مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14961|ئىنكاس: 44

تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 05:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان

تاشپولات روزى

Rishat 1.jpg



تېببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھان – خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن  ئۇلۇغ ئالىمىمىز، ئابباس بورھان ئەپەندى ھەم مارىيە ئابلىز ھەدىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئابباس بورھان ئاكا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-تېخنىكا، پەن-مەدەنىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى. رىشاتنىڭ ئاپىسى مارىيە ھەدە مەن ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئاغرىپ قالساقلا مارىيە ھەدىنى ئىزدەپ تاپاتتۇق. مارىيە ھەدە شۇنچىلىك كىچىك پېئىل كۆيۈمچان دوختۇر بولغاچقا مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلىرى مارىيە ھەدىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بەختكە قارىشى ئالىمىمىز ئابباس ئاكا ھەم مارىيە ھەدە بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

Abbas aka.jpg


ئابباس بۇرھان ئاكا شىنجاڭ مەدەنىيەت ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە

دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ تېببىي دورا تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى – Pfizer دە راك ۋە باشقا كېسەللىرى دورا تەتقىقات تارمىقىنىڭ باش يېتەكچى (Lead Clinical Pharmacologist/Principle Investigator) تەتقىقاتچىسى ۋە كلىنىكىلىق دورىشۇناسلىق تارمىقىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا (2004-يىلىدىن ھازىرغىچە). رىشات ئابباس بورھان 1989- يىلى ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، 1994- يىلى ئوھىو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا  (The Ohio State Unwersiti, Columbus, OH, USA) تېببىي دورىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بىلىشىمچە رىشات ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ۋە تەبىئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا (Wright-Patterson Air Force Base, Dayton, OH, USA) دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكادىكى تېببىي دورا تەتقىقات خىزمەت ھاياتىدا، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا، خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ئىدارىلىرىدە يېڭى دورىلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە زور ئۈنۈملۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىدە بولغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن.

Rishat Abbas - America Tibbi Dora Tetqiqat Alimilir Birleshmisining Conferenc da.JPG



رىشات ئابباس بورھان يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش، ئىستېمال قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى كلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلىرىدە، داۋاملىق مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: راك كېسەللىكىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورا - Tarceva (Erlotinib) ۋە Bosulif (Bosutinib)، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورىلار- PLETAL، نېرۋا كېسەللىرىگە دەۋا - Abilify، ھەمدە دىابەتەس كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان دورا - ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىدىغان Insulin (ھازىر تېخى تەتقىقات ۋە مۇقىملىشىش باسقۇچىدا) لارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ھازىرغا قەدەر ئۇ، 135 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلەرنى خەلقئارا تېببىي دورا تەتقىقات ژۇرناللاردا ۋە خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات يىغىنلاردا ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە دورا ئىلمىگە ئائىت كىتابلارنىڭ بابلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ تېببىي دورا تەتقىقات ساھەسىدە يەنە 2 پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

Rishat Abbas with his scientist colleagues at US Air Force-Navy-Army Tri-Service.jpeg


دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۇرغۇن قېتىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىرىغا سازاۋەر بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1996- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (the U.S. Department of Defense) تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن "پەن ۋە تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى" (Science and Technology Achievement Award)، 1996- يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە باش ئىشتابىدىن (the U.S. Department of Air Force) بېرىلگەن "پەن-تەتقىقات نەتىجە مۇكاپاتى" (Scientific Achievement Award) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىكتۇر. بىر پارچە ماقالىسى 1999-يىلى "زەھەرلىك ماددىلار ئىلمى جەمئىيىتى" (Society of Toxicology) تەرىپىدىن "مۇنەۋۋەر ئەسەر" بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى خەلقئارا دىئابىت كېسىلى تېخنىكىلىق يىغىنىدا يەنە بىر پارچە ماقالىسى "ئەڭ ياخشى مەزمۇنلۇق ماقالە" بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى ئۇنىڭ كۆكرەك راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى "پەۋقۇلئاددە ئىجادچانلىققا ئىگە نەتىجە" مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا قوشقان زور تۆھپىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا يەنە 2009-يىلى، قان راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى بۇ ساھەگە قوشقان تەتقىقات تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن "يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلەرنى ئېتىراپ قىلىش" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

Rishat Abbas at work.JPG


بىز ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر يېقىندا دوكتور رىشات ئابباسنىڭ 2013-يىلدىكى بىر ماقالىسى “دۇنيا بىو-مەدىتسىنا ئالدىنقى سەپى” (World Biomedical Frontiers) ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە San Diego تا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمى دوكلات يىغىنىدا (the 10th Annual Lysosomal Disease Network World Symposium, February 10-13, 2014, San Diego, California)  ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.  رىشات ئابباسنىڭ بۇ ياراتقان نەتىجىلىرى ئۇنۇڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكى ۋە كېچە كۈندۈز ھارماي تالماي تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەن رىشات ئابباسنىڭ بۇندىن كېيىن كەسپىدە تېخىمۇ زۆر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

Rishat hem men.jpg


بۇلتۇر يازدا ۋاشىنگتون DC غا بارغان ۋاقتىمدا تارتىلغان رەسىم.

دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە بوستوندا ياشايدىغان ئىنىمىز – قەيسەر مىجىت نەچچە يىللار ئىلگىرى “تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم” ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھاياجانلىق ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز!

http://kitaphumar.com/?p=295

ئاخىرىدا بۇ تېمىنى تەھرىرلەپ بەرگەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز بىلگەجان ئۇكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 05:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11430
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 05:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە ئىكەن . تېنى سالامەت ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92788
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1092
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 05:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئالىملىرمىز تىخمۇ زور شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ دۇنيا جامائىتگە ئۇيغۇرنىڭ قانداق خەق ئىكەنلكىڭنى تۇنتۇپ قويشىغا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن .سىلەردەك ئالىملىرمىزنىڭ كەسپى جەھەتتىلا چەكلىنىپ قالماي ئۇيغۇر ئۇچۇن تىنماي قوشۋاتقان توھپەڭلارغا باركاللا ئاكلا .شۇنچە يىراق يۇرۇتتا تۇرۇپمۇ ئۇيغۇر ئۇچۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجىرتىپ ھاياجانلىق خەۋەرلەر بىلەن تەمن ئىتۋاتقان قوللىرىڭلارغا ،قەدمىڭلارغا تىخمۇ كاتتا شەرەپلەر قونسۇن.شۇ تاپتا ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مەمنۇنلۇق تۇيغۇسدىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103263
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 05:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزدىن چەكسىز سۆيۈنىمىز ،مىللەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپەڭلارغا چۇڭقۇر تەشەككۇر .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 05:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزدىن چەكسىز سۆيۈنىمىز،ئاللاھ ئىشىلىرىنى ئۇڭۇشلۇق قىلىپ بەرسۇن!ئامىن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەر قىتىم چەتئەلدە شان-شەرەپ قۇچۇۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندا بەكلا سۆيۇنىمەن. ئۇلار بىزنىڭ مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتقۇسى.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:18:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ ، كاتتا شان - شەرەپلەرگە ئىگە بولۇشىنى ، تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34707
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3919
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2011-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:21:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق يار بولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
quxtikiakku يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 06:15 PM
مەن ھەر قىتىم چەتئەلدە شان-شەرەپ قۇچۇۋاتقان ئالىملىرى ...

مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ھىسياتتا. مەن بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. تاشپولات ئاكىمىزنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىلۋالدىم، رەھمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۈزۈن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش