جۇڭگۇنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا يىقىنلاشتى
لاڭ شەنپىڭ
2014- يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى نوتۇق
2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۆتكۈزۈلگەن ج ك پ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيىرو يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يىغىنىدا دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ،سىياسەتلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ،ھەر قايسى ۋىلايەتنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشى تەكىتلەندى.كارخانىچىلىرىمىز،يەر-مۈلۈك سودىگەرلىرىمىز شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ قاراپ كەلدى، بۈگۈن مەن ھەر قايسىڭلارغا جۇڭگۇنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يىقىنلاشقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
2013-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى،مەركەزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنىدا زوڭلى لى كېچىياڭ 6 تۈرلۈك مۇھىم سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى،بىرىنچى،يېزا ئىگىلىكنىڭ يۆتكىلىش نوپوسىنى شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش.ئىككىنچى،شەھەرلەردىكى يەرلەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.ئۈچۈنچى،سېجىل بولغان مەبلەغ كاپالەت مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش. تۆتىنچى، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئەلالاشتۇرۇش. بەشىنچى، شەھەر- بازارلارنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.ئالتىنچى،شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش.زوڭلى لى كىچىياڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئارقا-ئارقىدىن ئادەمنى مەركەز قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ناھايىتى ياخشى بىر ئەسلىمە ھىسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى چۈشەنچىسى بولسا ئادەمنى مەركەز قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش،لىكىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەنچىسى بولسا شەھەر قۇرۇلۇشى،شەھەر قۇرۇلۇشى يەنە شەھەر قۇرۇلۇشى.ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەت GDPنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،ساراڭلارچە قۇرۇلۇش ئىلىپ بارماقتا.2013-يىلى9-ئايدا، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 12 ئۆلكە،156 شەھەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىچىدىكى%92.9 يەنى 145 شەھەرنىڭ ھەممىسى يىڭى شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ،بۇ 145 شەھەرنىڭ ئىچىدە 12 ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەر نۆۋەتتە 55 يىڭى شەھەر قۇرۇپ چىققانلىقىنى، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر بىر ئۆلكە مەركىزىنىڭ 4.6 يىڭى شەھەر قۇرۇپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق.مەسىلەن،شىنياڭ 13 يىڭى شەھەر رايۇنى،ۋۇخەن 11 يىڭى شەھەر رايۇنى قۇرۇپ چىققان.بىز ھۆكۈمەت ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا،شەھەر نوپوسى 701 مىليۇن ئىكەن،ئۇنداقتا بۇ شەھەرلەر قۇرۇپ چىققان يىڭى شەھەر رايۇنلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 701 مىليۇن نوپوسنى سىغدۇرالىشى كىرەك،لىكىن بۇ يەردىكى مەسىلە كىم سېتىۋىلىپ،كىم تۇرىدۇ؟
بىز يەنە بىر ھىساۋاتنى ھىسابلاپ كۆرەيلى،نۆۋەتتە جۇڭگۇدا شەھەرلىرىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەردىن 262 مىليۇن نوپوس بار،ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى قاتقاندا نۆۋەتتە 400 مىليۇن كىشى شەھەرلەردە تۇرىۋاتىدۇ،ئەگەر بۇ 400 مىليۇن كىشى ئۆي سېتىۋالىدىغان بولسا،بىيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ،شېنجېنلارنى ئىيتىمايلا قوياي،ئۈچ ۋە تۆت لىنىيەلىك شەھەرلەردىكى ھەر بىر كىشىنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئۆي سېتىۋىلىش تەننەرخى 101 مىڭ يۈەن بولۇشى كىرەك،لىكىن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تارقاتقان تەتقىقات دوكىلاتىدا كۆرسىتلىشىچە، بىر كىشىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن26 مىڭ يۈەن كىتىدىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇل بولماستىن بەلكى تۇرمۇش تەننەرخى ھىسابلىنىدۇ،بۇنىڭدىن سىرىت ھەر بىر كىشى ھەر يىلدا 2400 يۈەن مەبلەغ سىلىشى كىرەك، شۇڭا 400 مىليۇن نوپوس 960 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدۇ،يەنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىيتقاندەك بىرىنچىدىن،بىر قېتىمدىلا 104 تىرلىيۇن يۈەن مەبلەغ سىلىشتىن سىرىت، ھەر يىلى 10 تېرلىيۇن يۈەن مەبلەغ سىلىشى كىرەك،شۇڭا كەلگۈىسدە ئۇنچىلا كۆپ نوپوستىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەرگە كۆچۈپ كىرمەيدۇ.
جۇڭگۇ باش ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبىرى (www.chinacef.cn)، ئۈندىدار(ccefccef)دا، بەزى كىشىلەر جۇڭگۇنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نوقسانلارنى ئوتتۇرغا قويدى.
كۆز قاراشلارنىڭ نەزىرىچە،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەڭپۇڭ ھالەتتە بولمىسىمۇ، لكىن رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىم جەھەتتىكى پەرقى ناھايىتى ئاز،بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى تەبئىي تالانت ئامىلى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەچكە مۇقەررەر ھالدا پەرق بولىدۇ،لىكىن رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە پاراۋانلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ يۆتكىمە چىقىم قىلىش قاتارلىق تەڭشەپ كونتىرول قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ،بۇ دەل تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ جىنى كوئېففىتسېنتىنىڭ ئومومىييۈزلۈك تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەپ.مەسىلەن: ھامبورگنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان GDP ۋە ھەر بىر كىۋادرات كىلومېتىردىكى GDP ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيەنىڭ شەرىقى شىمالىي قىسمىدىكى ئارقىدا قالغان رايۇنلارنىڭ 2 ھەسسىسى ۋە 100 ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ،لىكىن ئىككى رايۇننىڭ پاراۋانلىق ۋە كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىم سەۋىيەسىدە ھىچقانچە پەرق يوق.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگۇنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئېستىراتېگىيەسىدە ئاھالىلەر كىرىمى بىلەن پاراۋانلىق پەرقىنى كىچىكلىتىشكە ئەمەس بەلكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى GDP سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىل جەريانىدا،شەھەر نوپوسى 0.5 ھەسسە ئاشقان، ئەمما شەھەر قۇرۇلۇشى رايۇنلىرىنىڭ كۆلىمى 1 ھەسسىگە يىقىن ئاشقان، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى نورمىدىن ئارتۇق ئېچىش مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە،شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇق قىياپىتىلا بار كەسىپ جەھەتتە تايانچ يوق،ئاخىرىغا كەلگەندە ئادەملەر بارسا ئىمارەتلەر قۇرۇق، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز بولۇش نىسبىتى كەڭ كۆلەمدە ئىشىش قاتارلىق مەسىللەر بارلىققا كەلدى.
ئۇلار ئاخىرىدا مەنمۇ قوللايدىغان بىر يەكۈننى خۇلاسىلەپ چىقتى،ئۇ بولسىمۇ مەيلى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ياكى شەھەرلەشتۈرۈش بولسۇن، ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ھەرگىزمۇ ۋاستە ئەمەس،ئەگەر ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە رىئايە قىلماي، نورمىدىن ئارتۇق ھالدا رايۇنلارنى جايلاشتۇرۇشنى پىلانلىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بولسا نوپوس بىلەن مەبلەغنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى،مەبلەغنىڭ ناتوغرا تەقسىملىنىشى ۋە ئۆي-يەر مۈلۈك كۈپۈكچىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەمدە قىسقا مۇددەتتىكى تەرەققىيات پايدىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كاساتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ۋە مول مەزمۇنلار ، newrouse سالۇنىدا