قىززىق، بىز ھەممە ئىشنى توغرا چۈشىندىغان خەق ئىكەنمىز. ئىلىم ئەھلىلىرىمىز ئىلىمسىزلىكنى، پەزىلەتلىرىكىمىز پەزىلەتسىزلىكنى، مەدىنيەتلىكلىرىمىز مەدىنيەتسىزلىكنى توغرا چۈشىندىكەنمىز. مانا ھازىر ئەرلەر ئاياللارنى، ئاياللار ئەرلەرنى، قىرىلار ياشلارنى، ياشلار قىرىلارنى، چوڭلار كىچىكلەر، كىچىكلەر چوڭلارنى توغرا چۈشۈنىدىغان بولۇپ كىتىپتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە توغرا چۈشۈندىغانلاردىن توغرا چۈشەندۈردىغانلار تىخىمۇ كۆپ ئىكەن.
-توغرا چۈشەن بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، شۇڭا جىق ئىچىۋالدى.
-سەن چۈشەنمەيسەن، تاماكىنى دەردى بار ئادەم چىكىدۇ.
-ئۇ قىزنىڭ كىيمى يوقتەك كىيىۋلغان نىمىسىنى؟
-ئەخمەق بۇ دېگەن زامانغا ماسلاشقانلىق.
-قارا بۇلارنى كۆپكۈندۈزدە ئادەم بار-يوق دېمەي؟
-توغرا چۈشەن ياش ئەمەسمۇ.
مانا شۇنداق تەنبىھ-تەربىيە، ۋەز نەسىھەتلەر بىلەن بىز نۇرغۇن ئىشلارنى توغرا چۈشۈنۈپ كەتتۇق. لېكىن شۇنداق توغرا چۈشىنىۋىرىشنىڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىمىزنى چۈنۈشتىن يىراقلىشىشىقا ھەتتا ئۆزىمىزنىمۇ قەتئىي چۈشەنمەسلىككە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدۇق. ئەلۋەتتە، توغرىنى توغرا، خاتانى خاتا دەپ چۈشۈنۈش كىرەك. بۇ ئەقەللىي قائىدە. ئۇنداقتا بىز يەنە نىمىشقا خاتانىمۇ توغرا قىلىپ چۈشۈنىمىز.ھەتتا ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق ھەقىقەت تۇرسا ئۇنى پەدازلاپ چىقارغان بىرمۇنچە نەزىرىيە سەپسەتىلەرنى تالىشىپ سېتىۋالىمىز؟! بىز ئويغانمىدۇقمۇ ياكى ئۈستىمىزدىكى رە◆ڭگارەڭ چىراقلارنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئەمدى ئىچىلغان كۆزىمىزنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتكەچكە توغرا يولنى پەرق قىلامايۋاتىمىزمۇ؟
مەن ئۆزۈمنى ئۇنچىۋالا مۇتەسسىپ ياكى زاماننىڭ ئارقىسىدا قالدىم دەپ ئويلىمايمەن، مەنمۇ ئۆز ھەمساۋاقلىرىمنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان بىر ياش.لىكىن مەن نۇرغۇن ئىشلارنى راستىنلا توغرا چۈشىنەلمەيمەن. ئەقەللىسى بىزنىڭ كوچىدىكى ماخمۇتنىڭ ئىچىپ چىكىدىغانغا پۇل بار خوتۇن ئالدىغانغا پۇل يوق بويتاق يۈرىدىغانلىقنى توغرا چۈشىنەلمەيمەن. مەھەللىمىزدىكى غېنى بىلەن قەمەرنىڭ نىمىشقا قىچىپ توي قىلغانلىقىنى زادى چۈشىنەلمەيمەن. مانا ئەمدى يىقىن ئاغىنەم ئەنۋەرمۇ ياخشى كۆرگەن قىزىنى ئېلىپ قاچىمەن، دەپ چۈشۈپتۇ. ئاتا-ئاناڭغا مەسلىھەت قىلدىڭمۇ ،دېسەم قويغىنا ئاداش ئۇلار مۇھەببەتنى چۈشۈنەمدۇ، دەيدۇ. مەن ئاغىنەم بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن زادى قايسىنىڭ مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغانلىقنى بىلەلمىدىم. قوشنىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن قىزى بۈۋى ھەجەرنىڭ چاچلىرىنى ئالا-يىشىللاشتۇرغاننىڭ ئۈستىگە بۈدرە قىلىپ، لەۋلىرىنى قىپقىزىل بوياپ، قىسقا، تار يوپكىلارنى كىيىپ يۈرىشىنى كوچىمىزنىڭ مويسىپىتلىرىدن تارتىپ توغرا چۈشىنىپ بولدى، لىكىن مەنلا بۇنى تىخىچە توغرا چۈشىنەلمەي يۈرىمەن.
راست، مەن توغرا چۈشىنەلمەيۋاتقان ئىشلار ھەقىقەتەن جىق، ئاغىنىلىرىممۇ خېلى كۆپ چۈشەندۈرۈش بەردى، لىكىن ھەممىسىلا مېنى قايىل قىلالماي كېتىپ قىلىشتى. ئاڭلىسام يېزىمىزدا قىز-ئوغۇللار ئايرىم بىر يەردە تۇرۇپ پاراڭلاشسا ئەخلاقسىزلىق ھىسابلىندىغان، چوڭلار ئۇچراپ قالسا سالام قىلماي ماڭسا ئېغىر ئالىدىغان، ھىيىت ئايەمدە جامائەتكە قىتىلمىسا ئەيىپلىندىغان ئىشلارنى چوڭ شەھەرلەردە توغرا چۈشەنگۈدەك. شەھەرلىكلەر بىزدىن جىق كىتاب ئوقۇغان بولسا بىز چۈشىنەلمىگەن ئىشلارنىمۇ چۈشىنىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئاخىرى چوڭ شەھەرلەرگىمۇ كەلدىم، جىق كىتاپلارنىمۇ ئوقۇدۇم. لېكىن بۇ ئىشلارنى تېخىچە توغرا چۈشىنەلمىدىم.
مېنى ئاڭسىز، ئويغانمىغان دەپ زاڭلىق قىلغانلارمۇ جىق چىقتى. قاراپ باقسام ھەممىسىلا ئۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەنگەندەك قىلىدۇ. مەنمۇ بوپتىلا، دەپ توغرا چۈشىنىپ ئۆتكۈزۋىتىشنى ئويلىدىم. ئەمما بەزى ئىشلارنى شۇنچە قىلىپمۇ پەقەتلا كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.
بۇ يىل يازلىق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە كىچىكىمىزدىن تارتىپ يىقىن ئۆتىدىغان، ئاتا-ئانىسى خېلى ئوقۇمۇشلۇق بىر ئاغىنەمنىڭ ئىشىغا قارىشىپ بەرگىلى ئۆيىگە بارىدىم. ئارىلىقتا ھويلىدا پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئاغىنەم بىرتال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ چېكىپ تۇرىشىغا ئۆيىدىن دادىسى چىقىپ قالدى. «ئاپلا، بۇ ئادەم ئەمدى بالىسىغا ئاچچىقلاپ كىتەرمۇ؟» دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم. لېكىن دادىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك قاراپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.
-ئاداش داداڭ تاماكا چەكسەڭ گەپ قىلمامدۇ؟
سورىدىم ھەيران بولۇپ.
-مۇشۇ ئىشقىما، دادام بۇنداق ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدۇ.
تۇرۇپ قالدىم. شۇتاپتا ئۆزۈمنىڭ دادىسىنىڭ تاماكا چىكىش ئەمەس تاماكا پۇراپ قالسام قانداق ئىش بولۇپ كىتىدىغانلىقنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم.قارىغاندا مېنىڭ دادام ئۇنىڭ دادىسىدەك ئاڭلىق ئەمەس ئوخشايدۇ.
بەلكىم بىزنىڭ بىلىملىك، مەدىنيەتلىك، ئاڭلىق كىشىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ تازا يىتەرلىك بولمىسا كىرەك، بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى مۇتەسسىپ، زاماننىڭ كەينىدە قالغان، ئېڭى ئىچىلمىغان، دىيىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمىسىمۇ چۈشەنگەن بولۇۋالىدىكەن. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ بىمەنە ئىش بارمۇ!؟
ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن خاتا، يامان دەپ قاراپ كەلگەن ئىشلارنى ئەمدى «توغرا» چۈشىنىش بىلەن زامانىۋى ئادەملەر قاتارىغا ئۆتىۋىلىش نېمىدىگەن كۈلكىلىك ھە! مەن بۇيەردە ھەقىقى زامانىۋىلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قائىدە سۆزلىيەلمەيمەن. ئەمما چاچلىرىمىزنى زامانىۋى پاسوندا ياسىتىپ قويغانلىق بىلەن، بەدىنىمىزنى يىپىپ تۇردىغان، كەڭ ئازادە كىيىملىرىمىزنى سۆڭگىچىمىزنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇردىغان يېرىم ئوچۇق مايكا، پىگۇرىمىزنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ تۇردىغان تار ئىشتانغا ئالماشتۇرۇپ قويغانلىق بىلەن ۋە ياكى قاش كىرپىك، يۈز كۆزىمىزنى زامانىۋى زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن خىمىيىۋى مەلھەملەردە بويىۋىلىپ كۆزئەينەك تاقىۋالغانلىق بىلەن زامانىۋىلىققا يەتكەنلىك بولمايدىغانلىقنى كىسىپ ئىيتالايمەن.
تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە بىرىپ كەلگەن كىشىلەردىن ئاڭلىسام ئۇ يەردىكىلەر بەكلا ئاددىي-ساددا يۈرىدىكەن. يۇرتىمىزغا ساياھەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىكلەرگە قارىساممۇ ئۇچىسىدا كىيىمنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن كونىسى، قويچىلارنىڭ ئايىقى تۇرىدۇ. ئۇلار مەن چەتئەللىك دەپ ئۆزىنى ئۇنچىۋالا پەردازلىماپتۇ (بىز بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ قالساق قانچىلىك تەييارلىق قىلىپ ياسىندىغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە ئايان). دۆلىتىمىزگە نىسبەتەنمۇ بىز ئىقتىسادى سەۋىيىسى ئارقىدا سانىلدىغانلارىدىن ئىكەنمىز. لېكىن مەن ئۆزىمىزنى كىيىنىشكە توغرا كەلگەندە دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىياتى ئۈستۈن ھەرقانداق ئۆلكە شەھەردىكى كىشىلەرنى بىسىپ چۈشىمىزمىكىن دەپ ئويلايمەن. خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ تۇرمۇش سەۋىيىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ قاپتۇ، بولمىسا قەيەردە كىيىمنىڭ نوچىسى، پەدازچىنىڭ ئۇستىسى، تاماشىنىڭ قىززىقى باركىن، دەپ بالا-چاقا، ئۆي-باقا بىلەن كارىمىز يوق چىقىپ كىتىدىكەنمىز.
مەن ھازىرغىچە ھېلىقى خوشنىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن قىزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ زامانىۋى سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە دىگەندەك ئىشەنچى يوقمۇ،قانداق؟ باشقىلارغا زامانغا لايىق قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سىرتقى قىياپىتىگە خېلى كۈچ سەرىپ قىپتۇ. ھازىر ھەممىمىز ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكىگە ئىشەندۇق. گەرچە ئۇ تىخىچە خىزمەت تاپالمىغان بولسىمۇ كىيىم-كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇش جەھەتتە يېزىمىزغا خىلى زامانىۋىلىشىش شامىلى ئىلىپ كەلدى.
ئەتراپىمدا ئەنە شۇنداق چوڭ قالپىقى، ئابرويى، ئەمەل-تاجى بار نۇرغۇن كىشىلەر بار. بىر قىتىم دادىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان سۈرەتلىرىگە زەن سېىلىۋىتىپ ئەينەك ئىشكاپ ئىچىگە تىزىپ قويۇلغان بىر قانچە بوتۇلكا قىممەت باھالىق ھاراققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ھەيران قالدىم، بۈگۈنكى كۈندە خىلمۇخىل يات ئادەت ئەندىزىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ يەتسەممۇ، قاچاندىن تارتىپ ھاراق بوتۇلكىلىرىنىڭ ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ قالغانلىقنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەسلى بۇ يەردە ئېسىل كىتاب، قىممەتلىك تەۋرۈكلىرىمىز تۇرىشى كېرەك ئىدىغۇ!؟ ھاراققا قاراپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن ئاغىنەم چۈشەندۈردى.
-بۇنى دادامنىڭ ئاغىنىلىرى كېلىپ قالسا ئىچىدۇ، دەپ ئېلىپ قويغان، ھەيران قالمىساڭمۇ بولىدۇ، ئاداش.
«راست، ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن ئوخشايمەن، بەلكىم بۇ ئۇنچىۋالا ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەستۇ.» بىركەمدىن كىيىن ساۋاقدىشىم قولىغا ھاراقلارنى ئېلىپ ماختانغىلى تۇردى.
-بۇ بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ئۆزىلا پالانى پۇل، قانداق،تېتىپ باقامسەن؟
-بۇنداق قىلساق داداڭ بېلىپ قالسا تىللاپ كېتەر؟ دېدىم ساۋاقدىشىمنى گەپكە سېلىپ.
ـ خاتىرجەم بول، دادام ئۇنچىۋالا كۆزى كىچىكلەردىن ئەمەس. بەزىدە ئاغىنىلىرىم بىلەن ئىچىش ئۈچۈن بىر-ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى قوينۇمغا سېلىپ چىقىپ كېتىمەن. گەپ قىلمايدۇ. ئۆزىمۇ ئەتىگىنى ئاخشىمى بىرەر-ئىككى رومكا ئىچىپ قويىدۇ،تىخى.
ھەي، ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، ئالدىنقىسىنى خېلى توغرا چۈشەنگەن ئىدىم،لىكىن ساۋاقدىشىمنىڭ كىيىنكى گەپلىرىنى قانچە قىلساممۇ چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدىم. بوپتۇ ئىشكاپتا بىرقانچە بوتۇلكا ھاراق بولغىنىنى توغرا چۈشىنىپ تۇرايلى، ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيدىن ھاراق كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىپ كىرىشىنى بىز يەنە توغرا چۈشىنەمدۇق؟! ئۇنداقتا دادىسىنىڭ ئەتىگىنى-ئاخشىمى چاي ئورنىغا ھاراقتىن بىرقانچە رومكا ئىچىشىنىچۇ؟ ئەگەر بىر كۈنلەردە ئۇ كىشىنىڭ ئايالىمۇ شۇ ھاراقتىن بىر ئىككى رومكا ئىچىدىغان بولىۋالسا ئۇنىمۇ توغرا چۈشىنەمدۇق قانداق!؟ بەلكىم شۇ چاغدا بۇلارنىمۇ توغرا چۈشىندىغانلار ياكى بىزگە توغرا چۈشەندۈردىغانلار چىقار.ئەمما شۇ ئىنىقكى ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھامان بۇ چىرايلىق چۈشەندۈرىشلەرنىڭ قۇيرىقىغا ئوت ياقىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.
بۇلار پەقەت زامانغا بېقىپ ئىش كۆرىدىغانلارنىڭ خىيالى بولۇپ قالسۇن. ئۇلار بۇ بىر مەيدان تاۋكادا دەسمايىسى يېتىشمەي ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىدىغان ئوخشايدۇ. مەندىن نىمىشقا ئەگەشمەيسەن دەپ ئاغرىنسىىمۇ مەيلى. ئۇلارغا دەيدىغىنىم بىر ئىغىزلا گەپ، «مېنىڭ دەسمايىدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق، شۇڭا ئەگەشمەيمەن، ئەگەر ئىلكىمدىكى ئامانەتنى ئۇنىڭ ھەقدارلىرىغا ساق يەتكۈزەلمىسەم ئۇلارغا بۇنى كىم توغرا چۈشەندۈرىدۇ؟!».
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەمەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 04:11 PM