يوقسۇزلۇقۇڭ بولمىسۇن ئەلەم ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
بېرەي تەسەللى، ئالدىم قەلەم ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز
ئاتاڭ سېنى ئەركەك دەپ باققان ،
گۈزەل ئارزۇ كۆڭلىگە ياققان .
يوقسۇزلۇق ھەم يۈرەكنى چاققان ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
تېپىپ پۇل ھەم يايراپ قالىسەن ،
بەزى گاداي زارلاپ سالىسەن .
بۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالىسەن ،
يۇرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
كەلمىگەچ ۋاپا قېرىندىشىڭدىن ،
نەپنى كۈتكەن ھەم دىلدىشىڭدىن .
يۇلىمەن دىگەن تىلدىشىڭدىن ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
پۇل،مال تۇرماس ھەركۈنى سەندە ،
بايلىقىڭدۇر ، جان بولسا تەندە .
بىل ھەممەخام سۈت ئەمگەن بەندە،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
سەن جاھاندىن ئاغرىنىپ يۈرمە ،
زارلىنىپ ھەم خىياللار سۈرمە .
تەقدىرىڭ شۇ ئادەمدىن كۆرمە ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
جاھاندا كۆپ بىز كۆرمىگەن ئىش
بولىدۇ تۇرمۇشتا يازۇ ھەم قىش .
ئازاپ-خوشلۇق قوشكېزەك ئىمىش ،
يۈرمە قاخشاپ دۇنيادىن ھەرگىز .
مەنبە؛ ئۆز قەلىمىم
مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TAXNAI2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 07:56 PM