مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 988|ئىنكاس: 9

‹‹باھاردا توزىغان چېچەكلەر››نەشىر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51336
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9928 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:19:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولى تۇتۇپ، بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى ئابلا ئېسھاق پەروزان ئاكىنىڭ <<باھاردا توزىغان چېچەكلەر>> ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى يېقىىندا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابلا ئېسھاق پەروزان ئاكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.


baharda tozihan qeqaklar.jpg





2.jpg
3.jpg

يازغۇچى ئابلا ئىسھاق پەرۇزاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:


ئابلا ئىسھاق پەروزان 1965-يىلى 7-ئىيولدا قومۇل شەھرىگە قاراشلىق راھەتباغ يېزىسىنىڭ شامالچاھارباغ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1984-يىلى راھەتباغ تولۇق ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،شىئەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ 1987-يىلى ئىيۇلدا قىزىلسۇ شۆبە ھەربى رايونىغا قاراشلىق چېگىرا مۇداپىئە 11-تۇەنى 2-روتىسىغا تەقسىم قىلىنىپ،تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغان.شۇندىن ئېتىبارەن 1995-يىلى 9-ئايغىچە ئاتۇش،گۇچۇڭ،مورىلاردا ھەربى قىسىمدا خىزمەت قىلغان.1995-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق قوراللىق كادىرلار مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.2002-يىلى 1-ئايدا ھەربى قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئورگانلار خوجۇلۇق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىشخانىسىدا كاتىپلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق دۆلەت مېھمانلىرى ماشىنا باش ئەترتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى ھەم مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادى ھاياتى 1985-يىلى «جەڭ غەلبىسى» گېزىتىگە بېسىلغان «سالام گۈزەل ئۈرۈمچى» دېگەن شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،شۇندىن ئېتىۋارەن «خەلق ئارمىيىسى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى»،«تارىم»،«قومۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،«تۇرپان»،«يېڭى قاشتېشى» ، «مۆلچەرتاغ» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 100 پارچىغا يېقىن شېئىر،ماقالە ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەم « زىلالە »،«ئاق ئاتنىڭ ھېكايىسى ».« باھاردا توزىغان چېچەكلەر»،«ئاياللىق قەلبنىڭ ئىزھارى»،«ئانىسىنى تالاق قىلغان ئوغۇللار»،«مېنى ئەسلەر كىشىم بارمۇ» ، «تۇغقان يوقلاش»،«كۈلۈمسىرەش»،«ئىشەنگەن تاغدا كىيىك يوق»،«ئۆسمە»،«ھەي كۆڭۈل دېگەن»،«ئەقىدە»...قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە،پوۋستى ئېلان قىلىنغان.يېقىندا ئۇنىڭ « باھاردا توزىغان چېچەكلەر » ناملىق پوۋېست – ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.


يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16438
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:29:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۇنجى  تىمىڭىزنى كورگۇچى بولۇش، ھەم ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇردۇم..
تىخمۇ تىرىشىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzal~yurtum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 12:33 AM  


قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60898
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3721
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:48:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلا ئىسھاق پەرۇزاننىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103578
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:55:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبرىكلەيمەن. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەش دېگەن پوۋېستىنى دەسلەپ توردا ئوقۇپ، كېيىن ژورنالغا بېسىلغىنىنى ئوقۇغانتىم. ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدىكەن. خۇددى ئىلگىرى توردا مودا بولغان زىنا ئالدىدا ئولتۇراغان قىز دېگەن ئەسەر كېيىن ژورنالغا بېسىلغاندا ئەسلى ئەسەردىن زور دەرىجىدە پەرقلەنگەندەك. شۇنىڭغا قارىغاندا تەھرىرلىك دېگەنمۇ مۇرەككەپ بىر ئىش بولسا كېرەك.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4231
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 01:47:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن! ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 01:56:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوي    .    ئوقۇيدىغانغا     كىتاپ   چىقىپتۇدە   

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 995 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 09:19:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنخۇا كىتابخانىلىردا بامىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103610
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 10:22:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن! ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10279
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2356 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 03:03:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورنىڭ ئىجەدىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن مۇبارەك بولسۇن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100155
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 02:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مېنى قوللىغان بارلىق دوستلارغا ئالى ئېھتىرام! ھەممىڭلارنىڭ ئاۋات ۋە قايناق كېلەچەككە ئېلىنغان مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملىرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگۈسى! ھەممىڭلارغا رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش