|
|
|
|
2-ئاينىڭ 28-كۈنى،شىنجاڭ تەڭرىتاغ پۇتبول كۇلۇبى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ‹‹شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ››نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇ ئۆزنۆۋىتىدە ئالدىقى پەسىل جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.بۇ خەۋەر جوڭگۇ پۇبولچىلىقىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا،جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى،جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە شىنجاڭدىن ئىبارەت يەنە بىر يېڭى ئەزانىڭ قۇشۇلغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىنقى پەسىل خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئېپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 2011-يىلى ئاسىيا بىرلەشمە لوڭقىسىدا ياپۇنىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبىغا توپ ئۇرغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بارىنى ئىجارە شەكلىدە كۇلۇپقا قۇشىۋالغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلگىرى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى شېنجېن قىزىل ياقۇت كۇلۇبىدا توپ كەتكەن ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى يەھيانىمۇ كۇلۇپقا قۇشۇۋالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەييارلىق كوماندىسى بولسا دەل-- بۇلتۇر مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى قاتاشقان شىنجاڭ 20ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ شىنجاڭدا قۇرۇلىشى --شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.بۇ كوماندا شىنجاڭ پۇتبول مەستانىللىرىگە قانداق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ بىزنىڭ كۈتىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبى گۇاڭجۇ خېڭدا
2014-يىللىق جۇڭگۇ ئۇيۇشما لوڭقىسىغا چەك تارتىلدى. كۇلۇبنى شىنجاڭغا يۆتكىگەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى (خۇبىي خۇاكەيئېر) Aدەرىجىلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ بۇ مۇسابىقىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا قاتنىشىدۇ. چەك تارتىش نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى 3-ئايلانمىغا مۇۋەپىقىيەتلىك قەدەم قويسا ئۇلارنى كۈتىدىغىنى مىرەخمەتجان باشچىلىقىدىكى خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى . ھەممىدىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شىنجاڭ كوماندىسى زەردار كوماندا گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن بىر رايۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ ئەگەر خېنەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلسا 4-ئايلانمىدا گۇڭجۇ خېڭدا بىلەن تۇتۇشىدۇ.
|
|
|
|
|
|