كۆنۈپ قاپتىمەن.
ئا.ئا.تاغلىق
ئەسلىدىنلا يالغۇز دۇنيا بۇ، يالغۇز ياشاپ كۆنۈپ قاپتىمەن،
غېرىپلىقتىن ئاغرىسا كۆڭلۈم، كۆڭۈل ياساپ كۆنۈپ قاپتىمەن،
يالغۇزلۇقمۇ ھوزۇركەن بەزى ، خىياللارغا دەخلى كىشى يوق،
خىياللىرىم ئىچرە ئۆزۈمنى ، خۇشال ساناپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
*** *** ***
گۈل تېرىسام كۆڭۈل بېغىمغا، گەرچە تىكەن بولۇپ ئۈنسىمۇ،
رەنجىمىدىم دوست يا دۈشمىنىم، ئاشكارە يا يۇچۇن كۈلسىمۇ،
ئېسيان قىلار كۆرگەنلىرىمگە، كۆڭلۈم كۆنمەي ئۆزۈم كۆنسىمۇ،
تەبەسسۇم بار يۈزۈمدە ئەمما، يۈرەك قاناپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
*** *** ***
ياش يەتمەستىن ئوتتۇز تېخى،كۆرگەنلىرىم تالاي ئاز ئەمەس،
نەپەسلىرىم گويا باھاردەك ، تىلىم جۇدۇن تاڭلاي ياز ئەمەس،
چالىمەنيۇ ئۆمۈر سازىنى، قانچە چالسام چالاي ساز ئەمەس،
مۇڭى چىقماس تارىسىز سازنى، تىنماي سازلاپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
*** *** ***
كۆنمەسلىككە چارە يوق لېكىن، قىسمىتى بار ھايات دېگەننىڭ،
كۆكتە پەرۋاز قىلغان قۇشنىڭمۇ، سۇنمىقى بار قانات دېگەننىڭ،
ھەممە بىلەر <بىر جەڭ توققۇز رەڭ> نەيرىڭى بار مامات دېگەننىڭ،
پەقەت كۈلۈپ ئوننىڭ بىرىگە، توققۇز يىغلاپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا =MakiT= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 06:31 PM