قوشئوگۇز شەھرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
26-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىقوشئوگۇز شەھرى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 5-دىۋىزىيە 89-تۇەن باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. قوش دەريا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ قۇرۇلۇش- ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۇەنى 5-دىۋىزىيەسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن كومىسسارى چې جۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن بىرلىكتە
قوشئوگۇز شەھرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شۆۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەنقوشئوگۇز شەھرىىنىڭ قۇرۇلغانلىقى تەبىرىكلىدى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندانى ليۇ شىنچى مۇھىم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سىيىتقازى ئاپتونوم رايون خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ناھىيە دەرىجىلىك قوشئوگۇز شەھرىىنى قۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى »نى ئوقۇپ ئۆتتى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن كومىسسار ئابلىز نىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ « جۇڭگو كومۇنستىك پارتىيەسى قوشقوشئوگۇز شەھرى پارتكومى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق توغىرىسىدىكى تەستىق جاۋابى» نى ئوقۇپ ئۆتتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سەمەت مەمەت، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، باش كاتىپ لى شىنمىڭ، بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى ليۇ ۋەنلۇڭلار تەكلىبكە بىنائەن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئاپتونوم ئوبلاست پارتكومىنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، 5-دىۋىزىيەنىڭ 1-شۇجىسى، 1-كومىسسارى جاۋ چىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن ئوبلاستىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكالىتەن
قوشئوگۇز شەھرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئوچۇر، بورتالا شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ كومىسسارى لى يىڭتاڭ، 5-دىۋىزىيە پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دىۋىزىيە باشلىقى شۈ شيۇجى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، 5-دىۋىزىيە پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كومىسسارى لى لىپىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
1963-يىلى 1-ئايدا چېگرا ساقلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن 5-دىۋىزىيە قۇمۇلدىن بورتالا موڭغۇل ئوبلاستىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شۇندىن بۇيان 5-دىۋىزىيە كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بورتالا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى جەزىرىلەردە بوز يەر ئېچىپ، ھازىرغىچە بولغان 50 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى بېسىپ ئۆتتى. 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئىستىراتىگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، 5-دىۋىزىيە بورتالا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا يېڭى شەھەر قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى تېزلىكتە قوزغاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئاستىدا، ئۈچ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق شەھەر قۇرۇش تەلىپى ئورۇنلاندى، گوۋۇيۈەن 2014-يىلى 1-ئايدا
قوشئوگۇز شەھرىنى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.