مۇنبىرىمىزدە wwe نىڭ ھەۋەسكارلىرى خېلى باركەن
WWEبولسا ئۇ بىر كۆڭۈل ئېچىشنى مەخسەت قىلغان تىلۋىزىيىلىك ئۇيۇن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى . پاي چېكى بازارغا سېلىنغان . { مىكمېىن } جەمەتى ئەڭ چوڭ پاي چىكىغا ئىگە ، گەرچە بۇ بىر تىلۋىزىيەلىك ئۇيۇن مۇسابىقىسى بولسىمۇ ماھىرلار ئىرىشكەن ھەرخىل چىمپىيۇنلۇق ناملىرىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ ... سەھنە ئارقىسىدا مەخسۇس ھەركەت رىجىسورلىرى ، ۋەقەلىك لاھىيلەيدىغان مەخسۇس تالانىت ئىگىلىرى بار بۇلۇپ WWE ماھېرلىرى شۇلارنىڭ يېزىپ بەرگەن سەھنە ئىچى ۋە سەھنە سىرتىدىكى ۋە قەلىكلىرىنى مەيداندا ۋە مەيدان سىرتىدا ئۈزىنىڭ ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويناپ چىقىدۇ ... ۋەقەلىكلەر بىر جەريان بۇلۇپ باشلىنىدۇ . داۋاملىشىدۇ ۋە ئاخېرلىشىپ يەنە قايتىدىن كىشى ئويلاپمۇ باقمايدىغان دەرىجىدە يىڭى ۋەقەلىكلەر مەيدانغا كىلىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ ... ماھېرلار ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مەيدان ئىچىدە ۋە مەيدان سىرتىدا زىدىيەتلىك ۋە زىدىيەتسىز بولغان ۋەقەلەرنى ئۇستۇلۇق بىلەن ھەل قىلىدۇ ... ئۇلار كۇلۇپتىن ئىش ھەققى ئالغاندىن سىرت مەيدانغا چىقىش ھەققى . كۇلۇپ ئالمىشىش ھەققى . كىنولاردا رول ئېلىش ھەققى . ئېلانغا چىقىش ھەققى قاتارلىق ئىنتايىن يۇقرى ھەقلەرگە ئىرىشىدۇ ، ۋە شۇ ھەقلەرگە چۇشلۇق بەدەنگە چېنىقىش ئارقىلىق ئىگە بۇلىدۇ .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن wwe سەھنىسىدىن چىكىنىپ چىققان ئەڭ داڭلىق ماھىرلاغا نەزەر تاشلايمىز.
1_باتىستا
تۇلۇق ئېسمى : David Michael Bautista
دۈلەت تەۋەلىكى : ئامېركا
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1969 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 95 سانتېر
wwe غا رەسمى كىرگەن ۋاقتى : 1997 - يىلى مۇسابىقە مەيدانىدىكى لەقىمى : ياۋايى مەخلۇق يەنەبىر لەقىمى : مۇسكۇل پەرىشتىسى
ئەجەللىك زەربىسى : بومبىنىڭ پارتلىشى { يەنى رەقىبىنى كۈتۈرۈپ يەرگە ئۇرۇشى }
باتىستا 2010 - يىلى 4 - ئايدىكى جون سىينا بىلەن بولغان { مەن ۋاز كەچتىم } چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا سىناغا يىڭىلگەن ۋە ئېغىر يارلانغانلىقى ئۈچۈن مۇسابىقىدىن چىكىنىپ داۋالانغان .
كىيىن بىر مەزگىل ufc دا مۇسابىقىگە قاتناشقان، ھەم ئۇ يەردىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغان ، لېكىن بۇ يىل 2014-يىلى ئۇ ناھايتى يۇقىرى باھا بىلەن قايتىدىن WWEغا قايتىپ كەلدى ، Royal Rumble 2014皇家大战2014 مۇسابىقىسىدە 30 كىشلىك ئېلىش تۈرۈدە چىمپىيون بولدى، مانا بۇ ئادرىستىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ .
http://www.91vs.com/show/4500.html