھا... ھا...زىر كىرىشىم، مو... موما سىز گە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ بايىقى نېمە ئاۋاز؟
موماي كۆزلىرىنى قىسقىنىچە ماڭا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇردى. چىرايى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، ئادەتتىكى مېھرىبان كۈلكىسى بىلەن جاۋاب قايتۇردى:
-قېرىپ قاپتىمەن، پۇت-قولۇم كارغا كەلمەيدىغان بوپ قاپتۇ، بايا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئىستاكاننى چېقىپ قويدۇم. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ!
موماي سۆزى تۈگەش بىلەنلا ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كەتتى. سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن ھەتتا خوش دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.
ئېغىر كەيپىياتتا ھوجرامغا قايتىپ كىردىم. كارىۋىتىمدا ئولتۇرۇپ موماينى غەلىتە ئىپادىسىنى ئويلاۋېتىپ، كۆزۈم بىلىپ بىلمەيلا ھېلىقى سىرلىق تارتمىغا چۈشۈپ قالدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېنىك قەدەم بىلەن ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئىشىكنى قىيا ئېچىپ موماينىڭ ئۆز ھوجرىسىدا ئىكەنلىكىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن ئىشىكنى يېپىپ تاقاپ قويدۇم. تارتمىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، نېمىشقىدۇر خۇددى بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. شاققىدە ئارقامغا بۇرۇلدۇم، ھېچنەرسە يوق ئىدى... دېرىزە پەردىلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ، ئۆي ئىچى سىرلىق تۈس ئالغان ئىدى. دېرىزىنى تاقاپ قويۇپ يەنە تارتمىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئەمما ئۇنداق تۇيغۇ تېخىچە يوقىمىغان ئىدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ بۇ ھوجرىدا پەقەت ئۈزۈمنىڭلا بارلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن يەنە ھېلىقى تارتمىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆزۈمگە بۇ پەقەت خاتا سېزىمىم دەپ تەسەللىي بېرىپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تارتمىنى ئاستا ئاچتىم.
ئەڭ ئۈستىدىكىسى بىر ئالبۇم بولۇپ، ئىچىدىكىسى پۈتۈنلەي يۆئېرنىڭ رەسىلىرى ئىكەن. ئاخىرقى بىر قانچە پارچە رەسىم يۆئېرنىڭ كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان مەزگىللىرىدىكى رەسىمى بولۇپ، قانسىز چىرايى، ئورۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن بەدىنىدىن ئۇنىڭ خېلى ئېغىر كېسەل تارتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل قەيسەرلىك ۋە جاھىللىق چىقىپ تۇراتتى، ئۆلۈم يولىنى تاللايدىغان قىزلاردەك كۆرۈنمەيتى. ئالبۇمبى يېپىپ قويۇپ قالغان نەرسىلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. قالغانلىرى كىيىم-كېچەكلەر بولۇپ، ئانچە چوڭ قىممىتى يوق ئىدى. ئەمما يۆئېرىنىڭ كىيىنىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. كۆزۈم ئەڭ ئاستىدىكى شارپىغا چۈشتى. شارپا يەتتە خىل رەڭلىك بولۇپ، ھەسەن-ھۈسەندەكلا چىرايلىق ئىدى. ئۆزۈمنى بىلىپ-بىلمەيلا شارپىنى بوينۇمغا ئوراپ ئەينەك ئالدىغا كەلدىم.

ئەتراپ نېمىدىگەن قاراڭغۇ! قاپقاراڭغۇ كارىدوردا جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرەۋاتاتتىم، ئارقامدا بىر سايە قالماي ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قەدەم تىۋىشى يا ئاستىلىماي يا تېزلەشمەي بىرخىل رېتىمدا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھارغىنىمدىن يۈگۈرەلمەي يىقىپ قالاي دېگىنىمدە ئالدى تەرەپتىن بىر ئىشىك كۆرۈندى، ئىشىكنىڭ يوچۇقلىرىدىن نەچچە تال نۇرلۇق يورۇقلۇق چىقىپ تۇراتتى. ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ يورۇقلۇققا قاراپ يۈگۈردۈم. بار كۈچۈم بىلەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتىم. ئاپپاق نۇر كۆزلىرىمنى قاماشتۇرۇپ، ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدىم. كۈچۈم بىلەن ئىشىكنى يېپىپ، تىترەپ تۇرغان قوللۇرۇم بىلەن قۇلۇپلىدىم-دە ھالسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدىم.
يەردە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپىمغا كۆز يۈگۈرتتىم، كۆزنى چاقىدىغان يورۇقلۇق ئاستا-ئاستا يوقالغان بولۇپ، ئورنىنى ئالغىنى تۈگىمەس قاراڭغۇلۇق ئىدى.ھالسىز بەدىنىم ئامالسىزلىقتىن ئولتۇرغان ئورنۇمدا جىمجىتقىنا ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇلۇقنىڭ مېنى يۈتۈپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.
ئاخىرى ئازراق ماغدۇرغا كەلدىم. ئىشىككە تايانغىنىچە ئاستا-ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. قولۇمغا ئۈزچاتتەك بىرنىمە ئۇرۇلدى. خوشاللىقىمدىن دەرھال ياندۇردۇم. چىراق يورىدى.دەرۋەقە ئۆزۈمنىڭ ھوجرىسى ئىكەن! سۇس توخۇڭ رەڭلىك رومانتىك ھەم ئىللىق مۇھىت! كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ ئاستا مېڭىپ، ئەينەك ئالدىغا بېرىپ توختىدىم.
ئەينەكتىكى مەن چىرايى تاتارغان، ئازراقمۇ قان دىدارى يوق ھالەتتە ئىدىم. بوينۇمدىكى رەڭلىك شارپا تولىمۇ كۆزنى چاقنىتاتتى. ئورۇقلاپ ياغاچتەك بولۇپ كەتكەن قولۇم بىلەن يۈزۈمنى نوقۇپ باقتىم.
ئەينەكتىكى راستلا مەنمۇ؟ قايتىلاتىن قورقۇنچقا چۆكتۈم. بارلىق قورقۇنچلىق فىلىملەردىكىدەك، چىراق قاتتىق داۋالغۇشقا باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قارىدىم... ئۈستىدە ئورۇقلاپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بىر ئايال ئېسىلىپ تۇراتتى. سول قولىنىڭ بېغىشىدىن قىپقىزىل قان تامچىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇزۇن چاچلىرى كۆكسىدە يېيىلىپ ، چىرايىنى توسۇۋالغان ئىدى. ئۆينىڭ رەڭگى بارا-بارا قېنىقلاپ، گويا قىزىل قاندا بوياپ قويغاندەكلا كۆزنى چاقاتتى. قورققىنىمدىن ئىشىككە قاراپ يۈگۈردۈم، شۇندىلا ئىشىكنىڭ قاچانلاردىدۇر سىرتتىن قۇلۇپلىنىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدىم. بار كۈچۈم بىلەن ئىشىكنى ئۇرۇپ، ساراڭلارچە ۋارقىراشقا باشلىدىم.
جاڭ! قورققىنىمدىن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم. قان رەڭلىك پەردە شامالدا يەلپۈنۈۋاتاتتى. دېرىزە ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. سىرتتىن كىرگەن شامال ئايالنىڭ چاچلىرىنى ئۇچۇرۇپ، قانسىز چىرايى ۋە قارىسى يوق كۆزىنى كۆرسەتتى. ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم... ئۇ چىراي... ئۇ چىراي... تولىمۇ تونۇشلۇق ئىدى... ئەينەكتىكى مەن بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى... ئەجىبا مەن ئۆلۈپ كەتتىممۇ؟ ئۆزۈمدىن مۇشۇ بىر سۇئالنى توختىماي سورايتىم.

دۇڭ-دۇڭ-دۇڭ، ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلۇۋاتاتتى. قورقۇنچىم يۇقىرى چېكىگە يەتتى. ھەتتا تورۇسقا ئېسىلىپ تۇرغان مەن نىڭ لەۋلىرىنىڭ ئاستا جىلمىيىپ، مېنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈۋاتقانلىقىنىمۇ كۆردۈم! ئۇنىڭ كۈلكىسى سىرتتىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىغا جور بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى... ساراڭ بولايلا دېدىم! پۈتۈن بەدىنىم قېتىپ، كاللام قۇپقۇرۇپ بولۇپ قالغان ئىدى.
ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلدى. يىغا ئاۋازىنىڭ يېقىنلا يەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. قانسىز ياغاچتەك قول مۈرەمنى تۇتتى. بېشىمنى ئارقامغا بۇراپ بولغۇچە يەنە بىر قول بوينۇمدىكى شارپا بىلەن بوغۇشقا باشلىدى. ئازراقمۇ كۈچۈم قالمىغان ئىدى. قارشىلىق قىلالماستىن ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇپ بەردىم. نەپەس ئالالمايۋاتاتتىم، ئارقىدىن يىغا ۋە كۈلكە ئاۋازى ئىچىدە سېزىمىمنى يوقاتتىم...

كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا تاڭ يورۇغان ئىدى. ئىللىق قۇياش نۇرى ھوجرامغا چۈشۈپ، پەردىلەر مەيىن شامالدا يەلپۈنۈۋاتاتتى. تورۇسقا قاراپ يېتىپ ئاخشام كۆرگەن قورقۇنچلىق چۈشۈم ۋە مېنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى قىل قالغان ھېلىقى شارپىنى ئەسكە ئالدىم. دەرھال بوينۇغا قارىدىم، شارپا يەنىلا بوينۇمدا تۇراتتى، كونتروللىقىمنى يوقاتقىنىمچە ۋارقىراشقا باشلىدىم، بار كۈچۈم بىلەن شارپىنى تارتاتتىم، ئەمما مەن قانچە تارتقانچە شارپا بوينۇمغا شۇنچە مەھكەم يۆگىشىۋاتاتتى...
-يىڭزى، يىڭزى، نىمە بولدىڭىز؟- ئىشىك سىرتىدىن موماينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ھېچ... ھېچنىمە بولمىدىم!-شارپىنى بىر تارتىپ بوينۇمدىن ئالدىم، خۇددى بىر پارچە چوغنى تۇتۇۋالغاندەك تېز سۈرئەتتە نەچچە مېتىر يىراققا تاشلىۋەتتىم.
-يىڭزى، ئىشىكنى ئېچىڭ، سىزگە راست ھېچنىمە بولمىدىمۇ؟
- مانا ھازىر...
تېز سۈرئەتتە تارتمىنى يېپىپ، شارپىنى پۇتۇم بىلەن كارۋات ئاستىغا تېپىپ كىرگۈزىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
موماي ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئۆي ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن:
-قارا بېسىپ قالدىمۇ؟ قاراڭە تەرگە چۆمۈپ كېتىپسىز.
موماينىڭ تارتمىنى ئاچقانلىقىمنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال بېشىمنى لىڭشىتتىم.
كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئاغرىپ يېتىپلا قالدىم. كۈندە ئوخشاش چۈشنى كۆرەتتىم. ھەر قېتىم چۈشۈمدە ھېلىقى شارپا بوينۇمنى بوغۇپ چۆچۈپ ئويغىناتتىم. مەيلى ئۇنى كارىۋات ئاستىغا تىقىۋېتەي ياكى تارتمىغا سېلىۋېتەي يەنىلا ئوخشاش چۈش كۆرىۋەردىم. ئويغانغىنىمدا ئوچۇق تۇرغان دېرىزە ماڭا بۇنىڭ پەقەت بىر چۈشلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۋاتاتتى.
تۆتىنچى كۈنىگە بارغاندا پەقەتلا چىدىماي .ئائەننىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئائەننىڭ ئۆيىدە تۇرغىنىمدا ئۇ چۈشلەرنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم، سالامەتلىكىممۇ ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن ئائەن سىرتقا دېلو ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى. ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بىر قىسىم كىيىملىرىمنىڭ تېنچلىق يولىدا قالغانلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ، قاراڭغۇ چۈشمەستە موماينىڭ ئۆيىگە باردىم.
قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرگەن موماي ھەم خوشال بولۇپ، ھەم رەنجىپ:
-نەچچە كۈندىن بېرى نەگە كەتتىڭىز؟ مېنى بەك ئەنسىرەتتىڭىز، نىمىشقا دەپمۇ قويماي يوقاپ كېتىسىز؟ مەن تېخى سىزنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن- دېدى.
-ھە، بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلدىم.
-قايتىپ كېلىپ ياخشى قىلىپسىز. كەچتە نېمە يېگۈڭىز بار؟ مەن سىزگە ئېتىپ بېرەي.
موماينىڭ قايتىپ كەلگىنىمدىن شادلانغان چىرايىنى كۆرۈپ قايتىشقا قىيالمىغان بولساممۇ، ھېلىقى قورقۇنچلىق چۈشلىرىم ئېسىمگە كېلىپ
- موما، مەن نەرسە كېرەكلىرىمنى ئالغىلى كەلگەن، بۇندىن كېيىن بۇ يەردە تۇرمايمەن، ئىجارە پۇلىنىمۇ ئالمايمەن، ئۆينى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرسىڭىز بولىدۇ- دېدىم. موماي ماڭا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. خاتا سېزىمىممىكىن تاڭ، موماينىڭ مېھرىبان چىرايى شۇ چاغدا ئالاھىدە سوغۇق تۈس ئالغان ئىدى. ئۇ گەپ-سۆز قىلماستىن بىر دەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇھ تارتقىنىمچە ھوجرامغا كىرىپ قالغان نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. نەرسە كېرەكلىرىم كۆپ بولمىغاچ بىردەمدىلا يىغىشتۇرۇپ بولدۇم.ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋال قايرىلىپ يېرىم ئاي تۇرغان بۇ ھوجرىغا سەپسېلىپ قارىدىم، كۆزۈم ھېلىقى شارپا سېلىنغان تارتمىغا كېلىپ توختىدى.
شۇ ئەسنادا يانفونۇم سايرىدى. تېلىفوننى ئائەن قىلغان ئىدى.
-سىز نەدە؟- دەپ سورىدى ئائەن ئالدىراش-ئۆيدىكى تېلىفوننى ھېچكىم ئالمايدىغۇ؟
-تېنچلىق يولىدىكى ئۆيدە قالغان نەرسىلىرىمنى ئالغىلى كەلدىم. بىرەر ئىش بارمۇ؟
-مەن بايا ھېلىقى بىرقانچە ئۆلگۈچى بىلەن يۆئېرنىڭ ئارخىپىنى قايتا تەكشۈرۈپ باقتىم، ئۇلارنىڭ قان تىپى ئوخشاش ئىكەن، سىزنىڭمۇ ئوخشاشكەن.
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟
-دېمەك ئۇلارنىڭ ئۆلىمىدە باشقا سەۋەب بار. يىڭزى ئۇ يەردىن تېز كېتىڭ، يىڭزى، يىڭزى!
يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تېلىفوندىن ئائەننىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. بۇ چاغدا بىر تال رەڭلىك شارپا بوينۇمدىن مەھكەم ئوراپ ئالغان ئىدى...
مەن بىر جۈپ قوپال قولنى مەھكەم تۇتقىنىمچە كۈچۈمنىڭ بارىچە بېشىمنى ئارقىغا بۇراپ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرمەكچى بولدۇم، ئەمما كۆرگىنىم ئاق ماسكا تاقىۋالغان بىرى ئىدى. بۇ ماڭا يېرىم ئاۋال ئانگىنا ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان چاغدىكى ئاق خالاتلىق دوختۇرنى ئەسلەتتى.
ھوشۇمدىن كېتەي دېگەندە لوڭقا چېقىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، بوينۇمدىكى شارپا بوشىدى. يەردە ئولتۇرغىنىمچە ئەتراپىمدىكى ھاۋانى تويماي سۈمۈردىم. مېڭەم سەگەكلەشكەندىن كېيىن بۇرۇلۇپ قارىدىم. موماي يەردە ياتاتتى. ئىشىك يېنىدا ياغاچتەك ئورۇق بىر ئايال ئولتۇراتتى، قولىدا يېرىم سۇنغان لوڭقا تۇراتتى. قانسىز لەۋلىرى توختىماي پىچىرلايتى:
- بەك كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئەرزىمدۇ؟ ئەرزىمەيدۇ!...

يېرىم يىل بۇرۇن ئوپىراتسىيە ئۈستىلىگە چىققان چېغىمدىلا موماينىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ بولغان ئىكەنمەن.
ئۇ خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يۆئېرنىڭ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان ئادەمنى ئىزدەپ، ئارقىدىن ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ تېنچىلىق يولىدىكى قورۇغا كۆچۈپ بارغۇزغان ئىكەن.ئەمىلىيەتتە مەن كەچلىرى ئاڭلىغان يىغا ئاۋازى يۆئېرنىڭ كېسەل ئازابىغا چىدىماي ئىڭرىغان ئاۋازى ئىكەن. ئۆيلەرگە كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، مېنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتىم ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىلىپ تۇرغان ئىكەن. مېنىڭ قىزىقىش بىلەن تارتمىنى ئاچقان ۋاقتىم دەل ھەقىقى ئويۇننىڭ باشلانغان ۋاقتى ئىكەن! شارپىدىكى ناركوز دورىسى، خاتا سېزىم پەيدا قىلىدىغان دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى موماينىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويغان نەرسىلىرى ئىكەن.
يۆئېر ئۆلمىگەن، ئەلۋەتتە. ئۆلگىنى ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلار. كىممۇ قاتتىق ئازاپ چېكىۋاتقان ئانىدىن ئۆلگىنى راستلا سېنىڭ قىزىڭمۇ دەپ سورالىسۇن؟ كىممۇ قىزىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن پەرياد ئۇرۇۋاتقان ئانىدىن گۇمانلانسۇن؟ موماي يۆئېر ئۈچۈن كۆپ ئادەم ئۆلتۈردى، يۆئېر بولسا مېنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇنىڭ ھەممىسى تەغدىر...
كېسەل كارىۋېتىدا ياتقان يۆئېرنىڭ قانسىز چىرايىدىن خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى. مېنىڭچە ئۇ ئاخىرى خاتىرجەملىككە ئېرىشتى. بۇرۇلۇپ ئائەننىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، بەلكىم مۇشۇ قىسقىلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت بولسا كېرەك!

تۈگىدى.

                                                        يازما مەنبەسى : باس-باس تورى


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-4 08:45 PM):
ئىزاھات: بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچى مەن ئەمەس...

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103800
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 10:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋپانا   ئايغى  چققان  ئەسەردىن   بىرن ئۇقۇپتمە  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cubat + 59 قىزىق ... بەك كۈلىۋەتتى.
alvasti + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 69   باھا خاتىرىسى

ئوۋچنڭ    مىلتغى    بولسا،    كيكنڭ    خۇداسى    يۇقمۇ!

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12099
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12099
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:12:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75088
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز!
يەنە باشقىلىرىنىمۇ قىلارسىز ئەمدى...

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2681
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2026 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمىلىك تېما......

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:34:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى راسلا ئازراق سۈر باسدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100834
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-12-14
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[كۆپ ئەجىر كىلىپسىز .قولىڭىزغا دەرت كەلمىسسۇن]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:59:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە دىگەننى مانىڭدەك  ئاخىرىنى تۇگۇتۇپ يازسىمۇ    بولدىكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:47:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭزگە كوپ رەھمەت يەنە يوللاپ تۇرغايسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش