|
|
|
|
سورۇندىكى باي ھاجىم
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
بېرىپ قالدىم بىر كۈنى، مەرىكىدىكى سورۇنغا. ئېرىشتىممەن تۆردىكى، ئۆبدانلا بىر ئورۇنغا.
سورۇندىكى باي ھاجىم، بىز مىللەتتىن سۆز ئاچتى. تۆردىكى ھەممە كىشى، دىققەت بىلەن كۆز ئاچتى.
باي ھاجىم گەپ باشلىدى: <<دېھقانلىرىمىز بىلىمسىز، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ساپاسىز ھەم ئىلىمسىز.
پۇلنى دەپلا چاپىمىز، ئېتقادىمىز بەك سۇيۇق. نادانلىققا چۆكۈنۈپ، ئۇخلىغانلار بەك قۇيۇق.
ساۋادىمىز بار تۇرۇپ، ئوقۇمايمىز كىتابنى. قايسى دوختۇر ساقايتار، بىزدەك ئېغىر بىتابنى.
ھەر كۈنلۈكى يەھۇدى، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇيدۇ. بىزنىڭ مىللەت تېخىچە، گۈللۈك گىلەم توقۇيدۇ.
كىتابلارنىڭ تراژى، نېمە ئۈچۈن بەكلا ئاز. سېتىۋالماس ھېچكىممۇ، بىرەر كىتاب قىشى - ياز.
ھە بوپتۇلا كۆرمەيلى، كىتابنىمۇ بىر قېتىم. ئەمما تەقدىر ئۈستىدە، ئويلىنايلى مىڭ قېتىم.
ھەقىقەتتە كۆزىمىز، ھەممە بىردەك كورلاشتى. يالغان گەپكە بارچىسى، بىر مۇقامدا خورلاشتى.
كىم پۇل بەرسە يۈگۈردۇق، ئاق -قارىنى ئويلىماي. كىرىۋەردۇق دېڭىزغا، چوڭقۇرىنى بويلىماي.
قاچان تۈگەر بىزدىكى، بۇنداق ناچار ئىللەتلەر. بىزنى كۆرۈپ كۈلمەسمۇ، باشقا قەۋم - مىللەتلەر.
گېپىم توغرا بولسا گەر، ئازراق ئويلاپ قويۇڭلار. دەيدىغىنىم يەنە شۇ، ئىلىم - پەننى سۆيۈڭلار>>.
باي ھاجىم سۆز تۈگىتىپ، چوڭقۇر تىنىپ ئۇھ تارتتى. سورۇندىكى كىشىلەر، ئاڭا باشقا قارايتتى.
مەنمۇ قارىدىم بۆلەكچە، ھەق سۆزلىدى بۇ كىشى. باشقا ئادەم بولسا گەر، بۇنداق گەپكە نېمە ئىشى.
دۇئا بىلەن سورۇندىن، ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق. ھاجىم بىلەن باشقىچە، قول سىقىشىپ كۆرۈشتۇق.
مەنبە:ھەسەنجان قەلىمى.
|
|
|
|
|
|