نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى
1. ئاياللارنىڭ، بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ «ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداشتا، ئايال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ خىل قوغداش ئاياللارنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى نورمال تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر.
2. ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش
ئالاقىدارلارنىڭ توي قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، خاتالىق بار -يوقلىقى، پەرزەنتلەرنى بېقىش-باقماسلىقى(بىۋاستە)، تۇرالغۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ھەمدە باشقا خىل ھەل قىلىش شەرتى ۋە يوللىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، مۇۋاپىق ۋە ئادىل ھالدا ئىگىدارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىپ، ئىگىدارنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش شەرتى ئاستىدا تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
3. پەرزەنتلەرنى بېقىۋاتقان(بىۋاستە)، مېيىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار تەرەپنى ئاۋۋال ئويلىشىش
تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئۆينى تەشەببۇس قىلىش شەرتى ئوخشاش بولسا، چوقۇم پەرزەنتلەرنى(بىۋاستە) بېقىۋاتقان، مېيىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار تەرەپنى ئاۋۋال ئويلىشىش كېرەك.
4. مۇرەسسە بىلەن كېلىشىشنىڭ بىردەكلىدە چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى
تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. زىددىيەتنى ئازايتىش، تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنى نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىدە ئامال بار كېلىشتۈرۈش كېرەك.
5. خاتالىق يوق تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈش
خاتالىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى. تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھە لقىلغان ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ شارائىتى ئوخشاش بولسا، چوقۇم خاتالىقى يوق تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
مەنبە:
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5MDA2MzMyMA==&mid=200090180&idx=1&sn=001e7b8548ee2878ce462529dcad6ebc&scene=3#rd
(تۇنجى قېتىم ئەسەر تەرجىمە قىلىشىم بولغاچقا، خاتالىقلار مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەر. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمغا ياردىمى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.)