ana يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 12:29 PM 
بۇرۇن كىتانلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتۇم ، ھازىر ئۆزۈم ...
مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئامراق،شۇڭا سىزگە بەزى كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلاي(بەلكىم سىز ئوقۇپ بولغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن).
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستازنىڭ بارلىق كىتاپلىرى شۇنداق ياخشى،قىشتىكى خامان،ئىنسانىي سۈپەت مەنزىللىرى،داخمۇ ياكى زىنىخمۇ؟..... دىگەندەك.
ئاندىن ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ئەسەرلىرى ياخشى.( بوينى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى،قىرىق ياشلىق ئايال) ...دىگەندەك.
تارىخى رومانلاردىن - ئىز،ئويغانغان زىمىن،ئانا يۇرىت،ئەنجانباي،باھادىرنامە،جاللات خېنىم..........
جلالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بەك ياخشى.ئۇندىن باشقا يېڭىدىن بازارغا سېلىنىۋاتقان كىتابلار،ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتاپلارمۇ ياخشى.
تەرجىمە ئەسەرلەردىن شوخ پەرىشتە،قىز قەلبى،چىن ئەقىدە،يىرتىلغان نىقاب،قەدىمىي داچىدىكى مۇھەببەت قاتارلىق كىتاپلارنى شەخسەن مەن بەك ياقتۇرىمەن.
ئاندىن باشقا،سەھىھۇل بۇخارى،تۆت خەلىپە،ھەزرىتى ئائىشە،شىرىن بۇلاق،ھىدايەت گۈلزارى...... قاتارلىق كىتاپلار ئوقۇپ پايدىلىنىشقا،يىغىپ ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ.
سىز ئۇقۇپ بولغان ياكى ياقتۇرمايدىغان كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىپ سالغان بولسام ئۆزرىلىكمەن.