|
|
|
|
گۈل ۋە تۇپراق
پىلپەتىش خىيالىرى
ئۇرۇق تۇپراقنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ<<مەن سىنى بەك سېغندىم . مىنى باغرىڭغا ئال 》 دەپتۇ .
تۇپراق ئۇرۇقنى باغرىغا مەھكەم بىسىپ تۇرۇپ《 مەن سىنى بەكمۇ سېغىندىم مەندىن ئايرىلمغىن 》 دەپتۇ .
ئۇرۇق بىلەن تۇپراقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتۈپتۇ . كۈنلەر شۇ تەرەقىدە ئۆتۈپتۇ . ئۇرۇق بىلەن تۇپراقنىڭ مۇھەببىتى بېخ سۈرۈشكە باشلاپتۇ . ئۇرۇق ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ . بۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلاپتۇ .
بىر كۈنى تۇپراق قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ .ئۇرۇق تۇپراقنىڭ ئۇ ھالتىنى كۆرۈپ سۇلۇشۇپ تۇپراقتىنمۇ بەكرەك روھسىز ھالەتكە كىلىپ قاپتۇ . تۇپراق ئۇرۇقنىڭ بۇ ھالتىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئازاپلنىپ ، ئۆزى ئۈچۈن ياش تۆكمەسلىكنى ئېلتىجا قىپتۇ . ئۇرۇق《 بىز بىر گەۋدە بىر جان بىر تەن مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن . بىخ سۈرەلمەيمەن ، گۈللەپ مېۋە بىرەلمەيمەن ، مەن سەندىن ئايرىلسام ئۆلۈپ قالىمەن 》 دەپ قاتتىق قايغۇرۇپ سۇلۇشۇپ قاپتۇ .تۇپراق ئۇرۇقنىڭ بۇ سۈزدىن قاتتىق تەسىرلنىپ باغرىنى يېرىپتۇ .
ئۇرۇق بىلەن تۇپراقنىڭ بۇ سۇلغۇن ھالتىنى كۆرگەن بۇلۇت ئۇلارغا 《 نىمشقا ئۆمۈتۋار بولمايسىلەر . ھامىنى بىر كۈنى ئارمانلىرىڭلار پۆرەكلەپ چېچەك ئاچىدىغۇ؟》 دەپتۇ . ئۇرۇق 《 بىز تۇپراق بىلەن بىر گەۋدە بىر جان مەن تۇپراقسىز گۈزەل بۇلالمايمەن. تۇپراق بولمىغان ھاياتىم مەن ئۈچۈن زۇلمەت 》 دەپتۇ .
تۇپراقمۇ بۇلۇتقا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ : 《 مەن ئۇرۇقسىز باغۇ -بوستان بۇلالمايمەن .ئۇرۇق بولمغان ھاياتىم، ئادىمزاتسىز، قاقاس چۆل جەزىرىگە باراۋەر》 دەپتۇ .
بۇلۇت ئۇرۇق بىلەن تۇپراقنىڭ مۇھەببىتدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ، توختىماي نەچچە كىچە -كۈندۈز ياش تۆكۈپتۇ .
تۇپراقنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن كۈنگە ياخشىلنىپ ، بۇرۇنقىدىنمۇ بەردەم، قامەتلىك ، خۇشخۇي بۇلۇپ كىتىپتۇ . ئۇرۇق تۇپراقنىڭ ئەسلگە كەلگەنلىكنى كۆرۈپ تېخىمۇ تېتىكلشىپ گۈزەللشىپ كىتىپتۇ . تۇپراق بىلەن ئۇرۇق توي قىپتۇ . تويغا دوستى بۇلۇتنى توي بىشى قىلشىپتۇ . بۇلۇت تويغا ئاپئاق شايى كۆينكنى كىيىپ بالدۇرلا ئۇچۇپ كەپتۇ . تويغا كەلگەن بۇلۇت يىگىت - قىزنى كۈرۈپ ھەيران بۇلۇپ، يىگىت -قىزنى تۇنۇيالماي تۇرۇپلا قاپتۇ . ئۇرۇق ھۆپپىدە گۈل -چىچەكلەرگە پۆركەنگەن گۈزەل پەرى بىر نازىنىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكنى كۆرۈپ بەكمۇ سۈيۈنۈپتۇ . تۇپراقمۇ بۇ گۈزەل ھۆر پەرى بىلەن تېخىمۇ قامەتلىك بۇلۇپ كىتىپتۇ. قۇشلار توينى مۇبارەكلەپ خۇش ناۋا ئەيلشىپتۇ. بۇلبۇل گۈل پەرىگە ئاشىق بۇلۇپ ھەسرەتتە قاپتۇ .. شامال بىلەن رەڭدار كىپنەك ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ . تۇپراق بىلەن گۈل نازىنىنغا ئاتاپ لەرزان ئۇسۇلى بىلەن مۇبارەكلەپتۇ . باللار گۈل پەرى بىلەن ئۇسۇل ئويناپتۇ . بىر بىرى بىلەن قوغلۇشۇپ مۆكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناپ توينى ئەۋجگە چىقرىپتۇ . ھەممە بەخىت تىلشىپ قايتىپتۇ . كۈنلەر بىر بىرنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپتۇ . بۇلبۇل بىر تۈپ شاخقا قۇنۋېلىپ كۈندە ھەسرەت لىرىكسى ياڭرتىدىغان بوپتۇ . گۈلنىڭ بۇلبۇلغا ئازراق ئىچى ئاغرىپ شېخىغا قۇنۇشقا رۇخسەت بىرىپتۇ . كۈندە بۇلبۇل گۈل شېخىدا تۇرۇپ ھەسرەت چېكىدىكەن . لىكىن گۈل تۇپراقنىلا ياخشى كۆرگەچكە ، بۇلبۇلغا قىيا كۆزدىمۇ قارىماپتۇ . شۇ سەۋەپتىن ‹‹ بۇلبۇل گۈلگە شۇنچە ئاشىق بولسىمۇ ، گۈل قارىمدى ۋاپاسىز ....›› دەپ ئەيىپلنىپ يۇرتتا سۆز چۆچەك بۇلۇپتۇ . گۈل سۆز چۆچەككە چىدىماي رۇخسارى سۇلۇشۇپ گۈل بەرگىلىرى تۆكۈلۈپتۇ . گۈلنىڭ رۇخساردىن كەتكەنلكىنى كۆرگەن بۇلبۇل ئارقىسغمۇ قارىماستىن كىتىپ قاپتۇ . گۈلنىڭ ئۆلۈمى تۇپراقنىڭ قەلبنى زىمىستان قىشقا ئايلاندۇرۇپتۇ .تۇپراق كۈندە گۈلنىڭ تۆكۈلگەن بەرگىسنى قۇچاقلاپ يىغلايدىغان بوپتۇ . بىر كۈنى قۇشلار ، ئاپئاق بۇلۇتلار ، شامال....……قاتارلىق نۇرغۇن دوستلىرى يوقلاپ كىلىپ تۇپراققا تەسەللى بىرىپتۇ . بۇلۇت تۇپراقنىڭ كۆڭلىنى ياساپ بۇرۇنقى ئۆتمۈشنى ئەسلىتىپ قەددىنى رۇسلاشقا دالالەت قىپتۇ . تۇپراق بۇلۇتنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقنى ھېس قىلىپ قەددىنى رۇسلاپتۇ . گۈلمۇ قايتا بېخ سۈرۈپ تۇپراققا بارىنى ئاتاپ ياشلىقنى تەقدىم قىپتۇ . شۇ ئارازچىلقتىن كىيىن ، گۈل ئۆمرى قىسقا بۇلدىغان بۇلۇپ قاپتۇ .
مەنبەسى ؛ ئېجادىيتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-3 06:12 PM
|
|
|
|
|
|