باھار نەدە
 
باھار كېلىپ كۈلدى بارچە ، 
پەقەت مەنلا كۈلەلمەيمەن . 
تۇنجى يارىم كەتتى يىراققا ، 
باھار كەپتۇ دەپ بىلەلمەيمەن .
 
مىنىڭ تۇنجى يارىم ئىدىڭ ، 
كۆڭلۈم ھەرچاغ ئەسلەيدىغان ، 
باھار ۋە يازىم ئىدىڭ ، 
زىمىستاندا ئويلايدىغان .
چۈشلىرىمگە كىرىپ تۇراتتىڭ ، 
نىچۈن ئەمدى كىرمەس بولدۇڭ .
كېتىپ قاپسەن يىراقلارغا ، 
مىنى دەتكە تاشلاپ قويدۇڭ . 
سەن بىلەن بىرگە يۈرسەم ، 
كۈلەر ئىدى مىنىڭ بەختىم . 
سەندىن باشقىنى سۆيەلمەيمەن ، 
يوقتۇر ئەمدى باھار تەختىم . 
ئەجىبا بىلەلمىدىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ، 
ساڭا بولغان چىن سۆيگۈمنى . 
ئۇنتۇش تەس ئۇنتالمايمەن ھەرگىز ، 
كۈتىمەن ئەبەدكە ئىللىق چېھرىڭنى . 
مەن سىنى سېغىندىم چەكسىز ، 
سەنمۇ مىنى سېغىنغانسەنمۇ .
مۇزلاپ كەتمە يارىم دەپ ،
باھار ئېلىپ كىلەرسەنمۇ . 
مەنبە - ئۆز ئىجادىيىتىمدىن (كۆڭلۈم - زۇلپىيە ئەھەت )  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆڭلۈم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-27 07:41 PM