ئوغرى بىلەن پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئون چوڭ ئوخشاشلىقى
(خۇاڭ شەن)
ئابلىز ئىبراھىم دولان تەرجىمىسى
بىرىنجى، نەپسى تويماسلىقى ئوخشاش. چىرىك ئەمەلدار بىلەن ئوغرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ نەپسى مەڭگۈ قانائەت قىلمايدۇ، ناۋادا ئۇلار بىر يىلان بولۇپ يوغان بىر پىلنى ھام قىلىپ يۈتۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئاچ نەپسى تويمايدۇ.
ئىككىنجى، ئىشتىھاسى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىشتىھاسى چوڭ ھەم ياخشى بولۇپ ئاسانلىقچە تويغۇزۇپ بولغىلى بولمايدۇ. چىرىك ئەمەلدارلار نەق پۇلدىن سىرىت يەنە ئىسىل يىمەكلىك، ئالى ھاراق، سەتەڭ خېنىملار، ھەشەمەتلىك ماشىنا، داچا، قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەر بولسۇن ئىشتىھا بىلەن يۈتۈۋېرىدۇ. ئوغرىمۇ نەق پۇل ئوغىرلىغاندىن سىرىت كىيىم-كىچەك، يانفۇن، ۋېلسىپىت، تېلېۋۇزۇر، ھاراق-تاماكا بولامدۇ ئىشقىلىپ كۆزىگە ئىلناشقانلىكى نەرسىلەرنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەي ئوغىرلاپ يەۋىتىدۇ.
ئۈچىنجى، ھەرىكەت مۇھىتى ئوخشاش. ھەر ئىككىسى كۈندۈزى ئەمەس بەلكى كىچىسى ئىنسى جىن قالمىغاندا ھەرىكەت قىلىپ ئەسلىدىلا ئۆزىگە تەۋە بولمىغان پۇل، مال مۈلۈكلەرنى ئوغىرلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ.
تۆتىنجى، ھەرىكەت ئىزچىللىقى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى ھەرىكەت جەھەتتىن ئىزچىللىققا ئىگە،چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ پارخورلۇق، خىيانەتچىلىك خۇمارى ناھايتى تېزلا تۇتىدىغان بولۇپ پۇل مال دېسە جېنىنى بېرىدۇ، بىر كۈن پارا يىمىسە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. ئوغرىمۇ بىر كۈن ئوغىرلىق قىلمىسا قولى، كۆڭلى ئۇنماسلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەن.
بەشىنجى، فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا بىر قولى يەنى ھارامنى يىغىپ تىنىم تاپمايدىغان ئۈچىنجى قولى بار.
ئالتىنجى، تەلەي سىنىشىشى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى تەلەي سىناش پىسخىكىسىغا ئىگە. چىرىك ئەمەلدارلار خىيانەتچىلىك قىلغاندا، پارا يىگەندە، ئوغرىمۇ ئوغىرلىق قىلغاندا كۆڭلىدە ئۇنداق ئاسان پاش بولۇپ قالمايمەن دەپ ئويلايدۇ، تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئۇڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن داۋاملىق تەلەي سىناش كويىدا يۈرۈيدۇ.
يەتتىنجى، خۇي مىجەز، خاراكتېرى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى خۇي مىجەز، خاراكتېر جەھەتتىن ئىككى يۈزلىمىچى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل، قارىسا تۇرقى، گەپ-سۆزى ئادەم، لىكىن قىلغان ئىشى ئىنتايىن ناچار ۋە پەسكەش. يالغان سۆزلەش ئۇلارنىڭ دائىملىق ئادىتى، ساختىلىق، ئالدامچىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئىپادىسى، نىقابلىنىش ئۆز-ئۆزىنى قوغداش تاكتىكىسىدۇر.
سەككىزىنجى، ئۇچرايدىغان خەۋىپ خەتىرى ئوخشاش. ئىككىلىسىنىڭ قىلىدىغىنى ناھايتى خەۋىپلىك قىلىمىشلار بولۇپ قاچان بولمىسۇن ئاشكارىلىنىپ پاش بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار. ناۋادا ئاشۇنداق بولۇپ قالسا ‹‹ كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ›› ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ئاقىۋەتكە قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
توققۇزىنجى، جاھىللىقى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدۇ، نەزەر دائىرسى تار، جاھىل، تاكى ئۈزۈل-كىسىل تۈگەشمىگىچە بولدى قىلمايدۇ. قاماققا ئېلىنمىغىچە ئاچ نەپسىنى يىغمايدۇ، تۈرمىگە كىرگەن چېغىدىلا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي يۈرۈيدۇ.
ئونىنجى، ئاقىۋىتى ئوخشاش. ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ. گەرچە بىر مەھەل جاجىسىنى تارىتمىسىمۇ ھامىنىي بىر كۈن تۈرمىگە كىرىپ مەھبۇس بولماي قالمايدۇ.
ئىزاھات: بۇ فېلىيەتۇن ‹‹ فېلىيەتۇن ئايلىق ژورنىلى(杂文月刊) نىڭ 2010-يىللىق 181-182-سان يىغىندا توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.dolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 12:38 AM