|
|
|
|
«شىنجاڭ مېلودىيە مەدەنىيەت تارقىىتىش چەكلىك شېركىتى »نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى «ئۈزۈلمەس مىلودىيە» پروگراممىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئاڭلىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىش شۇنداقلا سەنئەت سۈيەر ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ئەڭ يېڭى ، مودا سەنئەت مىۋىلىرىدىن بەھرىمان قىلدۇرۇش، ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن سەنئەتكارلىرمىز بىلەن بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشتۇرۇش مەقسىتىدە 2- ئاينىڭ 21-كۈنى خان ساراي كىنو تىياتىرخانىسىنىڭ ئۇيۇن قۇيۇش زالىدا تۇنۇلىۋاتقان ياش ناخشىچى، مودا ئۇسلۇپ ناخشا سېپىدە چاقنىغان يۇلتۇز « ئادىلە سىدىق» نىڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىرىشىش سەنئەت كىچىلىكى غەلبىلىك ئوتكۇزۇلدى .بۇ قېتىمقى كىچىلىكتىكى بارلىق ناخشىلار مېلودىيە مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئۆز تۈسى، ئۆز ماھارىتى بويىچە نەق مەيداندا ئىجرا قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ نەق مەيداندا ئورۇندالغان جانلىق ناخشا-مۇزىكىلاردىن بەھىرلىنىش ئارزۇسىنى رىئاللىقا ئايلاندۇردى.
|
|
|
|
|
|