ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، ئۇزۇن بوپتۇ پايدىلىق دېتاللارنى يوللىمىغىلى، بۈگۈن مانا ئەمىسە دەپ بىر خورجۇندا لىق يۇمشاق دېتال ئەكەلدىم، لازىملىقلارنى تاللاپ قاچىلىۋىلىڭلار. بۇ يۇمشاق دېتاللار ئەسلى ئورگان مەنبەسىدىن تارقىتىلغان، ھېچقانداق ۋىرۇس ۋە يامان نىيەتلىك قىستۇرمىلار يوق، خاتىرجەم قاچىلىساڭلار بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال توپلىمى1بۇ توپلامدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توپلانغان، بىر كونۇپكا بىلەن قاچىلاش، بىر كونۇپكا بىلەن ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى بار، ناھايىتى قولايلىق.
سىغىمى 156مىگابايت
يۇمشاق دېتال توپلىمى2
بۇمۇ ھەم كۆپ لازىم بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار جەملەنگەن توپلام. ئۈستىدىكىسى بىلەن ئازراقلا پەرقلىنىدۇ، سىغىمى 338مىگابايت، ئىھتىياجقا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىڭلار
پومىشچىك ئويۇنى
يانفوندا jjپومىشچىك ئويۇنى ئوينايدىغانلارغا سوۋغا، پومىشچىك ئويۇنىنىڭ كومپىتيۇتېر نۇسخىسى، ئوخشاش تۈردىكى پومىشچىك ئويۇنلىرى ئىچىدە jjپومىشچىك ئويۇنى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كۆرۈنمە يۈزى لايىھەسى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتە ئەڭ نوچىسى مۇشۇ دەپ قارايمەن.
ئەقلى ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈ
مەزكۇر تور كۆرگۈنىڭ ئىقتىدارى گوگۇل كىروم تور كۆرگۈسىگە ئوخشىتىپ ياسالغان، شۇنداقلا بىخەتەرلىك ۋە سۈرئەت جەھەتتىمۇ خېلى ياخشى ھېسابلىنىدۇ. سوگۇ ۋە 360 تور كۆرگۈسىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئىلغار
تېڭشۈن غوجىدارى
سىستېما بىخەتەرلىكى دىتاللىرى ئىچىدە تېڭشۈن غوجىدارىمۇ خېلى بولۇپ قالىدىغان دېتال، ۋىرۇس تازلاش، ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك
يۇقىرى سۈرئەتلىك تور كۆرگۈ
يادروسىدىن زىيارەت سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن تور كۆرگۈ، بۇففىر ساقلاش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، تور سۈرئىتىم ئاستا دەپ قاقشايدىغانلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولالايدۇ.
يۇقىرى سۈپەتتە پىرىسلاش دېتالى
پىرىسلىغاندىن كېيىنكى سىغىمى ناھايىتى كىچىك چىقىدۇ، ھۆججەتلىرىڭىزنى رەتلەشتە بۇ دېتالنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
ماۋۇ دەرسلىكتە كۆرسەتكەندەك، 100مىگابايت سىغىمدىكى فىلىمنى 2مىگابايتقا چۈشۈرگىلى بولىدۇ، پىرىسلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى.
رەسىم كۆرۈش دېتالى
ھۆججەت قىسقۇچ بويىچە ئالبۇم قۇرۇش، رەسىملەرنى رەتلەش جەھەتتە بۇ دېتال ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
سوخۇ كىنوخانىسى
دۆلىتىمىزدىكى ئۇنىۋىرسال بېكەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا سانىلىدىغان سوخۇ تورى فىلىم قانىلىنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسى، فىلىملەرنىڭ سانى يوۋكۇ تورىدىن قېلىشمايدۇ، چاپاق ناچار فىلىملەر، ناچار ئېلانلار يوق. ئۇيغۇرچە فىلىملەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى يېڭى ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ قويۇش ھوقۇقىنى سوخۇ سېتىۋالسا مۇشۇ دېتالدا ئالدىن ئېلان قىلىدۇ. ئالاھىدە تەۋسىيە.
كۇگوۋ مۇزىكا قويغۇچ
ما دېتال ئۆزۈمنىڭ ئەرمىكى
مۇزىكا ئامبىرى ناھايىتى مول، ئىزدەش قولايلى، ئاۋازلىق ئىزدەش ئىقتىدارى بار، مەسىلەن سىز ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ ئىسقىرتىپ بەرسىڭىز شۇ ناخشىنى ئاداشماي تاپالايدۇ، ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، ھىندىچە ناخشىلارمۇ بار. يەنە بىر ئىقتىدارى ئۆز كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ناخشىلارنى ئەزا بولغاندىن كېيىن بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مۇزىكا ئامبىرىغا يۈكلىيەلەيسىز، توربەت نۇسخىسى ۋە يانفون نۇسخىسىمۇ بار، مۇزىكا قويغۇچلارنىڭ ئىچىدە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق
ئاق بۈركۈت ئاندىروئىد ئەپ دېتالى
ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىنىڭ ئاندىروئىد ئەپ دېتالى،
تەپسىلى چۈشەندۈرىلىشى مانا بۇ يەردە، ئەگەر مۇشۇنىڭدەك ئەپ دېتال ياساتماقچى بولسىڭىز مېنى ئىزدەڭ.
ئۇيغۇرۇم رادىيوسى ئاندىروئىد ئەپ دېتالى
قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى باشقۇرىشىدىكى تور رادىيوسى،
http://www.uradio.asia/ تور نۇسخىسى مانا بۇ ئادرېستا، ھەركۈنى يېڭى ناخشىلار ئاڭلىتىلىدۇ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.
قاراپ باقسام تۈگەپ قاپتۇ، قېنى تاللاپ چۈشۈرىۋىلىڭلار.