سىز بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشى
تەرجىمىگە ئىزاھات : ئالامەت (دەرىجىدىن تاشقىرى ،سۇپىر ، چاۋشىڭ) يۇلتۇز
http://www.chaoxing.com تورىدىن ئالى مەكتەپلەرنىڭ فىزىكا ۋە ماتىماتىكا تور دەرسلىكلىرىنى ئاڭلاش جەرىيانىدا ياڭ تىيەنشى ئەپەندى سۆزلىگەن جىياڭ جىيېشىنىڭ بىز بىلمەيدىغان تەرەپلىرى جۇملىدىن دولەت ئىچى ، خەلقئارا سىياسەت ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، شىنجاڭ ، مۇڭغۇلىيە مەسلىسى جەھەتتىكى توھپىلىرى تارىخى نوقتىدىن چۇشەندۇرۇلگەن لىكسىيىسىنى ئۇچراتتىم ۋە كوپچىلىك بىلەن بىرگە ئوگنىش ۋە كوپچىلىكتىن تەرجىمانلىقتا تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە ، خەنزۇ تىلى (ئالى مەكتەپتىمۇ تەييارلىقتا ئۇقۇمىغان ۋە خەنزوتىلىغا سىنىپ بۇيىچە ئاجىز ئىدىم)سەۋىيەمنىڭ تۇۋەنلىگى ، قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تارىخ بىلمىمنىڭ كەملىكىگە قارىماي تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق كۇرۇپ ، بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم ، تەرجىمدە ئاۋازنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ، بىرقىسىم نوقتىلار چۇۋالچاق چىقىشى مۇمكىن ، چۇشىنىشلىك بولمىغان نوقتىلار ، خاتا قىلىنغان نوقتىلار بولسا ، ئەسلى لىكسىيىگە مۇراجئەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن .
تەرجىمىدىكى تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر ۋە ھەرىپلەر ئەسلى سۆزلىگۇچىنىڭ سۆزى بولماستىن ، جۇملە ۋە چۇشىنىش ئھتىياجى تۇپەيلىدىن تەرجىمە جەرىيانىدا قۇشۇلدى ، كوپچىلىكنىڭ توغرا چۇشۇنىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
تەرجىمىدە كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلەر بولسا ، كوپچىلىكنىڭ ئەسلى لىكسىيىنى ئاساس قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . شۇنداقلا ، ئىنكاس يازغاندا سىياسى ۋە قانۇن جەھەتتە پارتىيە ، دۆلەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن .
لىكسىيە جەمئى 6 قىسىم بۇلۇپ ، قىسىملار ۋە بۇلەكلەر بۇيىچە تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاساسەن ئىنكاس شەكىلىدە يوللىنىدۇ. ئاخىرىدا تەھرىرلىنىدۇ ، شۇڭا ، تۇلۇق پۇتۇپ ۋە تەھرىرلىنىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن باشقا تور بەتلەرگە يوتكەشكە بولمايدۇ. قىزىققۇچىلارنىڭ بىرگە تەرجىمە قىلىشقا قۇشۇلۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن ، خاتا ياكى يىتەرسىز بۇلۇپ قالغان تەرەپلەر بولسا تەلىم بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
لىكسىيە مەنزىلى :
http://video.chaoxing.com/serie_400003446.shtml
لىكسىيە سۆزلىگۇچى :ياڭ تىيەنشى
مەنبە : ئۇستاز(سۆزلىگۇچى) نى تۇنۇشتۇرۇش
http://video.chaoxing.com/teacher_461.shtml
ياڭ تىيەنشى ، 1960-يىلى بېيجىڭ ئونۋېرسېتىتى جۇڭگۇ ئەدەبىياتى فاكولتېتىنى پۇتتۇرگەن، ھازىر جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەخىرى نام بۇلۇمنىڭ ھەيئىتى ،ئاكادىمىيە ئاسپىرانتورىيسىنىڭ فىرافىسورى ، مەركەز مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتخانىسى ئەزاسى ، جۇڭگۇ ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئىلىمى جەميىتىنىڭ دائىمى ئىشلار مۇئاۋېن جەميەت باشلىغى .ئۇزاق مەزگىل جۇڭگۇ مەدەنىيەت تارىخى ۋە جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخى تەتققاتى بىلەن شۇغۇللانغان ، بۇلۇپمۇ جۇڭخۇا مىنگو تارىخى ، گومىنداڭ پارتىيىسى تارىخى ۋە جىياڭ جىيېشى تەتقىقاتىدا يىتىشكەن. يازمىلىرىدىن <<ھەقىقى جىياڭ جىيېشىنى ئىزدەش - جىياڭ جىيېشى كۇندىلىك خاتىرىسىنى ئۇقۇش>> ، << جىياڭ جەمەتى مەخپى ئارخىۋى ۋە جىياڭ جىيېشىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى>>قاتارلىق 20تۇردىن ئارتۇق بار. يازمىلىرىدىن <<ھەقىقى جىياڭ جىيېشىنى ئىزدەش>> دىگەن كىتاۋى پۇتۇن مەملىكەتتىكى 31 ئاخبارات ۋاستىسى تەرىپىدىن 2008 –يىلدىكى 10 ياخشى كىتاپلىققا ئورتاق كۆرسۇتۈلگەن، ھەم شىياڭگاڭ كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
1- قىسىم:
مەنزىل:
http://video.chaoxing.com/play_400003446_30122.shtml
مەن جىياڭ جىيېشىنىڭ كۇندىلىك خاتىرىسى ياكى باشقا ئارىىپ ماتىرىياللار ئارقىلىق بايقىغان بىز ئوتمۇشتە بىلمەيدىغان جىياڭ جىيېشىنىڭ تۇرمۇش ،ئىدىيە ، ئىشلىرى جەھەتتىكى بىر قاتار نوقتىلار توغرىسدا ئازراق سوزلەيمەن.
جىياڭ جىيېشى دىگەن بۇ ئادەم 1975 –يىلى ۋاپات بولغان.
بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىلمىغان. يەنى ۋاپات بولغان (جەسەت ساندۇغى يېپىلغان ) بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ (ھاياتى)غا قارىتا ئورتاق بىرلىككە كەلگەن خۇلاسە چىقىرىلمىدى ، (ئۇنىڭ ھاياتىغا بىرىلگەن )باھادا شۇنداق دىيىشىكە بۇلىدۇكى ئىككى قۇتۇپ قارشىلىشىش ، ئاسماندىكى بىلەن يەردىكىنىڭ قارشىلىشىشى بۇلۇپ قالدى ، پەرق ناھايىتى زور!. كوپچىلىك (بۇنىڭغا)ئىسپات تەلەپ قىلسا ناۋادا كوپچىلىك سۇمرۇغ تورىغا چىقسا ، مىنىڭ ئىككى پارچە ماقالەم (توغرىسىدا) تورداشلار ھازىر مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ. بىر پارچىسى مەن يازغان <<جىياڭ جڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قانداق قايتىپ كەلگەن >>، يەنە بىر پارچىسى بولسا <<جىياڭ جىيېشى ئامىرىكىنىڭ جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاتۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا 3 قېتىم قارشى تۇرغان >>بۇلۇپ ھەر بىر پارچە ماقالىغا 100گە يېقىن تورداشلار ئىنكاس يىزىش ئارقىلىق پىكىرىنى ئىپادىلىگەن ، بىرخىل پىكىر : جىياڭ ھەزرەت – مىللى قەھرىمان ، قەھرىمان ، جىياڭ ھەزىرەتكە ئېھتىرام بىلدۇرىمىز . يەنە بىر خىل قاراش بولسا جىياڭ جىيېشى – مىللى مۇناپىق (دىگەندىن ئىبارەت). شۇنىڭدىن قارىغاندا ، جىياڭ جىيېشىغا نىسبەتەن باھادىكى (قارىمۇ-قارشى بولغان)پەرق – ناھايىتى ئۇزۇن تارىخى دەۋىرگىچە داۋاملاشقىدەك.
ئۇنداق بولسا بۇگۇن مەن بىر نەچچە تەرەپتىن سۆزلەيمەن.
1- مەسلە جىياڭ جىيېشى ۋە دۇنيا ڧاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى
بۇ نوقتىدا زور كوپچىلىك جىياڭ جىشىنىڭ 1937-يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە بولغان 8 يىللىق (ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا ) قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان (دىگەن پىكىرگە) قۇشۇلىدۇ. بۇنى مەن سوزلىمەيمەن.
بۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ جىياڭ جىيېشى ۋە ئىككىنچى (دۇنيا)چوڭ ئۇرۇشى يەنى بىز دائىم دەيدىغان ڧاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش مۇناسىۋىتى توغرىسدا سوزلەيمەن.
ئالدى بىلەن مىنىڭ سۆزلەيدىغىنىم :
جىياڭ جىيېشى ۋە گىرمانىيە
جىياڭ جىيېشى بىلەن گىرمانىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى ئىدى ، جىياڭ جىيېشى ئەسلىدە ھېتلىرغىمۇ ناھايىتى قايىل ئىدى .
ئۇمۇمى مۇناسىۋەت ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نىسبەتەن قۇيۇق ئىدى ،(ئۇرۇشنىڭ)كىيىنكى دەۋىرىدە مۇناسىۋەت تەدىرىجى يىراقلاشتى ، جۇڭگۇ گومىنداڭ ھۇكۇمىتى ئەنگىليە ، ئامىرىكا قاتارلىق دولەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى ، گىرمانىيە بولسا تەدىرىجى تۇردە ياپۇنىيەگە يېقىنلاشتى ، تەدىرىجى ھالدا ياپۇنىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزدى .
1940 –يىلى جۇڭگۇ دىپلۇماتىيە ساھەسى ، جۇڭگۇ سىياسى ساھەسىدە جۇڭگۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا قايسى دولەت بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش ،(يەنى) ئامىرىكا ، ئەنگلىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى گىرمانىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇش كېرەكمۇ؟ (دىگەن مەسلىدە) بىر مەيدان چوڭ مۇنازىرە بولۇپ ئوتتى .
ئەسلىدە بۇ مەسلە ئەمەس ئىدى ، جۇڭگۇ ئاللىبۇرۇن ئەنگىليە ، ئامىرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇنداق بولسا بۇ مەسىلە 1940 –يىلى قايتىدىن نىمە ئۇچۇن ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ؟
ئاساسلىغى 1940 – يىلى جۇڭگۇ ئەنگىليە مۇناسىۋىتىدە ئىككى چوڭ ئىش يۇز بەردى. بىرىنچى ئىش ئەنگىليە جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن شىياڭگاڭغا بارىدىغان يولنى تاقىدى ، ئۇرۇش مەزگىلىدە شىياڭگاڭ –جۇڭگۇنىڭ چەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ، بۇلۇپمۇ قۇرال ياراق ۋە سىتىراتىگىيىلىك ماددى ئەشيا سېتىۋالىدىغان يول ئىدى ، ئەنگىليە ياپۇنىيىدىن قۇرقاتتى ، شۇڭا ئەنگىليە جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن شىياڭگاڭغا بارىدىغان يولنى تاقىغان ئىدى .
ئىككىنچى ئىش بولسا ئەنگىليە يۇننەن بىرما تاشيۇلى يەنى يۇننەندىن بىرمىغا بارىدىغان تاشيولنى ياپۇنىيىنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن تاقىۋەتتى .
بۇ ئىككى يولنىڭ تاقىلىشى جۇڭگۇ بىلەن چەتئەلنى ئايرىۋەتتى ، جۇڭگۇ ئۇرۇش قىلىشتا تاشقى دۇنيادىن قۇرال ياراق ئىمپۇرت قىلىشى ، سىتىراتىگىيىلىك ماددى ئەشيا ئىمپورت قىلىشى ، قۇرال ئىمپۇرت قىلىشى كېرەك ئىدى. يول تاقىۋىتىلسە ئۇرۇشنى قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇڭا ، ئەنگىليەنىڭ بۇ ھەركىتى جۇڭگۇنىڭ دىپلۇماتلىرى ، جۇڭگۇنىڭ سىياسى داھىلىرى ۋە جۇڭگۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئاچچىقلاندۇردى.
1940 – يىلى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئىشلار يۇز بەردى؟
ھىتلىر پولشاغا ھۇجۇم، ڧىرانسىيىگە ھۇجۇم ، بىلگىيىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ياۋرۇپا دولەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوزغىدى، شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى گىرمانىيەلىكلەر ، گىرمانىيە ئارمىيىسى غەلبىنى ئارقا -ئارقىدىن ئۇڭۇشلۇق قولغا كەلتۇردى ، ماۋزىدوڭنىڭ بىر مىسراسىدا دىيىلگەندەك (گىرمانىيەنىڭ) تۇمەن قۇشۇن (ى) يۇپۇرتۇپ كىلىپ (دۇشمەننى) كىگىز تۇرگەندەك تۇرىۋەتتى. گىرمانىيە ئارمىيىسى ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا (تەڭ كەلگىدەك) رەقىپنى تاپالمىدى ، بۇ ۋاقتتا گىرمانىيە ئىنگىلاند دېڭىز بوغىزىدىن ئۇتۇپ لوندۇنغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئەنگىليە بىزنىڭ (شىياڭگاڭغا تۇتاش) يۇلىمىزنى تاقىۋەتتى ، ئەمما ، گىرمانىيەلىكلەر ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا تەڭداشسىز بۇلۇپ قالدى، شۇڭا ، جۇڭگۇ دىپلۇماتىيە ساھەسى ، سىياسى ساھەسىدىكىلەردە بىر مەسلە – جۇڭگۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشتا كىم بىلەن بىللە تۇرۇش ( مەسلىسى ) شەكىللەندى.
ئىككى ئادەم دىپلۇماتىيە سىياسىتىنى ئوزگەرتىش ، گىرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ، گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قايسى ئىككى مۇھىم زات گىرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؟
1- قىسمىنىڭ داۋامى بار ، مۇمكىن بولسا تەھرىلەپ قويساڭلار ، مىننەتدار بۇلاتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-2 09:54 PM