مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2739|ئىنكاس: 21

ھەر ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17785
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7212
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 03:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەر ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!


ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلغان ئوت يۈرۈك شائېرىمىز «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» نىڭ :
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
دېگەن شېئىر يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭغا يەنە 60 يىللىق بۇزۇقچىلىق قوشۇلدى. قالغىنىنى دىيارىمىز قىسمەتلىرىنىڭ بەدەلچىلىرى بولغان ھەر بىرىمىز ئوبدان بىلىمىز. قايسى بىر توردىشىمىزنىڭ ئوخشاتقىنىدەك ئۇيغۇر ھازىر بەئەينى يۈرىكى ئۆپكىسى جىگىرى بۆرىكى قاتارلىق ھەممە ئەزالىرى ئاغرىپ نىمجان بولۇپ ياتقان بىمارغا ئوخشايدۇ. خوش، كېسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلدۇق. ئەمما ئۇنى چوڭ جەھەتتىن ئوپېراتسىيە قىلىدىغان يۇقىرىدىكىلىرىمىز ۋە باشلىقلىرىمىز ئۆزىنى بىزگە شۇ دەرىجىدە تونۇتۇپ بولدىكى ئۇلارغا ھەممىمىز باھا بېرەلەيمىز.
ئۇنداقتا بىز ھەقىقەتەن ئۆلۈپ كېتەمدۇق؟ بۇنىڭغا جاۋاب شۇكى: ئۆلدۇق دەپ بەل قويىۋەتتۇقما ئېنىق ئۆلىمىز. بىر كېسەلنىڭ ھاياتقا ئىشەنچى قالىمىسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈم ئېغىزىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.
بۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ دورىسى پەقەت ئۆزىمىزدىلاكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك دورىدۇر.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تىزىپ چىققان دورىلار ئۈستىدە توختىلاي. (ئەلۋەتتە ھەممە مۇكەممەل بولمىغىنىدەك مېنىڭ بايقىشىمدىمۇ خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن ئەگەر راست شۇنداق بولسا بىرلىكتە ئىزدەنسەك ۋە تۈزەتسەك…)
بىز ھازىر جىددىي مۇئامىلىدە بىر چوڭ ۋاكسىنا ۋە بەش چوڭ دورىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
(بىز ئەلمىساقتىن ئېتقاتلىق بولۇپ كەلگەن. ئېتىقادتىن ئايرىلغان ھەرىكەت ھەر-زامان ھەر-ماكان غەلىبىلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال ئاللاھ تىن ئۆزىمىزگە پاناھلىق ۋە ئاسايىشلىق تىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئىشلىرىمىزغا مەدەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ ، ئاندىن بىسمىللا دەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەتكە تۇتۇنۇشىمىز كېرەك.)
ۋاكسىنا : بىخۇتلۇقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلىشىمىز. جەمئىيەتتىكى جىددىي مەسىلىگە جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز كېرەك. بىر كېسەل ئۆزىدىكى كېسەلگە ‹ساقىيىپ كېتەر› ياكى ‹بىر گەپ بولار› دەپ سەل قارىسا ئۇ ئېنىق ئېغىرلىشىدۇ.
جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇپ قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە قاراملىق قىلمايمىز. ئىشنى يوللۇق قىلىمىز. قىلماقچى بولغان چوڭ-چوڭ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلايمىز. مەسىلەن: مېنىڭ مۇشۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇنۇشۇممۇ چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىچىك ئىشىم. بۇ تېمىنى يەنىمۇ كۆپ ئادەمگە تەۋسىيە قىلىش سىزنىڭ قىلالايدىغان كىچىك ئىشىڭىز. ئەنە شۇنداق <كىچىك>لەر يىغىلىپ غايەت زور كۆچ ھاسىل قىلالايدىغىنىغا مەن چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
ۋاكسىنىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم ئەمدى ئالتە دورىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دورىنى جايى جايىدا ئىچىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. 5 چوڭ دورىمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى: روھى دورا . ئىككىنچىسى: جىسمانىي دورا
بىز بىرىنچى باسقۇچتا روھى دورىنى يېيىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئادەم روھىنى ساقايتمىسا جىسمىنى ساقايتىش خام خىيال بولۇپ قالىدۇ.
1. دورا- ئۆزىنى سۆيۈش : (روھى دورا)
ئۆزىدىن بىزار بولۇش چۈشكۈنلۈشۈش خىيالىدا ھەرگىز بولماسلىق.
چۈنكى: چۈشكۈنلىشىش ئېغىرلاشقانسىرى ئىشەنچ يوقىلىشقا باشلايدۇ ئاخىر ئادەم ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.(شۇنچە ۋاقىت باشقىلار بىلەن تەڭ-يېتىپ تەڭ قوپۇپ ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ باشقىلار داغدام يولدا ماڭسا بىز سىم تاناپنىڭ مىخنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ تۇرۇپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىدۇق. ئاللاھ بۇيرۇسا ئىرادە قىلساقلا قىيامەتكىچىمۇ ئۇلىشالايمىز.)بولۇپمۇ چۈشكۈنلۈك تەسىراتلىرىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلماسلىق. بىلسىڭىز بۇ بىر چوڭ جىنايەت. كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. «بىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق. مۇنداق بولۇپ كەتتۇق.» باش تېمىسىدىكى يازمىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
2. ئۆزىنى قەدىرلەش :
مەدەنىيەت ۋە تىل يېزىق مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ئۆزىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە ساقلىيالىغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر. ئۆزىنى ساقلاش مەسىلىسىدە بىلىدىغانلىرىمىز بىلمەيدىغانلىرىمىزنى يېتەكلىشىمىز. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھەممىمىز «مودا»غا كەتكەن كاللىمىزنى «مەدەنىيەت»كە ئاتىغان بولساق بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ئىدۇق. سىزنىڭ مۇدىغا چاپلاشقان ۋە مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر بىر ئېغىز گېپىڭىز ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەتنى بۇزۇشنى تەشۋىق قىلغىنىڭىز بولۇپ بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنىسىز.
3. ئۈمۈدۋار بولۇش :
كەلگۈسىگە يۈكسەك ئۈمىد بىلەن قارىشىمىز كېرەككى ھەرگىز بەل قويۇشقا بولمايدۇ. سىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزدىڭىز دېمەك ئۇنى يەنە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق بولۇپ قالىدۇ.
«ھاياتلىق گوياكى ئەينەك، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ» دېگەن ماقال تەمسىل بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ غەلىبىلەر ئاخىرقى تىنىقىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە مەنسۇپ بولغان.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق دورا جىسمانىي دورا.
4. قاتتىق تىرىشىش :
پۈتۈن كۈچ بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە ئاتلىنىش كېرەككى بۇ جەھەتتە ھەرقانداق بانا سەۋەبنىڭ كۆتىگە تېپىۋېتىشىمىز كېرەك. بىلىمسىزلىك قانچە ئېغىر بولسا بوزەك بولۇش شۇنچە ئېغىرلايدۇ.
بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسا ئومۇمىي گەۋدە كۈچىيىدۇ. بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئالىملىرىمىز بىزگە بۇنى توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يىتىش كېرەككى بىزنىڭ يەنە ئەزمىمىزنىڭ ئېزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشكە يولىمىز قالمىدى.
5. ئۆز-ئارا يېتەكلەش :
مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايۋاتقانلارنى، تېرىشىۋاتقانلار تېرىشمايۋاتقانلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئۆزىنىڭ غەلىبە قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىش.
بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار تەرەققىي قىلىپ بولغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. ئۇلار «ساغلام» كىشى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئومۇمىي گەۋدىنى كۈچلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەككى بېخىللىق بىلەن تەجرىبە ساۋاق ئىلىمىمىزنى باشقىلاردىن ئاياشقا بولمايدۇ. ئېقتىسادى قىممەت يارىتشنىڭلا كويىدا بولۇپ كەتسەك ئەپلەشمەس.
ئومۇمەن ئالدىدىكىلەر ئارقىدىكىلەرنى، ئارقىدىكىلەر يەنىمۇ ئارقىدىكىلەرنى يېتەكلەپ ماڭسا بىرلىكتە ئىلگىرىلىسە چوقۇم بىزدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.
يۇقىرىقى ئىشلار ھەممىسى بىر ئىنسان بولغۇچى قىلالايدىغان ئىشلار. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ھەممىمىز چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى بىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق. يەنى ئارتۇق ئەمەس ئۆزىمىزنىلا قۇتقۇزساق. ئەگەر راستىنىلا ھەممىمىز شۇنداق قىلساق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەختكە ئېرىشىشىمىزدە ئۈمىد زور. بىراق بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىزدە. ئەلۋەتتە ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ ساننى كۆپەيتەلەيمىز. قانۇنلۇق يول بىلەن توغرا يولدا كەڭ تەشۋىق قىلىش. ئۆزلەشتۈرگەنلىرىمىز ئەتراپتىكىلەرگە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەسىر قىلىش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. شۇڭا ئۈمىدىم ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى !


  مەنبە:قۇمۇل سەرۋەڭ تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 07:00 PM  


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 04:26:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، ئۇبدان چىقىپتۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 04:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر ....ھەقىقەتەن ياخىشى تىمىكەن

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .
Jaldur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 05:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92263
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 05:06:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ،تەشەككۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 05:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايئتى كۆڭلۈمدىكىدەك  گەپ قىپسىز ... مەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر مىللتىمىزنىڭ ئەيىبلىرىگە ئاھ ئۇرۇپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئولتۇرغاندا ، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن « مىللتىمىز ھامان ئەسلىنى تاپىدۇ !! » دەپ ۋارقىرىغۇم كىلىدۇ ، ھەم شۇنداقلا شۇنىڭغا چۇڭقۇر ئىشىنىمەن ...
ھەر ئككىمىز ئوخشاش بىر ئۇيغۇر قەۋىمىدىن بوپلا قالماستىن يەنە ئوخشاشلا بىر  ئۈمىدۋارلار قەبىلىسىدىن ئىكەنمىز ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 05:39:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ روھىمىز سىھىرلىۋىتىلگەن شۇڭا جىن چاپلىشىۋالغان بۇ روھىمىزنى دۇئاخانغا ئوقۇتۇپ ئالۋاستىلاردىن قۇتۇلۇشىمىز كىرەك .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
vincent + 10 گەپنىڭ ئىچىدە گەپ بار

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 05:42:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز! .........

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 06:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 07:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش