كۆڭلۈم يېرىم،
تۇمۇرۇمغا يامرىدى زەھەر،
بايرام بولغان ھېلىقى سەھەر.
ئۇرۇۋەتتىم ئوغلۇمنى قاتتىق،
يۆكەم-يۆگەم ئەۋرىشىم سىمدا،
ۋەسۋەسىگە سالغان شەيتان.
ئېغىزىمدىن ئاقتى پوق، سۈيدۈك،
ئەۋلادىمغا باشلاپ زىمىستان.
چىرقىرىغان بىچارە ئاۋاز،
توختاپ قالدى كىرمەي قۇلاققا،
نەسىھەت قىلسام،
تۇتمىغان ئەستە،
دەسسەپ ماڭغان گۇناھى ئۈچۈن،
ئوقۇمىغان گۇناھى ئۈچۈن،
ئۆگەنمىگەن گۇناھى ئۈچۈن،
تورخانىدىن كەلمەي تاڭغىچە،
ئەندىشىگە سالغىنى ئۈچۈن
كوچا-كۇيدىن ئىزدەپ تاپالماي،
ۋەيران بولغان قىمارۋاز كەبى،
يىغلاپ ياتقان ئۇزۇن كېچىدە،
مىشىلدىشىپ ئايالىم بىلەن...
ئۇرۇۋەتتىم ئوغلۇمنى قاتتىق،
يۆگەم-يۆگەم ئەۋرىشىم سىمدا.
گەپ ئاڭلىماي،
داپ تاراڭلىغان،
ئىشەك ھاڭرىغان،
تەمسىز يەردە يۈرگىنى ئۈچۈن.
تاماق يېمەي،
ئۇسسۇزلۇق ئىچمەي،
مەپتۇن بولۇپ كارتۇن جانلارغا،
ئويناپ يۈرگەن گۇناھى ئۈچۈن...
ئۇرۇۋەتتىم ئوغلۇمنى قاتتىق،
يۆگەم-يۆگەم ئەۋرىشىم سىمدا.
چىرقىرىغان بىچارە ئاۋاز
توختاپ قالدى كىرمەي قۇلاققا.
بولۇپ قالدىم ئۆزۈممۇ بەلكى،
غالجىرلاشقان ياۋايى قاۋان.
تورخانا،
پىۋەخانا،
تانسىخانا،
ئىشرەتخانا،
شاپتۇ ئەمەسمۇ،
جان ئوغلۇمنىڭ روھىغا كىشەن!
ئۇۇۋەتتىم ئوغلۇمنى قاتتىق،
يىغىسىغا جاللاتتەك چىداپ.
يېلىنىشقا قىلمىدىم پەرۋا،
چىرايىدىن ئۆچسىمۇ ئاپتاپ.
يىقىلغاندا تۇرالماي ئۆرە،
تەستەك سالدىم بۇلۇڭغا قاپساپ.
بەدىنىدە تىلىم-تلىم ئىز،
كۆزلىرىدىن توختىمايدۇ ياش،
مەن قانداق دادا؟
ئۇيۇپ كەتكەن باغرى قارا تاش...
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 08:36 PM