ھازىر جەمئىيەت نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇكىن تاڭ! بۇرۇنلاردا دوختۇرخانىغا بارساڭ تومۇر تۇتۇپ، يۈرەك سوقۇشىڭنى تەكشۈرۈپلا كېسەلگە دىئاگنوز قويۇپ داۋلايتتى، ھازىر قايسى دوختۇرخانىغا بارساڭ، ساپلا قورسىقىدا ئومىچىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر، خۇددىي بىزنى ماشىنا ئادەمنى تەكشۈرگەندەك ھەممىگە ئۈسكىنىگە بىردىن سلىپ، تالاي كېسەللەرنى چىقىرىپ، 3 كۈن ياتىدىغان يەرگە 3 ئاي ياتقۇزۇپ، يانچۇقنى قۇرۇقداپ قويىدۇ، تاپشۇرغان پۇلىڭىڭز يەتمىسە، كارتىدا پۇلىڭىز تۈگەپتۇ، پۇل قاچىلاڭ، بولمىسا ئۇكۇل سالمايمىز دەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى، خۇددىي بىز ماشىنىغا ئوخشاش ماي قاچىلمىسا ماڭمايدىغاندەك، دوختۇرخانىلار ھازىر پۇلنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ، پۇل بولمىسا ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ كارى يوق، قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ، ھازىر مەيلى قانداق ئۇنىۋېرسىىتېتلاردا ئوقۇپ كەلگەن بولسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن تېخنىكا ئۆگىنىپ كېلىدىكەن، قانداق تېخنىكا دېمەمسىلەر، شۇ ئۈسكۈنە ئىشلىتىش تېخنىكىسى، دوختۇرلار ھازىر مەشغۇلاتچى، ئۈسكۈنىلەر دوختۇر بولۇپ قاپتۇ، بەزى دوختۇرخانىلاردا ئۆلدى دەپ چىقىرىۋەتكەنلەر ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان يولىدا ساقىيىپ ھوشىغا كەپتۇ دېگەن مىش-مىش گەپلەرنىمۇ جىق ئاڭلىغان، داۋلاش-تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭغا ماس ھالدا تۈرلۈك كېسەللىكلەرمۇ كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. ئادەم ياش ۋاقتىدا بىر ئۆمۈر يىمەي-ئىچمەي تاپقان پۇللىرىنى، ياشانغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەنمىز. سىستېرالارنىڭ قوپال مۇئامىلدا بولۇشى توغرا، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا بەزى بىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش قېيىنغا چۈشىدۇ، (مەسىلەن: بۇرۇن بىر ئاغىنەم گېممورروينى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغاندا مەنمۇ بىللە بارغان، سىستېرا قىز ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن يەرلىك ئورۇنغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارىمىز دېسە، ئاغىنەم خىجىل بولۇپ تۇرۇپ كەتكەن، ئاندىن ئۇ سىستېرا شۇنداق قوپاللىق بىلەن تېز سېلىڭە ئىشتاننى) شۇنىڭغا ئوخشاش. ئەمما دوختۇرلارنىڭ ئۇنداق قوپاللىق قىلىشى ئەقلىمگە يەتمەيدۇ، ئۇلار خەلقنىڭ ئېغىزىدا ئاق خالاتلىق پەرشتە دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، كېسەلگە سەۋر قىلىش كېرەك، ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھ شىپاتلىق بېرىدۇ، ئاندىن دوختۇرلار، ھازىر راست دېگەندەك ئادەم دوختۇرخانىلارغا بېرىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كەتتى، ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە، قەيىرىڭىز ئاغرىيدۇ ئەمەس، پۇلىڭىز بارمۇ دەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەن دائىم نامىزىمدا شۇنداق تىلەپ كېتىمەن، ئاللاھ ئوغلۇمنى ئىمان ئېتقادلىق، تەقۋا، مەرت دوختۇر بولۇپ چوڭ بولۇشىغا نىسىپ قىلارسەن دەپ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ ئۆز ئالدىغا كىچىككىنە ئامبولاتورىيە ئىچىپ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەنلەرنىڭ ھالىغا يەتسە مېنىڭمۇ كۆڭلۈم جايىغا چۈشىدۇ.
نېمىلەرنى دەپ كەتتىم
.gif)
.gif)
.gif)
.gif)
يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ ھەر بىر مۆھمىن بەنىدسىنىىڭ تېنىنى سالامەت قىلغاي، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قىلىشتىن ساقلىغاي،