مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12635|ئىنكاس: 64

كېپەن ئوغرىسى7-قىسىم كروران مەلىكىسى ۋە مۇز تاغدىكى سىرلىق ئالۋاست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4137
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:41:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       كېپەن ئوغرىسى ۋە مۇز تاغدىكى سىرلىق ئالۋاستى   
      
       قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ،خوتەن نۇرانە يۇلتۇزى،مېھرى ئاتەش بۇ زىمىندا كۈنسايىن سۇسلىشىۋاتقان كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ -ئادەت ۋە باشقا مەدەنىيىتىمىز ئۆز خاسلىقىنى نامايەندە قىلىۋاتىدۇ،كوچا-رەستىلەردە ئوخشاش قارا كۈز،  قەلەم قاشلار، باشقا ئارلاشمىلار يوق دىيەرلىك بولۇپ ھەقىقى مىللي پۇراقنى ھېس قىلالايسىز...ئەنە شۇ گۈزەل يۇرتلانىڭ بىرى خوتەنگە چۈشكىلىمۇ يېرىم كۈندىن ئاشتى، ئىليار كېپەن << مۇزتاغقا چىقىش بىلەن يەر ئاستى قەبرىلەرگە كىرىش ئوخشىمايدۇ،شۇڭا بىز بىر تۈركۈم لازىمەتلىكلەرنى تەل قىلىشىمىز بولۇپمۇ قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ياخشى تەييارلىشىمىز كېرەك. ھازىر ھاۋا  سوغۇق بولمىسىمۇ مۇز تاغ بۇ يەرگە ئوخشىمايدۇ،كۈندە دېگۈدەك قار يىغىپ تۇرىدۇ ھاۋاسى بىر قەدەر سوغۇق،شۇڭا يېمەكلىك ۋە كىيىملەرنى ياخشى تەييارلىشىمىز لازىم>> دېگەنىدى. بىز بۇ پىكىرنى ئورۇنلۇق كۆردۇق،شۇڭا گورۇپپىلارغا بۆلىنىپ لازىمەتلىك تەييارلاشقا باشلىدۇق.
مەن ئوسمان داڭگال بىلەن قىشلىق چېدىر، خەرىتە، سۇ قاينىتىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىسپىرت  ۋە كىچىك ئوچاق، ھاۋاسى شالاڭ تاغدا ئىسلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قارا ئۈرۈك قېقى،كىروران مەلىكىسى ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم، (نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرى چىرىپ كەتكەن بۇلسا يۇلدا يالىڭاچ ئىلىپ ماڭغىلى بۇلمايدۇدە شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ بىر قۇر كىيىم ئىلىۋىلىشنى لايىق كۈردۇق) قاتارلىقلارنى  تەل قىلپ ياتاققا قايتىشتۇق،باشقىلارمۇ تولۇق كېلىپ بولغان ئىدى، لازىملىق بۇيۇملار ئاساسى جەھەتتىن تەل بولدى. كەچ كىرگۈچە قاراڭغۇ تاغقا يېتىپ بېرىۋالمىساق بولمايتى ،شۇڭا ئەتىسى ئەتىگەندىلا يولغا چىقتۇق. تاغ يولى يورۇڭقاش دەرياسنى بويلاپ ياسالغاچقا  بىرقەدەر تار ھەم يىلانسىمان  ئىدى.  تېز ماڭغىلى بولمىغاچقا بىز قاشتېشى يېزىسىغا يېتىپ كەلگۈچە چۈش بۇلۇپ كەتتى،بۇ يەر دە ئۇزۇن تۇرساق باشقىلارنىڭ دىقىتىنى تارتىپ قويمايلى دەپ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمىدۇق. موتسىلىت بىلەن كىرا قىلىدىغان تونۇشلارنى تېپىپ، موتسىكلىت بىلەن قاراڭغۇ تاغقا قاراپ ماڭدۇق. بۇ يوللاردا ماشىنا بىلەن مېڭىش مۇمكىن ئەمەس، پۈتۈنلەي ئېگىز-پەس تاغ يولى. نەچچە يۈز مېتىر ئگىزلىكتىكى تاغ يولىغا چىقىپ چۈشىدىغان گەپ. بەزى يوللارنىڭ كەڭلىكى يېرىم مېتىرمۇ كەلمەيدۇ. بىر تەرىپى تاغ، بىر تەرىپى چوڭقۇر ھاڭ. چۈشۈپ كەتسە جەسىتىنى تېپىشمۇ تەس. 50كلومېتىر ئەتراپىدىكى بۇ يولنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقتتا ماڭدۇق. موتسىكلىت كىراكەشلىرىگخمۇ قايىل بولدۇم. ئۇلار تار، ئەگرى بۈگرى خەتەرىك تاغ يولىدا ئىككىدىن ئادەمنى مىندۈرۈپ تەمتىرىمەي كتىپ باراتتى. بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇلارغا ئاپېرىن ئېيتماي تۇرالمايتى. ئۇلار موتسىكلىت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ قالسا چىمپىيون بولىشىدا گەپ يوق ئىكەن. بىر قاراڭغۇتاغقا يېتىپ كەلگەندە كەچ بولۇپ  كەتكەنىدى. ئەمدى مۇشۇ يەردە بىر كېچە تۈنىمەي ئامال يوق، بىزنى ئەكەلگەن موتسىكلىتچىلارنىڭ بىرىنىڭ  ئاكىسى مۇشۇ يەردە تۇرىدىكەن، ئۇ بىزنى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتتى. ئۆي ئىگىسى 40ياشلار چامىسىدا بولۇپ ئايالى ۋە بىر ئوغۇل، بىر قىى بىلەن تۇرىدىكەن. ئۇ بىزنى ناھايتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەن ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سورىدىم. ئۇ بۇ توغرىلىق ئانچە كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەيدىكەن، پەقەت بوۋىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بۇ يەردىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى تاغدىن ئالتۇن قازغىلى كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئىزدەپ بېرىپمۇ تاپالمىغانلىقىى، ئۆزىنىڭ كومىنا(مەدەنىيەت ئىنقىلابى -تەھرىر)ۋاقتىدا مۇز تاغقا چىقىپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل قاشتاشلارن يىغقانلىقىنى، كېيىن بۇ تاشلارنىڭ مۇسادىر قىلىنىپ ئۆزىنىڭ سازايى قىلىنغانلىقنى ئېيتىپ بەردى، بۇ يەرلىك كىشىلەر قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر ھەققىدە بىر نەرسە ىلىدىغاندەك قىلمايتى. شۇڭا ئارتۇقچە سوراپ ئولتۇرمىدۇق. ئەتىسى تەلىيىمىزگە ئۆي ئېگىسى مۇز تاغقا يېقىن جايغا قوتازلىرىنى كۆرگىلى چىقىدىكەن، ئۇ بىزگە يول باشلاپ ئېلىپ ماڭدى. بىز نەرسە كېرەكلىرىمىزنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، ئۆزىمىز ئىجارىگە ئالغان ئاتلارغا مىنىپ يولغا چىقدۇق.
  مۇز تاغقا بارغۇچە يوللار يەنىلا ئوخشاش تاغ يولى بولۇپ، بىر دەم ئېگىزگە، بىردەم پەسكە يامىشىپ، ماڭدۇق، ئات ئېشەكلەرنىڭ مېڭىشى ناھايتى ئاستا ئىدى. بىللە مېڭۋاتقان بۇ سەپەرداشلار بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلسا قانداقتۇر بىرەر مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالىدىغاندەك قەتئى ئارتۇق سۆز-ھەرىكەت قىلميتى. پەقەت مۇنۇ ئوسمان داڭگال ئېشەككە مىنىپ ئولتۇرۇپ ئاز تولا قىززىقچىلىق قىلىپ گەپ قىلاتتى، شۇنچە قىلسمۇ باشقىلار كۈلۈپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىغاچقا ئۇمۇ توختاپ قېلىپ يەەن داڭگال غاجاپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا ھەيران بولۇپ سورىدىم :
-ئوسمان داڭگال، سەن بۇ غاجاقچىلىك كېسىلىڭنى قاچان يۇقتۇرىۋالغان ئىدىڭ؟ بىكار بولساڭلا داڭگال غاجايدىكەنسە، چوڭ تەرەت قىلساڭ ئۈچەيلىرىڭ يېرىلىپ، پوق كەپلىشىپ قالمامدۇ؟
   بۇ گەپ بىلەن كۈلگە كۆتۈرۈلدى. ئوسمان داڭگاك:
-سىلەرگە دېسەم مېنىڭ بۇ داڭگال يەيدىغان ئىشىم بوۋامدىن مىراس قالغان، بوۋامغىمۇ ئۇنىڭ بوۋىسىدىن مىراس قاپتىكەنىش. شۇڭىمىكىن مەن ئەقلىمنى بىلسەم داڭگال غاجايدىكەنمەن، پەقەتلا ياشلىيالمىدىم.  
  ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن باشقىلارنىڭمۇ ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى. مەن مۇشۇ باھانىدە باشقلارنى گەپكە سېلىپ ئاز تۇلا ئۇچۇر بىمەكچى بولۇپ شۇنچە قىلساممۇ ئۇلار بىلىۋالغاندەك يەنە جىمىپ قېلىشتى. ئۇلار شۇنداق قىلغانسىرى بۇ كىشىلەر ماڭا تېخىمۇ سىرلىق، خەتەرلىك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئېلىيار كېپەن، ئەخمەت شاھ، قۇدۇس داڭقان، ئاينۇرلار نېمە مەقسەتتىكى قانداق كىشىلەردۇ؟ بۇلارنىڭ تېگى-تەكتى قانداق؟ ئوسمان داڭگال بىلەن مېھرايچۇ؟ بۇلارنىڭ مەقسىدى نېمە؟ بەختىيار بودەك نەدىدۇ؟ مېنىڭچە ئۇمۇ قەبرىدىن يېنىپ چىقتى. بەلكىم بىزگە ئەگىشىپ كەينىمىدىن كېلىۋاتامدۇ تېخى. بولدىلا ئارتۇق خىيال قىلماي، بۇ ئىشلارنىڭ ھامان برى كۈنى جاۋابى چىقىدۇ. ھازىر پەقەت ۋاقت مەسىلىسى... ئۆي ئىگىسىنىڭ گەپلىرى خىياللىرىمنى ئۈزىۋەتتى:
- مەن سىلەرنى مۇشۇ يەرگىچە ئەكىلىپ قويالايمەن، بولمىسا ئۆيگە قايتقۇچە كەچ قالىمەن، ئەمدى پىيادە قالىدىغان بولدۇڭلار، ئات-ئۇلاغلارنى مۇشۇ يايلاققا قويۇۋەتمىسەم بولمايدۇ. سىلەر قايتىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە ئوتلاپ تۇرسۇن. سىلەر بۇ يولنى بويلاپ يەنە ئوننەچچە چاقىرىم ماڭساڭلار مۇز تاغقا يېتىپ بارىسىلەر دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى.
بىر كۈندىن ئارتۇق ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بەكلا چارچاپ كەتكەچكىمىكىن لازىملىقلارنى پىياردە كۆتۈرۈپ مېڭىش راستىنلا ئېغى ركېلىۋاتاتتى. لېكىن ماڭماي ئامال يوقتە. ئېغىر قەدەملەر بىلەن يولنى داۋاملاشتۇردۇق، راست گەپنى قىلسام پىيادە يول مېڭىشتىن ئانچە زېرىكمەيتىم، بۈگۈن راستىنلا ئىچىم پۇشتى ئوننەچچە چاقىرىملىق بۇ يول نەچچە يىللىق يولدەك بىلىنىپ كەتتى، قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغانا مۇز تاغقا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەر خېلىلا سوغۇق ئۇنىڭ ئۈستىگەقار يغىۋاتاتتى. بىز كەچكى قونالغۇ ئۈچۈن چېدىر تىكىشكە باشلىدۇق. ئەپلىك بىر يەرنى تللاپ ئىككى چېدىرنى بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىقتۇق. ئېلىۋالغان ئىسپىرىت ئوچاق ئۈنىمىنى كۆرسىتىپ ناچار شارائىتتىمۇ قايناقسۇ ئىچىشكە نىسىب بولدى. قايناقسۇ ئىچكەچ ئارام ئالدۇق.
تەلىيىمىزگە بۈگۈن ھاۋا خېلى يامان ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇششاق قار توختاپ كۈن چىقتى. بىز بەكلا خۇشال، ھاۋا مۇشۇنداق ياخشى بولۇپ بەرسە ئىشلىرىمىز ئاسانغا توختايتى. شۇڭا بىز ئەتىگەندىلا مۇز تاغنىڭ باشقا جايلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتۇق. كۈندۈزى بۇ ئەتراپنى ياخشى بىلىۋالغاندىلا ئاخشىمى قاشتېشى ئودا نۇر تارقاتقاندا ئۇنى تېپىشىمىز ئاسانغا توختايتى. بىز ئاز تولا يېمەكلىك ئېلىپ، كۆزىتىشكە يول ئالدۇق. ئېقىننى بويلاپ مېڭىپ ئاخىرى چوڭ بىىر مۇزلۇققا يېتىپ كەلدۇق. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن چەكسىزلىكى بۇ يەردىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ نامايان بولۇپ تۇراتتى. نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان مۇشۇ زىمىندىكى نەچچە مىلىيون خەلقنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيى مۇز تاغنىڭ ئاستىدىن ئېتىلىپ چىقاتتى. ئەگەر مۇزلار ئېرىپ سۇغا ئايلىنىپ كېلىدىغان ئىش بولسا مېنىڭچە بۇ مۇزلار ئاللاقاچان بۇ يەردىن يوقالغان بۇلاتتى. ئاللاھ ئىگەم مۇز تاغلارنى سەۋەب قىلىپ بۇ زىمىننى سۇ بىلەن تەمىنلەپتۇ. بۇ يەردە نەچچە كۈنلا ياز بولىدىكەن، شۇنداق كۈنلەردىلا بۇ مۇزلار ئېرىپ دەرياغا قوشۇلۇپ ئاققۇدەك، باشقا ۋاقتلردا بۇ مۇمكىندەك قىلمايتى. بۇ بۇيەردىن يېنىپ يەنە بىر تەرەپقا قاراپ يول ئالدۇق. مېڭىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يەر بىزنى قارشى ئالمىغاندەك ھاۋادا ئۆزگىرىش بولۇپ بىر دمدىلا پۈتۈن ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ كەتى. مەن باشقىلاردىن خېلىلا يىراقلاپ قاغانىدىم. شۇڭا دەرھال كەينىمگە ياندىم،-دە ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ئەمدىلىكتە تۇمان بارغانسېرى كۈچىيىپ كۆرۈش دائىرىسى بىر مېتىرغىمۇ يەتمىدى. مەن كەلگەن يولغا ئەمەس، باشقا بىر جايغا كېلىپ قالغاندەك قىلاتتىم. بۇ يە بايام بىز ماڭغان يول ئەمەس ئىدى. پۈتۈنلەي چوڭ قۇرام تاشلار بىلەن قاپلاپ كەتكەنىدى. كەلگەن يول بىلەن قايتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، بۇ يەردە ئوكسىگىن قىس بولغاچقا نەپەس ئېلىشىم قىيىنلىشىپ بېشىم ئاغرىشقا باشلىدى. دەرھال يېنىمغا ئېلىۋالغان قارا ئۈرۈ قېقىدىن بىر نەچچىنى يەۋالدىم. قىززىق ئىش، مەن مېڭىپ يەنە شۇ چوڭ تاشلىققا كېلىپ قالدىم. بۇنىڭغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەي، ھېلىقى چوڭ تاشقا بەلگە قويۇپ قويۇپ يەنە ماڭدىم، شۇنچە مېڭىپمۇ يەن شۇ چوڭ تاشلىققا كېلىپ قالدىم. شۇنچە مېڭىپمۇ يەنە جايىمغا كېلىپ قالغىنىمغا ئىشەنمەي دېسەم بايا مەن قويۇپ قويغان بەلگە<<مانامەن>> دەپ قاراپ تۇراتتى. <<بۇ يەدە بىر ئېزىتقۇ بارمۇ نېم؟>> بۇنداق ئىشلارغا قۇملۇقتا ئۇچراپ باققان، لېكىن تاغلاردىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئەمدىلىكتە پۇت قوللىرىم بېشىم بىلەن قوشۇلۇپ ئاغرىپ يول مېڭىش تېخىمۇ قىيىنلىىشپ كەتتى.  بىر اشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردۇم. ئەمدى تۇماننىڭ تارقىلىشىنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. نەپەس ئېلىشمۇ قىيىنغا چۈشۈۋاتقاچقا قارائۈرۈك قېقىنى توختىماي يېيىشكە باشلىدىم. ئەلۋەتتە مېنىڭ مەلىكىگە ئوخشاش ئۆچەككە كىرىپ نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن تىرىلىپ ياشايدىغان ئىمتىياز، شارائىتىم يوق، ئۆزۈم قاشتېشى ئوردىدا ئەمەس، تاشلىق مۇز تاغدا ئىدىم، بۇ يەردە يېتىپ قالسام قۇرت قوڭغۇزلارنىڭ ناشتىلىقى بولىشىم ئېىق...تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا بىر قارا گەۋدە كۆرۈپ ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ئۇ مەندىن بىر مېتىر يىراقتىنلا ماڭا قاراپ تۇراتتى.  بۇ يەردە راستىنلا ئالۋاستى باركەندە... شۇڭا يولىنى تېپىپ قايتالماپتىمەن، بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرغلۇق ئەمدى... ئۆزۈم يالغۇز تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايا تولا يول مېڭىپ چارچاپ كەتتىم، بەرىبىر قېچىپ كېتەلمەيمەن، شۇڭا مىدىرلىماي جىم تۇراي. ئۇ مەخلۇقمۇ مىدىرلىماي تۇرغانغا قارىغاندا مەندىن ئەنسىرىگەن گەپ. تۇيۇقسىز كاللامغا برى ئەقىل كەلدى. تېلېفونىمدا ئوسمان داڭگال يوللاپ بەرگەن ناھايتى قورقىنىشلىق بىر ئااز بار ئىدى، شۇنى يۇقىرى ئاۋازدا قويسام  بۇ مەخلۇق پەرق ئېتەلمەي مېنىڭ ئاۋازىم ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ قاچامدۇ تېخى... شۇنداق ئويلاپ تېلېفونىمنى ئالدىمدە ھېلىقى ئاۋازنى قويدۇم. ئاۋاز ھەقىقەتەن قورقىنىشلىق ئىدى. ئاناڭنى... لېكىن مەن ئويلىغان بولماي قالدى. ئەھۋال چاتاق، بۇ كاساپەتنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئالدىمغا قاراپ كەلدى. كەينىمدە چوڭ بىر تاش بار ئىدى. مەن قاپسىلىپ قالدىم.

.تەھرىردىن: ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ،ئې،ئى... قاتالىقلانى ئورنىغا قاراپ ئىشلىتىڭ ئېنىقلىغۇچى پېئىللارنى ئورۇنسىز ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. پىرسوناژ سۆزلىرىنى ئايرىپ يېزىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 01:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 08:48:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ماڭا ئەجەپ تاققۇ تۇققۇ بىلىندىيا ؟
  قەشقەر دەپ باشلاپ خوتەنگە كىتىدىكەن ، ئاندىن كىيىن يۇرۇڭقاشقا بىرىپتۇ ، خوتەندە كىرورەن گۇزىلى بارمىكەن ؟بۇ ھىكايىمۇ ؟ پوۋسىتمۇ ؟ئوچىرىكمۇ ؟ ئەدەبىي خاتىرەمۇ ؟
  كىرورەن گۇزىلىنى يەرنىڭ تىگىگە كۆممەي تاققا ئىلىپ چىقىپ كۆمەپتىكەنما ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4137
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 09:01:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulak يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 08:48 PM
بۇ ئەسەر ماڭا ئەجەپ تاققۇ تۇققۇ بىلىندىيا ؟
  قەشقەر دە ...

بىرىنجى قىسمىدىن باشلاپ كۈرسىڭىز ئاندىن چۈشىنىسىز

111

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9951
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5526 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 09:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۇگدىغۇ يەنە 3-4 كۇن ساقلايدىكەنمىزدە

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98757
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5631
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2013-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەچچېنجى قىسمى،شۇندااق قىزقىپ قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 9207 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 11:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئوقۇۋاتسام، تۈگەپ قالدى دىسە..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 11:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى ئۇندىداردىمۇ بەك ئاڭلاپ كەتتىم ؛ېكىن ئۇقۇشقا جۇرئەت قىلامىدىم

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 11:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسنى توپلاپ  بىريەرگە يىغىپ قويساڭلا بولمامدۇ مەنمۇ نەچچە قىسمىنى ئۇقۇياممىدىم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش