|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، بىز ئىككى كۈن ئالاھىدە ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئەتتىگەن سائەت 4 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ھاردىم تالدىم دېمەي كىشىلەرگە پاكىزلىق ئاتا قىلىۋاتقان ،ئايلىق مائاشى ئارانلا 1200 يۈەن بىلەن بىر ئائىلىنى قامداپ كېتىۋاتقان تازلىق ئىشچىلىرى توغرىسىدا بىر فىلىم ئىشلىدۇق .
تازلىقنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ، بىز ئىسسىق ئۆيلەردە ئۇيقىدىكى ۋاقىتلىرمىزدا ئانىمىز يېشىدىكى ،ئاتىمىز يېشىدىكى شۇ جاپاكەش تازلىق ئىشچىلىرى سىرتلاردا ،قەھرىتان سوغۇقلاردا ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بىزلەرگە پاكىزە مۇھىتنى يارىتىش ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.. مانا بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى چۈشىنىش ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئاممىۋىي تەشۋىقات فىلىم تۈسىنى ئالغان فىلىمىمىز ھوزۇرۇڭلاردا.....
ئۈمىدىمىز فىلىم ئارقىلىق ھەربىر شەخىس ئەتراپىدىكى شۇ تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە ۋە ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىش ،ئۇلارنى سۆيۈش ۋە كۆيۈنۈش !
بۇ ھەقتىكى فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا...........
نورمال قويۇلمىسا ياكى يانفوندا زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc5MDIxNTYw.html
زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قسىىم رەسىملەر:
فىلىم ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان فوتوگراف جۈمەخۇن شۇنىڭدەك قوللىغان بارلىق دوستلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!
تورداشلارنىڭ شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە، ئۆزلىرى ياقتۇرغان تور بېكەتلەردە شۇنداقلا بىلوگ، دوستلار چەمبىرەكلىرىدە تارقىتىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى
|
|
|
|
|
|