مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 11

20-ئەسىرنىڭ قىممەتلىك مىراسى---« ئارىفنامە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 08:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




20-ئەسىرنىڭ قىممەتلىك مىراسى---« ئارىفنامە»




12.jpg




ئەلمىساقتىن قەدىرى يوقتۇر ياندا بارى، كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى.

                                       

                                                                        -----   ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلى





تارىخ ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت. ئۇتالاي "يىللار" بېتىدىن پۈتۈلگەن، چوڭ ھەجىملىك قامۇس. ئۇ ئۈزىنىڭ ھەر بىر بەت، ھەر بىر قۇرلىرىغا پۈتمەس تارىخى خاتېرىلەرنى ئويما ئارقىلىق ئۇيىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈرۈپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس. بىز پەقەت ئۇنى باھانىلار ئارقىلىق ئۈستىگە پەردە تارتىمىز، ئەمما ئۇنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيمىز. چۈنكى ئۇ شۇنداق مۇقەددەس.


مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، 21-ئەسىرگە كىرىپ، تەمتىرەپ يۈرۈپ چارەك يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولدۇق. يىڭى دەۋىر بىزنى يىڭىچە ئۇسۇل بىلەن كۈتىۋالدى. ھەممىمىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە، بۇ دەۋىردىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇلۇپ كەتتۇق، 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى شۇ يىللاردا بۇلۇپ ئۆتكەن شۇ ئىشلار ئۆز پېتىچە قېلىۋەردى. ئەمما، 20 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىز ئۈچۈن بۇرۇلۇش بولغان مۇھىم ۋاقىتلار ئىدى. بىز شۇ يىللاردىكى ئۇتۇقلارنى يەكۈنلەپ، خاتالىقلاردىن تەجىرىبە يەكۈنلەپ بۇ دەۋىرگە ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى، بىز ئۈچۈن ئۇ دەۋىرلەردە چوقۇم بىلمىسەك، ئالەمشۇمۇل نەتىجىللىرىنى تەتقىق قىلمىساق، قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ قىممەتلىك مىراسلىرىنى كاندىن قېزىپ چىقارمىساق بولمايدىغان بىر شەخىس بار ئىدى. ئۇ دەل بىزنىڭ پەخرىمىز، ئالىم پەيلاسوپ شائىر -- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئىدى.


بىزدە ئىلىم-ھېكمەتنى قەدىرلەيدىغان،ئىلىم-ھەقىقەتلەرنى تارقىتىشنى،قېزىش نى مۇقەددەس بىلدىغانلارنىڭ سانى ئۇمۇمىي خەلىقنىڭ ئاز نىسپىتىنى ئىگەللىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان ئالىم-تەتقىقاتچىلارنىڭ، مىللىتىمىزنى ئۆزىگە ۋە دۇنياغا تۇنۇشتۇردىغان ئەدىب-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتى يەنىلا كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەيىنى دەۋىرلەردە كوماراجىۋا،ئاتساڭ،فارابى،ئىبىن سىنا،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرى،لۇتفى،نەۋائى..كەبى بۈيۈك زاتلار مەيدانغا كېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە چاڭقىغان قەلبگە مەلھەم بولغان بولسا،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار- نىڭ ئىزىنى باسقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجدىھات بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شۇ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخى نى قەلەمگە ئېلىپ ئۆلمەسلىك ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ جەھەتتە ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ئىجادىي تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولدى.

بىراق كۆپىلىگەن كىشىللىرىمىز ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئىجادىي ئەجىر-تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسى تازا يېتەرلىك بولمىدى.ئۇ بىر قىسىم ئىجادىيەتچىللىرىمىزدەك ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش،قىلغان ئازغىنە ئەمگىكىدىن ماختىنىپ كىرىلىپ يۈرۈش،ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇشتەك خاھىشلار دىن مۇستەسنا بولۇپ،مىنۇت سېكىنوت ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلىك بىلىپ ئىجادىيەت ئۈستىلىدىن باش كۈتۈرمىگەن بولغاچقا چەكلىك ھاياتىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ مول تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىزلەرگە «مىراس » سۈپتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە يۈزەكى بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇش،ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىجادىي ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش،ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇش كېرەك.ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى بىلمەي،ئۇنى تۇنۇماي ئۇنىڭغا ئادىل باھا قۇيۇلمايمىز.

لېكىن،«ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى،كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزار رى دېگەندەك،ئالىم ھايات ۋاقتىدا خەلىق تەرىپىدىن ھۆرمەتلەشكە،ئۇلۇغلاشقا ئىرىشمىدى. ئەكىسچە،خەلق تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى،كۆزگە ئېلىنمىدى. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە بىزگە تۇنجى بۇلۇپ رۇبائىيلار توپلىمى تەقدىم قىلسا،بىز ھەسەت قىلىپ زەھەرلىك بىلەن «ياخشى رۇبائىيدىن ئادەم پەقەت ئۆمرىدە بىرنى يازالايدۇ» دەپ كەمسىتتۇق. قاتلام نەزىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا،ئىلمىي رەدىيە بەرمەستىن چەت ئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بولغان دەپ كەمسىتتۇق.تارىخ،پەلسەپە،ئېستىتىكا،تەتقىقاتى ۋە شېئىر نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇنلانسا،تومتوم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا:«بۇ ئادەم ھەممە ساھاگە چېتىۋالماي،بىرلا ئىشنى قىلسا بۇلاتتى» دەپ ئەخمەقلارچە ئەقىل كۆرسەتتۇق.............جەمىئەتتە بىرەر يامان گەپ تارقالسا،ئۇنى دەرھال شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق.ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلىشىپ يازالمايدىغان تۇتۇپ ئۇنى يەنىلا سۆكتۇق....شۇنى بىلشىمىز كېرەككى،ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاپتۇبۇسقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنگە قەدەر بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى ئاپتۇبوسقا ئىتتۈردۇق.دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ،يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ كۆرگەن كۈزنىنى ھارام قىلىپ،تۇغۇلغىنىغا تويغۇزۇپ ئۇنى باقىي دۇنياغا يولغا سېلىپ قويدۇق..!!!!!!!!!!!!

ئۇ كەتتى،مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى!! ئۇ 20-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىكى يىتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى. ئەگەر ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن روس،گېرمان،ئىنگىلىز، قازاق، خەنزۇ، قازاق. ..بۇلۇپ قالغان بولسا بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ ئەكسىنى كۆرگەن بولاتتى!! قالتىس قەدەرلەنگەن بولاتتى...ئۇنىڭ كاللىسى،ئىدىيىسى،ئېڭى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 50 يىل ئاتىپ ئالغا كەتكەن ئىدى.



ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەت بازىرىغا تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە مەرىپەتۋەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ داسىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالى، ئانىسى ھەمراخان ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.ئۇ شۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇرۇمچىگە باردى.7 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇرۇمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىدى.1944-يىلى تۈرمىدىن قاچقان ئاتىسى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.ئۇ بۇ چاغدا ئاران 12 ياش ئىدى. سەپەر جەريانىدا تارىم ساھىلىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئانا خەلقىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى،تۇرمۇشى،مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى بىلەن ئۇچراشتى.سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن خاتىرلەرنى قالدۇردى،

ئالىم كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىنىشكە،بىلىم ئىگەللەشكە ماھىر ۋە ھېرىسمەن بولغاچقا مەيلى باشلانغۇچ،مەيلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىدا بولسۇن،مەيلى ئالىي مەكتەپلەردىكى ياشلىق چاغلىرىدا بولسۇن،ئۈگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى،زېھىن قابىليىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئەلا ئۇقۇپ ئالاھىدە ئىستىقباللىق ۋە تالانىتلىق ئوقۇغۇچى سۈپتىدە ئالقىشقا ئىرىشىتى. 1950 –يىلى 17 يېشىدا شىنجاڭ بۇيىچە ئەلا ئۇقۇغۇچى بولۇپ غەربىي شىمال ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە زىيارەتتە بولدى،شۇ يىلى سابىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئو-خېمىيە فاكولتىتىغا ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلدى. 1953-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز مەكتىپىگە ئېلىپ قېلىندى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ دەل 20 ياشتا ئىدى. 1953-يىلدىن 1955- يىلغىچە ئالىم شىئەندىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانىتلىق بۆلىمىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىلىپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇردى.

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاسپىرانىتلىق ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ئۇنۋېرسىتىتىگە يېنىپ كىلىپ ئۇقۇتۇش،ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ يۈكسەك ئىلمىي روھ،زور جاسارەت بىلەن ئىشلىدى.1955-يىلدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ قۇشۇمچە مەسئۇلى بولدى.ئالىم ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇرلارنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى» دېگەن ماقالىسىنى يازدى. ئەپسۇس شۇ ماقالىسى تۈپەيلىدىن 1959-يىلدىن 1979-يىلغىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن ساقمۇ ساق 20 يىل ئايرىلىپ قالدى.ھەرخىل ئاچچىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.ھايۋان كەبى مۇئامىلىگە تالاي قېتىم ئۇچرىدى. بۇ ئارلىقتا 1962-يىلدىن 1966-يىلغىچە بولغان 4 يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئىشلىگەن چاغلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈرسەت بولدى.

1979-يىلى ئالىم ئۈچۈن ئىكككىنچى تۇغۇلۇش بولدى.ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ 20 يىللىق ئىسكەنجىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدى. ۋە تىل ئەدەبىيات فاكولتوتىغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇمۇمىي ئىستىتىكا»،« ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىئولوگىيە تارىخى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتتى.ۋە دەرىسلىك كىتابىنى تۈزدى،

ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈزىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىپ كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىگەللىگەن بولغاچقا ئۇنىڭ تەتىقىقات دائىرىسى پەلسەپە،لوگىكا،ئىستىتىكا،تىل.ئەدەبىيات،سەنئەت،تارىخ،مىللەتشۇناشلىق جەمىيەت شۇناشلىق،ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناشلىقى،تۈركولوگىيە،ئارخىلوگىيە،ئېتنوگىرافىيە، دىنشۇناشلىق،تىبابەتشۇناشلىق………قاتارلىق دائىرىگە چېتىلىدۇ.

ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى تۈرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيىتتە پەلەك بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى. 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتتا ئالىم ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە قولىدا قەلەم تۇتقان ھالدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. بۇ چاغدا ئۇ 62 ياشتا ئىدى. رەھىمسىز تەقدىر ئاخىرى بىنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى،ئۇ بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ،ئاخىرەتە سەپەر قىلدى.


7.jpg


6.jpg

4.jpg
3.jpg
2.jpg




ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 20 پارچىگە يېقىن كىتاب،200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە،500 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك نەسىر،200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،بىر كىنو سىنارىيىسى ئىشلىدى.باشقا تىللاردىن بىرقانچە كىتاب ۋە كۆپلىگە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى تۈرلۈك ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزدى.35 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۈچ پارچە كىتابى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.ئىككى پارچە كىتابى ۋە ئىلمىي ماقالىسى مۇكاپاتلاندى.نۇرغۇن ئەسەرلىرى ياپونىيە،قىرغىزىستان،مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.

ئالىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1948-يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قېلىنغان «كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ،« شەيدائى». «قۇزۇن » «گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» دېگەن تەخەللۇسلاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغاچقا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى. لېكىن نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدى. ئۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدە ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ« كېسىلگەن قۇلاق»،« زۇلۇم ئوچىقى»،«ئاق خالات»،

«كېچىككىنە ئاسىگۈل»،«نىلوپەر»،«تاش پەرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئارسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلنىپ ئون نەچچە ئوبزور يازدى. «روبائىيات»( ئىككى قىسىم)،« قارلىق تاغ شەجەرىسى»(تارىخى قىسسە)، «چوغلۇق» ( شېئىرلار توپلىمى)،«كوماراجىۋا»(كىنو سىنارىيىسى) «تاش  پەرى» (ھېكايە)،«سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى» (نەسىرلار توپلىمى) «سۇكۇنات»،

« تۇپراقنىڭ مونولوگى»،«تەبەسسۇم» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.

  ئۇ يەنە «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىس)،«غەزەلىيات» (غەزەللەر توپلىمى)، «باھارىيات» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئاق تۇز» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئىزگۈ مەلىكىسى»  (ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە)،«شېرىن ۋە سېرىن» (شېئىرلار توپلىمى) «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» ( تەرجىمال)، «ئوردىدا باھار»،«پىلە مەلىكىسى»،«مەلىكە گۈليۈز»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسقان قىلىچ»،«مۇھەببەت يىغلايدۇ» قاتارلىق تارىخى تىپتىكى دىرامما،شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ،ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپىق بولالمىدى، «فارابى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى.

يۇقىرىدا كۈرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئېلمىي تەتقىقات ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق كۆپ دائىرىگە چېتىلدىغان بولۇپ،ئۇمۇمەن بىرقانچە تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.

،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى

2.ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخى تەتقىقاتى

3.ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتى

4.ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى

5.غەربىي يۇرت تاشكېمىر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى

6. ئىستىكا(گۈزەللىك) ئىلمى تەتقىقاتى

7.ئۇيغۇرلار روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتى

8.يىپەك يولى تەتقىقاتى

9.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخى تەتقىقاتى

10.قەدىمىي مەركىزى( تۇران تارىخى) ئاسىيا تەتقىقاتى


n.jpg

m.jpg
l.jpg
h.jpg
g.jpg
f.jpg
e.jpg
d.jpg
c.jpg
p.jpg



ئالىم ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەينى كەينىدىن نەشىر قىلنىپ، كەڭ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن كۈرۈشۈپ. ئالىم ئابدۈشۈكۈرنىڭ ئىجادىيەت ئەمگىكى كەڭ خەلق ئاممىسنىىڭ بۇرۇنقى خاتا تۇنۇشلىرىنى ئۆزگەرىتتى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن قىزغىن  سۈيۈپ ئۇقۇلدى. تا 2002- يىلنىڭ ئاخىرى نەشىر قىلىنغا ئائىلە ناملىق كىتابىغا قەدەر 14 كىتابى نەشىر قىلنىپ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى، ئەپسۇس، ئالىم يېزىپ بۇلۇشقا ئۈلگىرەلمەي قالغان نۇرغۇن ئەسەرلەر يەنىلا نەشىر قىلنىماي ئورگىنال ھالەتتە قېلىۋەردى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن سىتاستىكا قىلغان، ئالىم يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەر ئورگىنالى تۈۋەندىكىچە:

نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى

1. «ھەمراھى غەزەللەر»

2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).

4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .

11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)

ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى

1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).

2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).

3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).

4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).

5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).

6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).

7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).



شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتىۋەردى. تا 2013- يىلغا كەلگەنگە قەدەر ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىردىن خەۋەرمۇ يوق ئىدى. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشىنى خۇشال قىلدىغان بىر خەۋەر تارقالدى. يەنە " ئارىفنامە" نامىدا ئاپتۇرنىڭ نۇرۇغۇن نادېر ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئەمما كىتابخانىلارغا كىرگۈزۈلمىگەنىدى.


بۈگۈن كىتابخانىغا كىرسەم ، بۇ كىتابلار چىرايلىق تىزىپ قۇيلۇپتۇ. ھەممە كىتابخانىلارغا كىرگۈزلۈپتۇ. كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال بولدى. خوشلىقىمدا سېتىۋالدىم. كىتاب كەينىدە يەنە بىر قانچە كىتابىنىڭ ئىسمى يېزىغلىق ئىكەن. دېمەك، بۇ كىتابلارمۇ نەشىر قىلنىدىغان ئوخشايدۇ.


9.jpg

13.jpg
8.jpg
14.jpg



ئالىمنىىڭ كىتابىغا قىزقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئۇقىشىنى، ساقلاپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 09:00 PM  


ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 09:23:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز ، «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى»،  «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە)، «مۇھەببەت يىغلايدۇ» پۇۋىست ،  خۇدايىم بۇيرىسا  بۇ يىل ئىچىدە  مۇشۇ  ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ چىققۇم بار .

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11220
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5457 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 10:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 813
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 10:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى خۇشخەۋەر ئىكەن . مەن ئالىمىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى سۆيۈنۈپ ئوقۇيمەن .

[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103347
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-2-9
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 11:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەمسىز!

بىز مەڭگۈ ئوقۇغۇچى ۋە ئىزدەنگۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8328
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4499
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 12:41:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1953-يىلدىن 1955- يىلغىچە ئالىم شىئەندىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانىتلىق بۆلىمىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىلىپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇردى.
غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئورنى لەنجۇدا دوستۇم.

ئەزەلدىنلا قەدىرسىزدۇر ياندا بارى، ئىنسان شۇڭا يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى!    --شەيىخ سەئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5846
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:29:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ دەسىل؛ەپكى رەسىمدقىكى كىتاب قاچان نەشىردىن چىققان؟ ھازىر كىتابغانلاردا بارمۇ-يوق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78281
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2640
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 01:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز غا ھەرقانچە مەدھىيەلەر ئازلىق قىلىدۇ!!!  مەن ئالىمنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە راسلا قول قۇيىمەن!!!

ئادەم بولساڭ ئادەمدەك ياشا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4945
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 06:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك خوشاللىق ئىش بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەنمۇ سېتىۋالىمەن. موشۇنداق ياخشى كىتابلارنى ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشساق، ئوقۇپ چىقىپ ئۆزئارا پىكىرلەشسەك بەك ياخشى بولاتتى. موشۇنداق تەۋسىيەلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش