 |
 |
 |
 |
مىكروسوفت ئىجادىيەتچىلەرنى windows phone8.1 SDK بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان windows phone8.1 سىستېمىسىنىڭ يېڭىلىقلىرى توختىماستىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى , تۆۋەندە wp8.1 سىستېمىسىنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇنۇشتۇرىمىز :
مەشغۇلات مەركىزى:
ئۇقتۇرۇش مەركىزى__ئەسكەرتىش, ئۇقتۇرۇش , يېڭىلاش تارىخى ۋە باشقىلارنى كۆرسىتەلەيدۇ.
تېزلەتمە كونترول مەركىزى__ خاسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ , يەنى WiFi تورى, كۆك چىش , ئايروپىلان ھالىتى قاتارلىق تەڭشەك ھالەتلىرىدىن بەشنى تاللاپ تېزلەتمە كونترول مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
ئەپلەر+دۇكان:
1.ئەپلەر ۋە ئويۇنلارنى SD كارتىغا قاچىلاشقا ۋە ياكى يانفونغا قاچىلغان ئەپ ياكى ئويۇننى SD كارتىغا يۆتكەشكە بولىدۇ .
2.SD كارتىدىكى ئەپ ۋە ئويۇنلارنى پەقەت ئەسلىدىكى بىرلا يانفوندىلا ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ , ئەگەر SD كارتىنى باشقا يانفونغا سالغاندا SD كارتىدىكى ئويۇن ۋە ئەپلەرنى ئاچقىلى بولمايدۇ.
3.ئىشلەتكۈچىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىغا ئاساسەن لازىملىق ئەپلرنى تەۋسىيە قىلىپ بېرەلەيدۇ.
4.ئەپلەر ۋە ئويۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى One Drive غا زاپاس ساقلاشقا بولىدۇ.
5.سىستېمىغا Facebook ئەپى ئالدىن قاچىلاندى .
6.ئەپلرنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ۋە قاچىلانغان چىسلا بويىچە رەتكە تىزىشقا بولىدۇ.
7.ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى قول سېلىپ سىستېما يېڭىلانمىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.
8.ئەپلەرنى ئۆزلىگىدىن يېڭىلىيالايدۇ.
9.پەقەت WiFi مۇھىتىدىلا ئەپ يېڭىلايدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.
كالېندار:
1.گۇگىل كالېندارى قاتارلىق باشقا كالېندارلارنى قوللايدۇ.
2.كالېندارغا ھاۋارايى ئۇچۇرى قېتىلدى.
3.كالېندارغا ھەپتىلىك كۆرۈنۈش شەكىلى قوشۇلدى .
كامېرا:
1.ئارقا ئارقىدىن سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى قۇشۇلدى .
2.كامېرا يۈزى يېڭىچە لەيىھەلەندى.
Bing
Bing ئەقلىي ئىزدەش ماتورى سىستېمىغا بىرلەشتۈرۈلدى
2.يەككە مۇكەممەل ئىقتىدارلىق بلوگ ئىقتىدارى قۇشۇلدى.
تور كۆرگۈچ:
1.يېڭى IE11 تور كۆرگۈچى تور بەت پارولىنى ئەستە ساقلىيالايدۇ.
2.HTML تېخنىكىسىنى قوللاش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
3.IE11 دە تورغا ماتېرىيال يوللىغىلى بولىدۇ.
4.ئېچىلغان بەتكۈشلەر ۋەزىپە كۆزنىكىدە ئايرىم كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5.YouTubeدا فىلىم قويغاندا HTML5 تېخنىكىسىنى قوللايدۇ.
ئىجادىيەتچىلەر:
1.يېڭى ئارقا سۇپا باشقۇرۇش مەركىزى : كۆچ چىش سىگنال كۈچلۈك-ئاجىزلىقى , پاراڭلىشىش ئۇچۇرى , ئۈسكۈنە ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار .
خەت ساندۇقى :
1. ئېلىكتىرونلۇق خەتكە شىفىر قۇشۇش ۋە ئىمزا قۇيۇشقا بولىدۇ.
2.خەتتىكى قۇشۇمچە رەسىم قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈش تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى.
كارخانىلار مۇلازىمىتى :
كارخانا ھىساباتى بىلەن باغلانغان ئۈسكۈنىنى يىراق مۇساپىدىن كونترول قىلىپ پارول ئۆزگەرتكىلى ۋە قۇلۇپلىغىلى بولىدۇ.
2.Office ئارقىلىق پارول سېلىنغان مەخپىي ھۆججەتنى ئاچقىلى بولىدۇ .
3.SkyDrive نىڭ نامى One Drive غا ئۆزگەرتىلدى .
4.VPN نى قوللايدىغان بولدى.
5.ئەپلەرنىڭ تورغا ئۇلىنىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان بولدى.
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
1.باشلاش ئېكرانىنىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
2.ئەسلىدىكى چىكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ ئەپنى تاقاش ئىقتىدارى ئەمەلدىن قېلىپ ئەپنى ئارقا سەپتە ئېچىشقا ئۆزگەرتىلدى.
3.ئېكراننى قوش چىكىش ئارقىلىق يانفوننى ئۈچۈرگىلى بولىدۇ .
4.يېڭىدىن ھۆججەت تاللىغۇچ قۇشۇلدى .
5.مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى قۇشۇلدى .
6.مەلۇم ۋاقىت بۆلىكىنى دەخلىگە ئۇچرىمايدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ .
7.ئېكراننى رەسىمگە تارتىش كۇنۇپكىسى توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسنى تەڭ بېسىشقا ئۆزگەرتىلدى .
8.ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ئاۋازلىق ياردەمچى ئېچىلىدۇ.
9.قوڭغىراق ئاۋازى ۋە مۇزىكا ئاۋازىنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.
10.كۆپ ۋەزىپە باشقۇرۇش كۆزنىكىدە يۇقىردىن ئاستىغا سىيرىش ئارقىلىق ئەپنى تاقىغىلى بولىدۇ .
كۇنۇپكا تاختىسى :
ئادەتتىكى كۇنۇپكا تاخىتسى كۈچەيتىلدى .
2.emoji چىراي ئىپادىلىرى يېڭىلاندى .
3. توققۇز كاتەكلىك كۇنۇپكا تاختىسىنى قوللايدۇ.
ئۇچۇر:
1. سۈكۈتتىكى قىسقا ئۇچۇر ئەپىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ .
2.جانلىق تىزمىدا ئۇچۇر يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈشنى تاقىغىلى بولىدۇ .
تېلېفون+ئالاقىلاشقۇچىلار:
1. ئالاقىلاشقۇچىلارنى يانفون نومۇرى بۇيىچە تىزغىلى بولىدۇ .
2.ئاۋازلىق ئەسكەرتمە ئارقىلىق تېلېفون قىلغىلى بولىدۇ , مەسلەن «XXX نى چاقىرىمەن » دىيىش ئارقىلىق .
3.ئالاقىلاشقۇچىلار توپىدىكى ئادەملەر سانى 40 قا كۆپەيتىلدى .
سىستېما :
1.كۆچ چىش4.0 نىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلىتىلدى .
2.SD كارتىدىكى Chkdsk قۇرالى كارتىنى قوغدايدۇ .
3.كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائوسنى قوللايدۇ .
4. سۈرەتلەرنى سىتىرولۇق كۆرۈشكە بولىدۇ .
5.يانفوننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغاندىن كېيىن ئەپلەرنى ئەڭ يېڭى نەشىرگە يېڭىلايدۇ .
مەنبە : نۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 09:49 AM
|
 |
 |
 |
 |
|